تۇخۇم چۆچۈرىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-07-04 13:01:46 كۆرۈلۈش سانى : 199
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
خۇرۇچى:
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇخۇم تۆت دانە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، كۈدە (جۈسەي) 500 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇ يېغى 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، يۇمغاقسۈت ئازراق.
ئېتىش ئۇسۇلى:
1. تۇخۇمنى چېقىپ ئۇنىڭغا پۇرچاق ئۇنى، تۇز، قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ. قازاننى قىزىتىپ ئازراق ياغ قۇيۇپ قازاننى ياغلاپ، تۇخۇم شىرىسىنى قۇيۇپ، نېپىز تۇخۇم پوشكىلى ياساپ، ئاندىن ئۇنى ئۇششاق توغراپ، توغرالغان كۈدە، تۇز، كاۋاۋىچىن ۋە سۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تۇخۇم قىيمىسى تەييارلىنىدۇ. 2. بۇ ئاشنىڭ خېمىرى ئادەتتىكى چۆچۈرە خېمىرىدەك تەييارلىنىدۇ. بىر جىلتقا كىچىك قوشۇقتا يېرىم قوشۇقتىن تۇخۇم قىيمىسى سېلىپ، چۆچۈرە تۈگىلىدۇ. 3. قايناق سۇ ياكى شورپىغا تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، تۈگۈلگەن چۆچۈرىنى سېلىپ، پەس ئوتتا 10 ـ15 مىنۇت سىم - سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان چۆچۈرىگە يۇمغاقسۈت ياكى پىننە سېلىپ، سۈيى بىلەن چىنىلەرگە ئۇسىلىدۇ. |
|