مېغىز تۈگمىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-15 11:14:55 كۆرۈلۈش سانى : 128
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
خۇرۇچى:
قوينىڭ ئومۇرتقا گۆشى 200 گرام، كۆيدۈرۈلگەن بامبۇك نوتىسى ئازراق، ياڭاق 10 تال، تۇخۇمنىڭ ئېقى ئۈچ دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سۇڭپىياز بىر تال، كۈنجۈت يېغى ئازراق، سامساق تۆت چىش، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، ئېرىتىلگەن قوي يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 105 گرام).
ئېتىش ئۇسۇلى:
1. قوينىڭ ئومۇرتقا گۆش ئۇزۇنلۇقى بەش سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئۈچ سانتىمېتىر قىلىپ نېپىز يالپاق توغرىلىدۇ؛ ياڭاقنى قايناق سۇغا چىلاپ ئۈچ ـ بەش مىنۇتتىن كېيىن شاكىلىدىن ئايرىپ، مېغىزىنى پۈتۈن چىقىرىپ، تۆت چىشقا بۆلۈپ، ئۈچىنچى، تۆتىنچى دەرىجىدە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ قورۇپ ئېلىنىدۇ. ئاندىن ھەر بىر تال گۆشنىڭ ئىچىگە بىر چىش مېغىز ئېلىپ ئوراپ، يېرىقلىرىنى چىلىغان پۇرچاق ئۇنى بىلەن يەملەپ تەخسىگە قويۇلىدۇ.
2. ئىككى تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۆپتۈرۈپ، ئۇنىڭغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇق شىرى ياسىلىدۇ.
3. شورپىغا زەنجىۋىل سۈيى، تۇز، تېتىتقۇ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ شورپا تەييارلىنىدۇ.
4. قازانغا ياغ قۇيۇپ تۆت دەرىجە قىزىتىپ، مېغىز تۈگمىسىنى قويۇق تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ ياغقا سېلىپ، لەيلەپ چىققىچە پىشۇرۇلىدۇ. ئاندىن ئۇلارنى ئالتە دەرىجە قىزىتقان ياغدا ئىككىنچى قېتىم يەنە تەكشى سارغايغىچە پىشۇرۇپ ئېلىپ تەخسىگە تىزىپ قو
يۇلىدۇ.
5. قازانغا ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، يالپاق توغرالغان بامبۇك نوتىسىنى سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى قۇيۇپ، شورپا پىشىپ قويۇقلاشقاندا كۈنجۈت يېغى سېپىپ، تىزىلغان تۈگمىلەرنىڭ ئۈستىگە تەكشى قويۇلىدۇ. |
|