بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> چالغۇلىرىمىز >> ئۇيغۇر چالغۇلىرىدىن <<چاڭ>>

ئۇيغۇر چالغۇلىرىدىن <<چاڭ>>

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-15 11:11:17    كۆرۈلۈش سانى : 110  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
چاڭ بۇ قەدىمكى چەكمە چالغۇلار تۈرىگە تەۋە بولۇپ، خىلمۇ خىل شەكىلدىكى مۇزىكىلار، بولۇپمۇ شاد - خۇرام ھېسسىياتقا ئىگە ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشقا ناھايىتى ماس كېلىدىغان چالغۇلارنىڭ بىرى. ئۇ جۈپ قول بىلەن ئىككى تال چۇكا تاياق ئارقىلىق تارغا ئۇرۇپ - سوقۇپ چېلىنىدىغان بىر خىل چالغۇ بولۇپ، بەزىدە ئالاھىدە ھېسسىيات تەلىپىگە بىنائەن سول قول بارماقلىرى تارنى چېكىپ بېسىپ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق قالۇنسىمان تېيىلما ئاھاڭ شەكلىدىكى تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ، مۇزىكىنىڭ يېقىملىقلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكىس سادا ساندۇقى قالۇنىغا ئوخشاش كەڭ، ياپىلاق بولۇپ، ئالدى تار، كەينى كەڭرەك، ئىككى تەرىپى ئوخشاش ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ قوش پازىلىق (چوڭراق)، يالغۇز پازىلىق (كىچىكرەك) ئىككى خىل نۇسخىسى بار. ئادەتتە ئۈچ ياكى تۆت پولات سىمى بىر گۇرۇپپا قىلىنىپ، بىرلا ئاھاڭغا تەڭشىلىدۇ. چاڭنىڭ دەسلەپتە 2 - 3 گۇرۇپپا ئاۋازلىق شەكىللىرى بولغان. ھازىر يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغانلىرى تۆت گۇرۇپپىدىن ئاشىدۇ. چاڭنىڭ تەڭشىلىشى يەتتە ئاھاڭلىق تەبىئىي ئاۋاز باسقۇچلىرى تەرتىپى بويىچە ئۈچ ياكى تۆت قۇر تىزىلغان ھالەتتە بولىدۇ. ئۇ جازىغا ياكى يەرگە تۈز ياتقۇزۇلۇپ، بامبۇكتىن ياسالغان بىر جۈپ چوكا بىلەن چېلىنىدۇ. چوكىنىڭ ئۇچىغا رېزىنكە ياكى كىگىز قويۇلغان بولۇپ، ئاۋازى جاراڭلىق، تولۇق سادالىق بولىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئۇيغۇر چالغۇلىرىدى...
●  جاللا
●  باس غىرجەك
●  تاش
●  ساپايى
●  قۇشتار
●  نەينىڭ تارىخى
●  باس قۇشتار
●  پەنجىتار
●  چالغۇلىرىمىزدىن قو...
●  بەرباب
●  دۈمداپ
●  يان دۇمباق
●  تەمبۈر
●  دارا دۇمباق
●  چاپلىما راۋاب
●  كولدۇرما
●  غىرجەك
●  قالۇن
●  قويچى راۋابى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئۇيغۇر چالغۇلىرىدىن <<چا...
●  جاللا
●  باس غىرجەك
●  تاش
●  ساپايى
●  قۇشتار
●  نەينىڭ تارىخى
●  باس قۇشتار
●  پەنجىتار
●  چالغۇلىرىمىزدىن قوشۇق

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى