بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ئويۇنلىرىمىز >> رەگەتكە ئويۇنى

رەگەتكە ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-06 11:39:50    كۆرۈلۈش سانى : 74  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
رەگەتكە ئويۇنى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چەنلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىغان ئويۇن تۈلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئويۇن شىنجاڭدىكى ھەممە مىللەتلەر ئۈچۈن ئورتاق ئويۇندۇر. بۇ ئويۇندا، ياشلار ئوتتۇرا بارماق توملۇقىدىكى ئاچا ياغاچنىڭ ئۇچىغا بىر سانتىمېتىر كەڭلىكتە، 50 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى رېزىنكىنىڭ ئىككى ئۇچىنى باغلاش ئارقىلىق ياسالغان رەگەتكىنى ئاساسىي قورال قىلىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: رەگەتكىگە تاش قىستۇرۇپ، قۇشلارنى ۋە نىشان قىلىپ بەلگىلەپ قويۇلغان نەرسىلەرنى چەنلەپ ئېتىشتا ئۆز ئارا بەسلىشىدۇ. ئويۇندا قايسى كىشى نىشان قىلىنغان نەرسىلەرنى ئېتىپ چۈشۈرسە، شۇ كىشى مەرگەن ھېسابلىنىدۇ. بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش ئۈچۈن، كۆرۈنگەنلا يەرلەردە، ئاممىۋى سورۇنلاردا رەگەتكە ئويناشقا يول قويماسلىق كېرەك. مەكتەپلەردە بۇ ئويۇننى ئويناش تېخىمۇ چەكلىنىدۇ. رەگەتكە ئويۇنىنى كەڭ دالىلاردا، ئادەمسىز جايلاردا ئويناشقا ھەمدە بەلگىلىك سورۇن ھازىرلاپ، مەلۇم ئېگىزلىكتىكى بىر جازا ئورنىتىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسىنى قويۇپ، رەگەتكە ئارقىلىق چەنلەپ ئېتىش مۇسابىقىسى تەشكىللەشكە بولىدۇ. مۇسابىقىنى يەككىلەر بويىچە ياكى ئادەم سانى ئوخشاش بولغان گۇرۇپپىلار بويىچە ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، نىشان قىلىپ قويۇلغان نەرسىلەرنى ئەڭ كۆپ چەنلەپ چۈشۈرگەن تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ."


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تاۋۇز تېرىش ئويۇنى
●  چىكۇڭ ئويۇنى
●  تەپكۈچ ئويۇنى
●  رەگەتكە ئويۇنى
●  ئوردا تۆشۈكى ئويۇن...
●  قۇم خالتا ئويۇنى
●  ئوردا ئېتىش ئويۇنى
●  ئالىقان بىلەن ئىتت...
●  ئۆستەڭدىن سەكرەش ئ...
●  سەگۈنچەك ئويۇنى
●  ئانىكام چۆچۈرە ئوي...
●  قارا - قارا قۇشلارى...
●  ئوشۇق ئويۇنى
●  قۇۋۇز چېلىش ئويۇنى
●  قارىغۇ چاشقان ئويۇ...
●  چاچ كېسىش ئويۇنى
●  تاش ئويۇنى
●  غىل تېيىلىش ئويۇنى
●  چانا ئويۇنى
●  ئات ياساپ ئويناش ئۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تاۋۇز تېرىش ئويۇنى
●  چىكۇڭ ئويۇنى
●  تەپكۈچ ئويۇنى
●  رەگەتكە ئويۇنى
●  ئوردا تۆشۈكى ئويۇنى
●  قۇم خالتا ئويۇنى
●  ئوردا ئېتىش ئويۇنى
●  ئالىقان بىلەن ئىتتىرىش ...
●  ئۆستەڭدىن سەكرەش ئويۇنى
●  سەگۈنچەك ئويۇنى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى