بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تائاملىرىمىز >> بەلىش پىشۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

بەلىش پىشۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-24 13:32:47    كۆرۈلۈش سانى : 145  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، سۈت 280 گرام، ئەبجەش ياغ 140 گرام، سودا ئازراق، تۇخۇم ئۈچ دانە، قارىقات ياكى ئالما مۇرابباسى مۇۋاپىق، ئاق شېكەر 140 گرام.    قاچىغا تۇخۇمنى سېلىپ ئۇنىڭغا ئەبجەش ياغ، سودا، ئاق شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قوچۇپ كۆپۈك ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۈستىگە سۈتنى قۇيۇپ يەنە قوچۇپ، ئاندىن ئۇننى سېلىپ، پېچىنە خېمىرىنى قاتتىقراق يۇغۇرۇلىدۇ. بۇ خېمىرنى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ، ئىككى بۆلەك خېمىرنى لىسنىڭ چوڭلۇقىدەك قىلىپ نېپىز يېيىپ تەييارلىنىدۇ.  2. قارىقاتنى ئىشلىتىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن ئىسسىق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىلىدۇ؛ ئەگەر ئالما مۇرابباسى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى ئېزىپ يۇمشىتىلىدۇ.  3. دوخاپكىنىڭ لىسىنى ياغلاپ، يېيىلغان بىر پارچە خېمىرنى سېلىپ، ئۈستىگە يۇمشىتىلغان قارىقات ياكى ئالما مۇرابباسىنى تەكشى يېيىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قەۋەت خېمىر يېپىلىدۇ.  ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قارىقات ياكى مۇراببانى سۈركەپ، قالغان بىر پارچە خېمىرنى پىلتە قىلىپ ئۇزۇنچاق توم سوزۇپ، پىلتىلارنى بەلىشنىڭ ئۈستىگە بىر - بىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان قىلىپ تىزىپ كونگور شەكلىدە گۈل چىقىرىپ، يېرىم سائەت تۇرغۇزۇلىدۇ. ئاندىن دوخاپكىغا سېلىپ، نورمال ئوتتا پىشۇر ۇلىدۇ. پىشقان بەلىشنى سوۋۇتۇپ، خالىغان شەكىلدە كېسىپ تەخسىلەرگە تىزىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ. قارىقات ياكى مۇرابباغا تاماققا ئىشلىتىدىغان قىزىل رەڭ ئارىلاشتۇرسا كۆركەم بولىدۇ.   "


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تۇخۇم چۆچۈرىسى
●  توم لەڭمەن
●  چۆچۈرە
●  مېغىز تۈگمىسى...
●  كەسكەن لەڭمەن
●  بولكا پىشۇرۇشنى ئۆ...
●  پىلتە لەڭمەن
●  بەلىش پىشۇرۇشنى ئۆ...
●  پىننە چۆچۈرىسى
●  باچكا شورپىسى نى مۇ...
●  يالپۇز چۆچۈرىسى نى ...
●  باقالى پۇشۇرۇشنى ب...
●  قىيمىلىق قۇيماق
●  قۇيماق سالالامسىز
●  ھېيىتتا ئانىڭىزغا ...
●  ئاچچىق چۈچۈك بىلىق
●  زاڭ
●  قايماقلىق تەرخەمەك
●  يەلقازان كالا گۆشى
●  سامبۇسا پىشۇرۇشنى ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تۇخۇم چۆچۈرىسى
●  توم لەڭمەن
●  چۆچۈرە
●  مېغىز  تۈگمىسى
●  كەسكەن لەڭمەن
●  بولكا پىشۇرۇشنى ئۆگىنىۋ...
●  پىلتە لەڭمەن
●  بەلىش پىشۇرۇشنى ئۆگىنىۋ...
●  پىننە چۆچۈرىسى
●  باچكا شورپىسى نى مۇنداق ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى