چۆچۈرە
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-21 12:37:21 كۆرۈلۈش سانى : 143
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
خۇرۇچى:
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۆڭەكلىك قوي گۆشى 500 گرام، زىرە ئازراق، پىياز ئۈچ باش، قارىمۇچ ئازراق، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە ئازراق، پەمىدۇر ئىككى دانە، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، سۇڭپىياز بىر تال.
ئېتىش ئۇسۇلى:
1. گۆشنى شىلىپ ئۇششاق توغراپ، پىيازنى چاناپ، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز ۋە ئازراق سۇ ياكى شورپا ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييار
لىنىدۇ.
2. خېمىرنىڭ تۇزىنى كۈچلۈكرەك قىلىپ يۇغۇرۇپ، نېپىز يېيىپ، بەش كۋادرات سانتىمېتىر چوڭلۇقتا جىلت كېسىپ، ھەربىر جىلتنىڭ ئىچىگە ئاز - ئازدىن قىيما ئېلىپ چۆچۈرە تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ.
3. گۆشنىڭ سۆڭەكلىرىنى قاينىتىپ، ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، پەمىدۇر، تۇز سېلىپ شورپا تەييارلىنىدۇ. قايناۋاتقان شورپىغا چۆچۈرىنى سېلىپ، قايناپ چىققاندا قۇيرۇق ياغنى ئۇششاق توغراپ سالىدۇ. چۆچۈرە لەيلەپ چىققاندا ئوتنى پەسلىتىپ، 3 ـ5 مىنۇت پىشۇرۇپ، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە سېلىپ چۆچۈرىنى شورپىسى بىلەن چىنىگە ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
|
|