ساپايى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-07 13:07:52 كۆرۈلۈش سانى : 75
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بۇ قەدىمكى زامان سوقما چالغۇلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دەسلەپتە ياۋا ئۆچكىنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسالغان. ھازىرقى ساپايى ئۆرۈك، ياڭاق ۋە ئۈجمە ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئىككى تال دۈگىلەك ياغاچ ساپنى بىر - بىرىگە جۈپلەپ، ئۈستىگىرەك ئورۇنغا ئىككى تال چوڭ تۆمۈر ھالقا بېكىتىلىپ ياسىلىدۇ (بەزىدە بىر تال ياغاچ ساپتىن ياكى ئۆچكە مۈڭگۈزىدىنمۇ ياسىلىدۇ). ھەر بىر تۆمۈر ھالقىغا 10 نەچچە تالدىن ئۇششاق تۆمۈر ھالقىلار ئۆتكۈزۈلگەن بولىدۇ. ساپايىنى تىك كۆتۈرگەندە كىچىك تۆمۈر ھالقىلارنىڭ ياغاچ ساپقا تېگىشىدىغان ئورنىغا ئاۋازى جاراڭلىق چىقىش ئۈچۈن قەلەي بېكىتىلىدۇ.
ساپايى چالغان چاغدا ياغاچ ساپنىڭ ئاستىدىكى تەرىپىدىن چىڭ تۇتۇپ، جەينەك ۋە قول بوغۇملىرىنىڭ ئەركىن - ئازادە ھەرىكىتى ئارقىلىق ياغاچ ساپ يۇقىرى - تۆۋەنگە ئۇدارلىق، رىتىملىق ھالدا ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، تۆمۈر ھالقىلار ياغاچنىڭ سېپىغا بىر خىل ئۇداردا ئۈزلۈكسىز تەگكۈزۈلىدۇ. نەتىجىدە، مۇزىكا رىتىمىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ. ساپايىنىڭ دەستىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 46 سانتىمېتىر، چوڭ ھالقىنىڭ دىئامېتىرى 9 سانتىمېتىر، كىچىك ھالقىلارنىڭ دىئامېتىرى 3 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. چېلىش جەريانىدا ساپايىنىڭ يۇقىرىقى ئۇچى ۋە تۆۋەنكى ئۇچىنى ئۇدارغا كەلتۈرۈپ ھەر بىر سىلكىگەندە ئوڭ مۈڭگۈز، قول، يەر ۋە باشقا جايلارغا يېنىك تەگكۈزۈپ قويۇلىدۇ." |
|