بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ئويۇنلىرىمىز >> غىل تېيىلىش ئويۇنى

غىل تېيىلىش ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-17 10:37:52    كۆرۈلۈش سانى : 17  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
مۇز ئۈستى ماھارىتى تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىەر كۆپىنچە تېز سۈرئەتلىك مۇز تېيىلىش، فىگورا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، مۇز توپ قاتارلىقلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. خىراجەت كەتمەيدىغان، زور كۈچ سەرپ بولمايدىغان، خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان، يولغا قويۇشقا ئاسان بولغان مۇز ئۈستى ئويۇنلىرىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپمۇ قويمايدۇ. مۇز ئۈستى ئويۇنىمىز - غىل تېيىلىش، ئەنە شۇ ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى. غىل تېيىلىش ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىش كۈنلىرى دەريا - كۆللەر، ئېتىز - ئېرىق ۋە ئۆستەڭلەردىكى مۇزدا تېيىلىپ ئوينايدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇن. ئۇ كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى چېنىقتۇرۇپ، تەمكىنلىكىنى، قەيسەرلىكىنى، ئەپچىللىكىنى ۋە ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ پائالىيەت شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: بۇرۇنلاردا غىل تېيىلغۇچىلار ئۆتۈكىنىڭ پاشنىسىغا ناھال قاقتۇرۇۋالاتتى. غىل تېيىلغۇچى يىراقتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، پۇتىنىڭ ئۇچىنى سەل كۆتۈرۈپ پۇتىنى تىكلىگەن پېتى ئىككى قولىنى يانغا كېرىپ، ناھال ئارقىلىق مۇزنى سىجاپ ئىز چىقىرىپ تېيىلىپ ماڭىدۇ. غىل تېيىلىش ئىككى خىل بولىدۇ. بىرىنچى خىلى، كۆلىمى كەڭ، ئارىلىقى ئۇزۇن كەلگەن مۇز ئۈستىدە ئۇزۇن ئارىلىققا تېيىلىش، ئىككىنچى خىلى، كۆللەردە ئايلىنىپ تېيىلىشتىن ئىبارەت. غىل تېيىلىش شەكلى ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن مۇز ئۈستىدە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئويۇن. ئەگەر تېيىلغۇچى جۈرئەتلىك بولمىسا، بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ماھىر بولمىسا، ئۇزۇن ئارىلىققا تېيىلىپ بارالمايدۇ. شۇڭا، خەلق ئارىسىدا كىم ناھال قويۇپ ئۇزۇن ئارىلىققا تېيىلالىسا، كۆللەردە تېيىلىپ كۆپرەك ئايلىنالىسا، شۇ كىشىنىڭ غىل تېيىلىش ماھارىتى ئۈستۈن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئويۇننى قىزىقارلىق ئېلىپ بېرىش ۋە ئۆز ئارا رىقابىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاددىي مۇسابىقە قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، كانىكى ئالالمايدىغان، مۇز مەيدانى كىچىك ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئۆسمۈرلەر ئىچىدە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلسا بولىدۇ. لېكىن، زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ناھال قېقىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. بۇ ئويۇن ئوغۇللار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. قىزلارمۇ دەريا - كۆللەردىكى مۇز ئۈستىدە غىل تېيىلىدۇ. بۇلارنىڭ غىل تېيىلىشىنى بۇرۇنلاردا <چوكان غىل> دەپ ئاتايتتى. قىزلار كۆپىنچە مۇز ئۈستىدە ياكى مۇزغا يېقىن يەردىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ غىل تېيىلىدۇ، كىم ئۇزۇن ئارىلىققا تېيىلىپ بارالىسا، شۇ كىشى قالتىس ھېسابلىنىدۇ."


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تاۋۇز تېرىش ئويۇنى
●  چىكۇڭ ئويۇنى
●  تەپكۈچ ئويۇنى
●  رەگەتكە ئويۇنى
●  ئوردا تۆشۈكى ئويۇن...
●  قۇم خالتا ئويۇنى
●  ئوردا ئېتىش ئويۇنى
●  ئالىقان بىلەن ئىتت...
●  ئۆستەڭدىن سەكرەش ئ...
●  سەگۈنچەك ئويۇنى
●  ئانىكام چۆچۈرە ئوي...
●  قارا - قارا قۇشلارى...
●  ئوشۇق ئويۇنى
●  قۇۋۇز چېلىش ئويۇنى
●  قارىغۇ چاشقان ئويۇ...
●  چاچ كېسىش ئويۇنى
●  تاش ئويۇنى
●  غىل تېيىلىش ئويۇنى
●  چانا ئويۇنى
●  ئات ياساپ ئويناش ئۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تاۋۇز تېرىش ئويۇنى
●  چىكۇڭ ئويۇنى
●  تەپكۈچ ئويۇنى
●  رەگەتكە ئويۇنى
●  ئوردا تۆشۈكى ئويۇنى
●  قۇم خالتا ئويۇنى
●  ئوردا ئېتىش ئويۇنى
●  ئالىقان بىلەن ئىتتىرىش ...
●  ئۆستەڭدىن سەكرەش ئويۇنى
●  سەگۈنچەك ئويۇنى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى