بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ئويۇنلىرىمىز >> ئالىقان بىلەن ئىتتىرىش ئويۇنى

ئالىقان بىلەن ئىتتىرىش ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-01 12:02:40    كۆرۈلۈش سانى : 67  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئالىقان بىلەن ئىتتىرىشىش ئويۇنى ئۇيغۇر ياشلىرى يەكمۇ يەك كۈچ سىنىشىدىغان ئويۇن. ئويناش ئۇسۇلى: بۇ ئويۇن ئىككى خىل ئوينىلىدۇ. بىرىنچى خىلى، بەسلەشكۈچى ئىككى كىشى 80 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئارىلىق قويۇپ، قارىمۇ قارشى تۇرۇشىدۇ. ئاندىن ئىككى قول ئالىقانلىرىنى ئۆز ئارا چاپلاپ تىرەيدۇ. مۇسابىقە باشقۇرغۇچى ئىتتىرىشىش ئىشارىسى بەرگەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن تۇرۇش ئارىلىقىدىن ئاجراتماي، ئۆز ئارا ئىتتىرىشىپ بىر - بىرىنى ئۆز ئورنىدىن قوزغىۋىېتىشكە تىرىشىدۇ، ئىتتىرىپ قوزغىۋەتكەن ئادەم يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى خىلى، ئىككى كىشى 80 سانتىمېتىر ئارىلىق قويۇپ، قارىمۇ قارشى تۇرىدۇ. ئويۇن باشقۇرغۇچى ئىتتىرىشىش ئىشارىسى بەرگەندىن كېيىن، بەسلەشكۈچىلەر بىر - بىرىنىڭ ئالىقانلىرىغا ئالىقانلىرىنى چاپلاپ ئىتتىرىشىشنى باشلايدۇ. ئويۇندا كۈچلۈك، چېچەن، ئىنكاس قايتۇرۇشچانلىقى تېز بولغان ئادەم پۇرسەتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر كېلىدۇ. ئۇ قارشى تەرەپ ئۆزىنى كۈچىنىپ ئىتتىرگەندە، ئالىقىنىنى تېزدىن تارتىۋالىدۇ - دە، قارشى تەرەپ كۈچىنىش ئىنېرتسىيىسىنى كونترول قىلالماي قوزغىلىپ كېتىدۇ ياكى بولسا قارشى تەرەپ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالماي تۇرغاندا ئارقىغا ئىتتىرىۋېتىپ، ئورنىدىن قوزغىۋېتىدۇ. بۇنىڭدا مەيلى ئالدىغا قوزغىۋەتسۇن، ياكى كەينىگە قوزغىۋەتسۇن، ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتكەن بالا يېڭىلگەن بولىدۇ. كوماندا بېرىلمەستىن بۇرۇن ئىتتىرىشنى باشلاشقا ياكى  قارشى تەرەپنى تۇتۇۋېلىپ ئالدى - كەينىگە تارتىپ ئىتتىرىشكە بولمايدۇ. بۇنداقتا نەتىجىسى ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ. بىرلا قېتىم ئىتتىرىشىش ياكى ئۈچ قېتىم ئىتتىرىشىش ئارقىلىق يېڭىش - يېڭىلىشنى بەلگىلەش مۇسابىقىدىن بۇرۇن بەلگىلىنىدۇ."


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تاۋۇز تېرىش ئويۇنى
●  چىكۇڭ ئويۇنى
●  تەپكۈچ ئويۇنى
●  رەگەتكە ئويۇنى
●  ئوردا تۆشۈكى ئويۇن...
●  قۇم خالتا ئويۇنى
●  ئوردا ئېتىش ئويۇنى
●  ئالىقان بىلەن ئىتت...
●  ئۆستەڭدىن سەكرەش ئ...
●  سەگۈنچەك ئويۇنى
●  ئانىكام چۆچۈرە ئوي...
●  قارا - قارا قۇشلارى...
●  ئوشۇق ئويۇنى
●  قۇۋۇز چېلىش ئويۇنى
●  قارىغۇ چاشقان ئويۇ...
●  چاچ كېسىش ئويۇنى
●  تاش ئويۇنى
●  غىل تېيىلىش ئويۇنى
●  چانا ئويۇنى
●  ئات ياساپ ئويناش ئۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تاۋۇز تېرىش ئويۇنى
●  چىكۇڭ ئويۇنى
●  تەپكۈچ ئويۇنى
●  رەگەتكە ئويۇنى
●  ئوردا تۆشۈكى ئويۇنى
●  قۇم خالتا ئويۇنى
●  ئوردا ئېتىش ئويۇنى
●  ئالىقان بىلەن ئىتتىرىش ...
●  ئۆستەڭدىن سەكرەش ئويۇنى
●  سەگۈنچەك ئويۇنى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى