بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ئويۇنلىرىمىز >> تاۋۇز تېرىش ئويۇنى

تاۋۇز تېرىش ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-17 11:43:49    كۆرۈلۈش سانى : 102  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
تاۋۇز تېرىش ئويۇنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە قىز- ئوغۇللار تەرىپىدىن ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىدا، قۇملۇقلاردا، زىرائىتى يىغىۋېلىنغان ئېتىزلىقلارنىڭ باشلىرىدا ئوينىلىدۇ. ئويۇن باشلاشتىن بۇرۇن قىز - ئوغۇللار ئارىلىشىپ ئىختىيارىي يوسۇندا ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ. ئاندىن ھەر قايسىسى ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئىشقا سېلىپ، <ئېتىز> لارنى ياسايدۇ ۋە چۆنەك ئېلىپ تاختا شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنى ئاساسەن ئوغۇللار ئورۇندايدۇ. قىزلار بولسا <تاۋۇز پېلىكى> (دەل - دەرەخلەرنىڭ پاخاللىرى)، <تاۋۇز> (ئالما، ئامۇت ياكى سېرىقتال بولغان جىگدە قاتارلىقلار) نى تەييارلايدۇ. شۇنداقلا يەنە تاۋۇز تېرىش، سۇغىرىش، پەرۋىش قىلىش ھەتتا تاۋۇز پىشقاندا پىچىپ يېيىشكە كېرەكلىك ھەر خىل سايمانلارمۇ ھازىرلىنىدۇ. بۇ ھەممەيلەننىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئويۇن رەسمىي باشلىنىش بىلەن ئوغۇل - قىزلار گۇرۇپپىلار بويىچە ئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئوغۇللار چۆنەك قېشىنى ئاغدۇرۇۋاتقان، قىزلار ئۇرۇق سېلىۋاتقان ھەرىكىتىنى دورايدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا تاۋۇز <ئۈنۈپ> پېلەك تارتىشقا باشلايدۇ. ئويۇنغا قاتناشقانلار ئالدىن تەييارلىۋالغان گوستاڭلارنىڭ چۆنەك قاشلىرىغا قىيپاش ھالەتتە سانجىيدۇ. ئارقىدىن ھەر بىر <پېلەك> كە بىر نەچچىدىن جىگدىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ <تاۋۇز> پەيدا قىلىدۇ. ھايال ئۆتمەي جىگدىلەر ئالما، ئامۇتقا ئورۇن بېرىدۇ، بۇ <تاۋۇز> نىڭ پىشقان پەسلى ھېسابلىنىدۇ. گۇرۇپپىلار ئارا <تاۋۇز سەيلىسى> گە تەكلىپ قىلىشنى باشلىۋېتىدۇ. مېھمان بىلەن ساھبىخان تاۋۇزلۇققا جەم بولۇشىدۇ، مېھمانلار ئېتىز بېشى ياكى تاۋۇزلۇق ياقىسىدا چىرايلىق ئولتۇرىدۇ ياكى تاۋۇزلۇقنى ئارىلاپ كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ساھىبخانلار مېھمانلارغا ئاتىغان تاۋۇزلىرىنى ئېلىپ كېلىپ پىچىپ بېرىدۇ. ياكى ئۇلارنىڭ مەيلىگە قويىدۇ. مېھمان بىلەن ساھىبخان ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتىدىغان بۇ خىل ھەرىكەتلەر باشتىن - ئاخىر تەرتىپلىك، مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىر تەرەپنىڭ تاۋۇزلۇقىدا بولۇشقا تېگىشلىك پائالىيەتلەر تۈگىگەندىن كېيىن، مېھمان بىلەن ساھبىخاننىڭ ئورنى ئالمىشىدۇ، باشتا تەكلىپ قىلغانلار ئەمدى تەكلىپ قىلىنغۇچىلار ئورنىدا مېھمان بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپنىڭ تاۋۇزلۇقىدىمۇ يۇقىرىقىدەك مېھماندارچىلىق تەرتىپلىرى تەكرارلىنىدۇ. بالىلار ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مېھمانداچىلىقىنىڭ ئاخىرىدا <تاۋۇز بەك ئوخشاپتۇ، قەندەك ئىكەن، قولۇڭلار دەرد كۆرمىسۇن، ئېتىزىڭلار تولسۇن، تاۋۇزلار ساينىڭ تېشىدەك ئاۋۇپ كەتسۇن، تاۋۇزلارنى يېگىلى نېسىپ بولسۇن، يامان كۆزدىن ساقلىسۇن، يەنە كېلىڭلار، قولىمىز كۆكسىمىزدە، كۆپتە كۆپ بولار، كۆپتە بەرىكەت بار، كەلگەن قەدىمىڭلارغا رازى بولۇڭلار ...> دېيىشىپ ئويۇننى تاماملايدۇ. بۇ ئويۇن كىشىلەرنى ھالال ئەمگەك قىلىشقا، چىن دوستلۇققا ئۈندەيدۇ. ئەدەپ - ئەخلاق ۋە دىيانەتكە، مېھماندۇستلۇققا ئۈندەيدۇ. ئاتا - ئانىسى شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان دېھقانچىلىقنىڭ قىسمەن نازۇك تەرەپلىرىدىن ئاز - تولا ساۋاتقا ئىگە قىلىدۇ."


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تاۋۇز تېرىش ئويۇنى
●  چىكۇڭ ئويۇنى
●  تەپكۈچ ئويۇنى
●  رەگەتكە ئويۇنى
●  ئوردا تۆشۈكى ئويۇن...
●  قۇم خالتا ئويۇنى
●  ئوردا ئېتىش ئويۇنى
●  ئالىقان بىلەن ئىتت...
●  ئۆستەڭدىن سەكرەش ئ...
●  سەگۈنچەك ئويۇنى
●  ئانىكام چۆچۈرە ئوي...
●  قارا - قارا قۇشلارى...
●  ئوشۇق ئويۇنى
●  قۇۋۇز چېلىش ئويۇنى
●  قارىغۇ چاشقان ئويۇ...
●  چاچ كېسىش ئويۇنى
●  تاش ئويۇنى
●  غىل تېيىلىش ئويۇنى
●  چانا ئويۇنى
●  ئات ياساپ ئويناش ئۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تاۋۇز تېرىش ئويۇنى
●  چىكۇڭ ئويۇنى
●  تەپكۈچ ئويۇنى
●  رەگەتكە ئويۇنى
●  ئوردا تۆشۈكى ئويۇنى
●  قۇم خالتا ئويۇنى
●  ئوردا ئېتىش ئويۇنى
●  ئالىقان بىلەن ئىتتىرىش ...
●  ئۆستەڭدىن سەكرەش ئويۇنى
●  سەگۈنچەك ئويۇنى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى