ئۇيغۇرلار مائارىپى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-15 10:19:10 كۆرۈلۈش سانى : 505
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئۇيغۇرلار مەكتەپ مائارىپىنىڭ مەنبەسى ئسىلام دىنىنىڭ تارقىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 10 - ئەسىردە ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىرگەن. دىنىي مەسچىتلەر ۋە دىنىي مەكتەپلەر بۇنىڭغا ئەگىشىپ پەيدا بولۇشقا باشلىغان. قەدىمكى زامان مائارىپى شۇنىڭ بىلەن پەيدا بولغان. مىڭ سۇلالىسىگە كەلگەندىلا تەرەققىياتقا ئېرىشكەن. چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەن بولۇپ، دىنىي مەكتەپلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كۆلىمىمۇ زور بولغان. 19 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ھەقسىز مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگەتكەن. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يېڭىچە مەكتەپ قۇرۇپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئوقۇتققان. شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنى ئاكتىپلىق بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان. 1934 - 1935 - 1936 - يىللىرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئارقا - ئارقىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇغۇچى ئەۋەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 110 نەپىرى بار ئىدى. 1936 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلار مەكتىپىدە بىر تۇتاش ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش پەرمانىنى چۈشۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار مائارىپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان. 1940 - يىلى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى مائارىپ فاكۇلېتى تۇنجى قارار بىر سىنىپ مىللىي ئۇقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. 1943 - يىلى ھۆكۈمەت قۇرغان. تەشكىلاتلار قۇرغان، خەلق قۇرغان مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانى 290244كىشىگە يەتكەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، كونا مائارىپنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش، رەتكە سېلىش ئاساسىدا، زور كۈچ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇرغان. 1965 - يىلى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 570140 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچىلار 17946 نەپەرگە يەتكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار 52724 نەپەرگە، تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى 9128 نەپەرگە، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 2771 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار 216 نەپەرگە يەتكەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاياغلاشقاندىن كېيىن بولۇپمۇ 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئۇمۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلر مائارىپىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى ۋە بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلار مائارىپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. 1999 - يىلى مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، يەسلى بالىلىرى 24570 نەپەرگە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 1359714 نەپەرگە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 462708 نەپەرگە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 61825نەپەرگە، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 25898 نەپەرگە، ئادەتتىكى تېخنىكوم م مەكتەپلىرىدە 35618 نەپەر، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى سانى 17841 نەپەرگە يەتتى. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار يەسلىدە 976، باشلانغۇچتا 57635 نەپەرگە، تولۇقسىزدا 24803 نەپەرگە، تولۇق ئوتتۇرىدا 5212 نەپەرگە، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 1104 نەپەرگە، ئادەتتىكى تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە 857 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە باشلانغۇچتا 1671 نەپەرگە، تولۇقسىزدا 569 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرىدا 76 نەپەرگە، ئادەتتكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە 44 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە 22 نەپەرگە يەتتى.'
|
|