بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ئويۇنلىرىمىز >> سەگۈنچەك ئويۇنى

سەگۈنچەك ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-25 10:50:01    كۆرۈلۈش سانى : 20  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
سەگۈنچەك ئويۇنى ئىلەڭگۈچ ئويۇنىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. بۇ ئويۇن ئومۇمەن ياز كۈنلىرى ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرى ياكى دەرەخزارلىق باغلاردا، ئايرىم ھاللاردا قىش پەسلىدە ئېگىز ئايۋان پېشايۋانلىق ھويلىلاردا قىز - چوكانلارنىڭ ئوينىشىغا باب كېلىدىغان، تەنتەربىيە تۈسىنى ئالغان بىر خىل ئويۇن. ئويۇن ئوينايدىغان قىزلار ئورۇن ۋە ۋاقىتنى ئالدىن بېكىتىۋالىدۇ. ئاندىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىر - بىرىنى چاقىرىشىپ پۈتۈشكەن جايغا يىغىلىدۇ. شارائىتنىڭ يار بېرىشىگە قاراپ سەگۈنچەككە لازىملىق ئارغامچا - تانا، ئەدىيال، كۆرپە، چوڭ بارماق توملۇقىدا ياغاچ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالغاچ كېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئويۇن قانداق جايدا ئوينىلىشتىن ئاۋۋال سەگۈنچەك بەلگىلىك ئارىلىقتىكى بىر جۈپ دەرەخ، تۈۋرۈك ياكى ئىشىك - دېرىزە راملىرى ئارىسىغا ياسىلىدۇ. بالىلارنىڭ بويى يەتكۈدەك ئېگىزلىك ئۆلچەم قىلىنىدۇ. سەگۈنچەكنىڭ باش - ئاياغ تەرىپى پەرقلىق بولىدۇ. تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، ئۇچقۇچى بىلەن تەۋرەتكۈچى ئالدىن بەلگىلىنىپ چىقىدۇ. قالغانلار سەگۈنچەك ئەتراپىدا تۇرۇپ ئىككىيلەننىڭ ئويۇنلىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ ھەرىكەتكە باھا بېرىدۇ. ھەرىكىتى ئۆلچەملىك، نەپىس، سەنئەتلىك بولغانلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۆزلىرىگە ئۆگىتىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلىشىدۇ. ئەكسىچە بولغانلارغا سەمىمىي تەكلىپ ۋە ياردەم بېرىدۇ. <ئۇچقۇچى> سەگەنچۈكتە توغرىسىغا ئولتۇرۇپ، ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ ئۇزىتىپ، ئېگىزرەك كۆتۈرىدۇ. بېشىنى ئارقىسىغا غادايتىدۇ. ئىككى قولىدا سەگەنچۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئارغامچىنى مەھكەم تۇتۇپ ئۇچۇرتۇشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. تەۋرەتكۈچى يان ياكى ئارقا تەرەپتە تۇرۇپ ئارغامچا ياكى <ئۇچقۇچى> بالىنىڭ دۈمبىسىدىن بوش - بوش ئىتتىرىدۇ. بۇ جەرياندا ئويۇنغا تەۋە قوشاق ئوقۇيدۇ. ئېلانى - گۇچانى، ئۇچتۇڭ - ئۇچتۇڭ. قىر ئاشمايسەن، ياكى يۈگۈرۈپ، ئويناپ چاپمايسەن. ... ... ... ...  × × × ئىشىك ئالدى ئۇلۇغ دەريا، ئوتتۇرىسى تارىم. ئۇ قېشىغا ئالما ئاتتىم، ئالدىڭمۇ يايرىم. ئۆتەي دېسەم شۇ دەريادىن، قورقىمەن جېنىم. ئۆتمەى دېسەم ئىشىق ئوتۇڭدا، كۆيىمەن  جېنىم. ئۇيقۇم كەلدى كېچىسى، كۆزۈم يۇمۇلدى. بوينۇمدىكى مارجاننىڭ يىپى ئۈزۈلدى. بوينۇمدىكى مارجاننىڭ يىپى ئەۋرىشىم. قاچانلىققا كۆرۈشىمىز، جېنىم ئادىشىم. بۇ قوشاقلار تەۋرەتكۈچىلەر ۋە ئويۇن كۆرگۈچىلەر تەرىپىدىن تۆۋەنرەك ئاۋازدا سەنئەتلىك ئوقۇلىدۇ. سەگۈنچەككە چىققان قىز پۇت - قولى ۋە بەدىنىنى قائىدە بويىچە ھەرىكەتكە ماسلاشتۇرۇشى، تەۋرەتكەچكە ئىسىلىۋالماسلىقى، ئېغىرىنى سالماسلىقى، ئۆزىنى تاشلاپ يېتىۋالماسلىقى لازىم. بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئويۇن كۆرسىتىشى، قالايمىقان چۇقان سالماسلىقى، تەۋرەتكۈچىگە ئورۇنسىز تەلەپ قويماسلىقى كېرەك. تەۋرەتكۈچىمۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىپ ئويۇننىڭ كۆڭۈللۈك خۇلاسىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، سەگۈنچەكنى قاتتىق تەۋرەتمەسلىكى، ئويۇن كۆرگۈچىلەرنى قەستلىمەسلىكى، شەخسىيەتچلىك قىلماسلىقى، ئويۇننىڭ مەزمۇن دائىرىسى ئىچىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى، قوشاق بىلەن تەۋرىتىشنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ، تاماشىبىنلارنى رازى قىلىشى لازىم. ئويۇن يۇقىرىقى تەرتىپلەر بويىچە داۋاملىشىدۇ. شۇ كۈنلۈك ئويۇنغا قاتناشقان قىزلارنىڭ ھەر بىرىگە بىر قېتىمدىن ئۇچۇش نۆۋىتى كېلىدۇ. ئويۇن بىر قانچە  قىز تەرىپىدىن تەڭ ئوينالسىمۇ ۋە ئورۇنلانسىمۇ بولىدۇ."


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تاۋۇز تېرىش ئويۇنى
●  چىكۇڭ ئويۇنى
●  تەپكۈچ ئويۇنى
●  رەگەتكە ئويۇنى
●  ئوردا تۆشۈكى ئويۇن...
●  قۇم خالتا ئويۇنى
●  ئوردا ئېتىش ئويۇنى
●  ئالىقان بىلەن ئىتت...
●  ئۆستەڭدىن سەكرەش ئ...
●  سەگۈنچەك ئويۇنى
●  ئانىكام چۆچۈرە ئوي...
●  قارا - قارا قۇشلارى...
●  ئوشۇق ئويۇنى
●  قۇۋۇز چېلىش ئويۇنى
●  قارىغۇ چاشقان ئويۇ...
●  چاچ كېسىش ئويۇنى
●  تاش ئويۇنى
●  غىل تېيىلىش ئويۇنى
●  چانا ئويۇنى
●  ئات ياساپ ئويناش ئۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تاۋۇز تېرىش ئويۇنى
●  چىكۇڭ ئويۇنى
●  تەپكۈچ ئويۇنى
●  رەگەتكە ئويۇنى
●  ئوردا تۆشۈكى ئويۇنى
●  قۇم خالتا ئويۇنى
●  ئوردا ئېتىش ئويۇنى
●  ئالىقان بىلەن ئىتتىرىش ...
●  ئۆستەڭدىن سەكرەش ئويۇنى
●  سەگۈنچەك ئويۇنى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى