پىلتە لەڭمەن
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-15 11:13:57 كۆرۈلۈش سانى : 131
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئۇن بىر كىلوگرام، سامساق بىر باش، گۆش 175 گرام، ئاچچىقسۇ مۇۋاپىق، سۇ يېغى 105 گرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، جاڭدۇ 140 گرام، كاۋاۋىچىن سۇيى ئازراق، كۆك لازا ئىككى شوخ، سۇڭپىياز بىر تال، پەمىدۇر ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
خۇرۇچى:
يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، پەسىلگە قاراپ ئۇنغا تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، پورەك چىققىچە ئىشلەپ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن 35 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، زوۋۇلنى ياغلاپ تۇرۇپ بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىمىز. پىلتىلەرنى دەستىلەپ تىزغاندا، ھەر قەۋىتىنىڭ ئۈستىنى ياغلاپ تۇرۇش كېرەك. پىلتىلەرنى تەييار بولغاندا يەنە 15 - 10 مىنۇت تىندۇرغان ياخشى.
2. تىنغان پىلتىنى بىر - بىرىدىن ئېلىپ ئاشتاختىدا ئىككى ئالىقان بىلەن دومىلىتىپ تەكشىلىۋېلىپ، ئاندىن ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختا ئۈستىگە قاتار - قاتار تىزىلىدۇ.
ئاندىن ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ ئىككى بىلىكىمىزنى كېرىپ ئاستا ۋە دادىللىق بىلەن سوزۇپ، ئوتتۇرىسىنى ئاش تاختىغا بوش - بوش ئۇرۇپ، بىر غۇلاچ بولغاندا قاتلاپ يەنە سوزۇلىدۇ. ئىنچىكە سوزۇلغاندا، بىر ئالىقىنىمىزغا يىغىلغان پىلتە بېشىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئىنچىكە سوزۇلغان خېمىرنى قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئاش پىشقاندىن كېيىن سوزۇپ ئېلىپ، سوغۇق سۇدا چايقاپ، ئاندىن يا ئىسسىتىپ ياكى شۇ پېتىچە چىنىلەرگە ئېلىپ ئۈستىگە تەييارلانغان سەينى سالساق بولىدۇ. پىلتە لەڭمەننىڭ قورۇمىسىنى قورۇش ئۇسۇلى[
ئېتىش ئۇسۇلى:
1. گۆش نېپىز، ئۇزۇنچاق توغرىلىدۇ. كۆك لازىنى پاكىز يۇيۇپ، ئىچىدىكى ئۇرۇق ۋە تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ، جاڭدۇ بىلەن ئىككىسى توغرالغان گۆشچىلىك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. پەمىدۇر، سامساقلارنى ئۇششاق، سۇڭپىيازنى ئۇزۇن، ئىنچىكە توغراپ زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىنلارنى سۇغا چىلاپ تەمى چىقىرىلىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ، ياغ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، قىزارتىپ، سۇڭپىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، ئاندىن پەمىدۇر ئېزىلگۈدەك قورۇلىدۇ. جاڭدۇنى سېلىپ 80 پىرسەنت پىشقاندا، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى، كاۋاۋىچىن
سۈيىنى قۇيۇپ، كۆك لازا، سامساقلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ، ئاندىن ئازراق قايناق سۇ قۇيۇپ تۇز ۋە دورا - دەرمەك تەمىنى تەڭشەپ، سەينى تەييارلانغان ئاش ئۈستىگە ئالساق بولىدۇ. ياز كۈنلىرى يۇقىرىقىدەك كۆكتاتلار بىلەن قورۇلىدۇ.
قىش كۈنلىرى گۆش ۋە يېسىۋىلەك (بەسەي)، تۇرۇپ قاتارلىق ئاساسلىق كۆكتاتلار بىلەن قۇرۇتۇلغان پەمىدۇر ۋە قىزىلمۇچلارنى قوشۇمچە قىلىپ قورۇسا بولىدۇ. باشقا ئىختىيار قىلغان كۆكتاتلاردىن قورۇسىمۇ بولىدۇ.
پىلتە لەڭمەننى ئائىلىلەردە ئەتكەندە خېمىرنى ئالىقاندا ئېشىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سوزۇپ ئېتىدۇ.
" |
|