شىبەلەر مائارىپى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-16 12:24:46 كۆرۈلۈش سانى : 112
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
شىبەلەرنىڭ مەكتەپ مائارىپى شىبە مىللىتى غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇرۇلۇشقا باشلىغان. 1769 - يىلى شىبە گازارمىسىدا ھۆكۈمەت مەكتىپى قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپ دائىرىسى ۋە شەكلى جەھەتتىن خەنزۇ، موڭغۇل، مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمەت مەكتىپى بىلەن ئوخشاش ئىدى. 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى شىبە مائارىپى ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار بېرىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئېرىشكەن. 1943 - يىلى شىبەلەرنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى 1528 نەپەرگە يەتكەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن شىبەلەر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولغان. 1965 - ھەر دەرىجلىك ھەرخىل تىپتىكى مەكتەپلەردىكى شىبە ئوقۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 3549 نەپەرگە، كەسپىي مەكتەپتە تۆت كىشىگە، تېخنىكا ئىشىچلار مەكتپىدە 17 كىشىگە، ئوتتۇرا مەكتەپتە 117 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 567 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدە 14 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكا مەكتەپتە 138 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 22 كىشىگە يەتكەن. شىبە مىللىتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار سانى باشلانغۇ مەكتەپتە 161 نەپەرگە، تېخنىكا مەكتەپتە بىر نەپەرگە، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالتە نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 33 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپتە بىر كىشىگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكا مەكتەپتە 16 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 10 كىشىگە يەتكەن. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن شىبەلەرنىڭ مائارىپى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىياتقا ئېرىشتى. 1999 - يىلى ھەرخىل ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار سانى بالىلار باغچىسىدا 795 نەپەرگە، باشلانغۇچ مەكتەپتە 4215 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 2101 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 947 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە 226 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 205 نەپەرگە يەتكەن. شىبە ئوقۇتقۇچىلار سانى، بالىلار باغچىسىدا 34 كىشىگە، باشلانغۇچ مەكتەپتە 422 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 236 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 73 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە يەتتە كىشىگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 57 نەپەرگە يەتكەن. 1999 - يىلى شىبەلەرنىڭ ھەر 10 مىڭ نوپۇسى ئىچىدە ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل تىپتىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار سانى، باشلانغۇچ مەكتەپتە 1044 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا 532 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 240 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە 57 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 52 نەپەرگە يەتكەن.'
|
|