نەينىڭ تارىخى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-30 12:48:20 كۆرۈلۈش سانى : 85
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئەڭ قەدىمكى نەي ھايۋانلارنىڭ ياسالغان ئىككى ياكى ئۈچ تۆشۈكلۈك نەي بولۇپ، ئۇ تۈرك ۋە ھون چارۋىچىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قورالى (مال ھەيدەيدىغان قامچىسىنىڭ دەستىسى) ۋە چالغۇسى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. كېيىنچە ئۇ، قومۇشتىن ياسىلىدىغان بولغان، ھازىر ئىشلىتىۋاتقانلىرىمىز بامبۇك ۋە مېتالدىن ياسالغان ئىككى خىل نەيدۇر. نەينىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەر خىل بولۇپ، سۆڭەكتىن ياسالغانلىرى 20 سانتىمېتىر، قومۇشتىن ياسالغانلىرى 40 - 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ.
ئۇ يانتۇ تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇ بولۇپ (بەزىلىرى تىك تۇتۇلۇپ بىر ئۇچىدىن پۈۋلەپ چېلىنىدۇ)، ئۈستىدە كۆپلىگەن ئاۋاز تۆشۈكلىرى بولىدۇ. بارماقلار بىلەن ئاۋاز تۆشۈكلىرىنى تولۇق ۋە يېرىم ئېتىش ئارقىلىق خىلمۇ خىل پۈتۈن ۋە يېرىم ئاھاڭلارنى چېلىشقا بولىدۇ. ئۇ ئاۋاز يۇقىرى، جاراڭلىق، ئاۋاز دائىرىسى كەڭ، ئاۋاز تۈسى مۇڭلۇق بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، كۆپىنچە يالغۇز ئورۇندىلىدۇ. مۇزىكا ئوركېستىرىدىمۇ شوخ، تېتىك بولغان يۇقىرى ئاۋاز قىسىملىرىدا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. ئادەتتىكى نەينىڭ سەككىز دانە تۆشۈكى بولىدۇ.
ھازىر شىنجاڭ جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر (420 - 581 - يىللىرى) دەۋرىدىكى ئۈچ تۆشۈكلۈك بىر دانە سۆڭەك نەي ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ توققۇز ساراي دېگەن يېرىدىن قېزىۋېلىنغان نەي بولۇپ، ئۇ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ چالغۇسىدۇر." |
|