جاللا
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-05 12:50:45 كۆرۈلۈش سانى : 84
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
جاللا بۇ قەدىمكى زامان كۇچا مۇزىكا ئوركېستىرىدىكى مۇھىم سوقما چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر خەلق ئارىسىدا <جاڭ - جاڭ> دەپمۇ ئاتىلىۋاتىدۇ. ئادەتتە بىر جۈپ چوڭ جاللاغا بىر نەچچە كىچىك جاللانى قوشۇپ بىر گۇرۇپپا قىلىپ ياكى بىر نەچچە گۇرۇپپا جاللالار ناغرا - دۇمباقلار بىرلىكتە خىلمۇ خىل ئۇدار - رىتىملىرىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ قەدىمكى زامان كۇچا ئۇيغۇرلىرىنىڭ شىر - يولۋاس ئويۇنى، نىقابلىق ئويۇنلىرىدا تەنتەنە قىلىش ئۈچۈن جاللا ئاساسلىق رول ئوينىغان.
جاللا قەدىمدىن تارتىپ مىس ياكى تۇچتىن، ئوتتۇرىسى يېرىم شار شەكلىدە كۆپتۈرۈلۈپ، چۆرىسى دۈگىلەك تەخسىسىمان ھالدا ياسالغان، ئۇ ئىككى جاللا بىر جۈپ ھالدا ئىككى قول بىلەن تومپىيىپ چىقىرىلغان قىسىمنىڭ ئۇچىغا بېكىتىلگەن لاتا ياكى شوينا تۇتقۇچىدىن تۇتۇلۇپ، سىلىق يۈز تەرىپىنى (ئويمان ئاستى تەرىپىنى) ئۆز ئارا بىر - بىرىگە سوقۇشتۇرۇپ چېلىنىدۇ ۋە ئاجايىپ تەسىرلىك، تەنتەنىلىك تەخمىنەن 15 - 20 سانتىمېتىر، چوڭلىرىنىڭ تەخمىنەن 30 - 40 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. |
|