قۇشتار
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-04 13:12:10 كۆرۈلۈش سانى : 80
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
قۇشتار دەستىسىنىڭ ئۈستىگە بۇلبۇلنىڭ شەكلى ئويۇپ ياسىلىدىغان بولغاچقا، بۇرۇن ئۇ <قۇشتار> دەپ ئاتالغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ نامى خاتا ھالدا <خۇشتار> دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى چاپلىما راۋابقا ئوخشاش ياغاچ تاختايلىرىدىن چاپلىنىپ، يېرىم نەشپۈتسىمان شەكىلدە ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى سۈزۈك ۋە جاراڭلىق كېلىدۇ، بويى تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر. يۇمىلاق باشلىق غىرجەككە ئوخشاش تۆت تارلىق، 5 گرادۇسلۇق مۇناسىۋەت بويىچە تەڭشىلىدۇ. قۇشتار قەدىمكى غىرجەك ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان چالغۇ بولۇپ، چېلىش ئۇسۇلى ۋە تەڭشىلىشى غىرجەك ۋە ئىسكىرىپكا بىلەن ئوخشاش.
بۇ خىل قۇشتار ئوركېستىردا <يۇقىرى ئاۋازلىق قۇشتار> دەپ ئاتىلىدۇ. يېقىندىن بېرى گەۋدىسى سەل يوغانراق بولغان <ئوتتۇرا ئاۋازلىق قۇشتار> لارمۇ ياسىلىپ، ئۇيغۇر ئوركېستىرىدا ئىشلىتىلمەكتە. ئۇنىڭ تارلىرىنىڭ تەڭشىلىشىمۇ ئوتتۇرا ئىسكىرىپكا بىلەن ئوخشاش. |
|