بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مائارپ >> خەلقئارا مائارىپ >> شىنجاڭ مائارىپى

شىنجاڭ مائارىپى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-16 10:44:05    كۆرۈلۈش سانى : 215  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
شىنجاڭنىڭ خەنزۇ مائارىپى مىلادى 5 - ئەسىردىن باشلانغان. ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلەر مائارىپى مىلادى 10 - ئەسىردىن باشلانغان. ئەينى ۋاقىتتىكى قاراخانىلار خاندانلىقى ئىسلام دىنىنى تەشەببۇس قىلغاچقا، ئىسلام دىنى مەكتىپى بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ قەدىمكى مەكتەپلەر مائارىپى تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن مەزگىلگە قەدەم قويدى. 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى 8 تۇغلۇق قوشۇن تۇرۇشلۇق ئورۇندا ھۆكۈمەت مەكتىپى، تەييارلىق مەكتەپ، يېزا مەكتىپى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا مەكتەپلەرنى تەسىس قىلدى ۋە ئوقۇغۇچى سانىنى بەلگىلەپ، كېجۇ تۈزۈمىنى يولغا قويدى. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كېجۇ تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى مەكتەپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، يېڭى مەكتەپ تۈزۈمىنى يولغا قويدى. 1906 - يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يېقىنقى زامان مەكتەپ باشقۇرۇش ئورگىنى تەسىس قىلدى. ئوقۇتۇش نازارەتچىلىكىنى دۇتوڭ ئۈستىگە ئالدى. 1908 - يىلى شىنجاڭ ئوقۇتۇش خىزمەت مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش مەھكىمىسى قۇشۇمچە تەسىس قىلىنىدى. 1910 - يىلى شىنجاڭدا تۆۋەن دەرىجىلىك مەكتەپتىن 597 سى بارلىققا كېلىپ، ئوقۇغۇچى سانى 15458 نەپەرگە يەتتى؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەخسۇس مەكتەپ 8، ئوقۇغۇچى سانى 895 گە يەتتى. 20 - ئەسىرنىڭ 30 يىللىرىدا شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى جۇڭگو كومپارتىيىسى ۋە ئىلغار زاتلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا مىللەتنى شەكىل، ئالتە چوڭ سىياسەتنى مەزمۇن قىلغان مىللىي مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇردى، شىنجاڭ مائارىپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. 1942 يىل پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتلار قۇرغان باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 271100 نەپەر، ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 3787 نەپەر، خەلق مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچى سانى 14694 نەپەر بولدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭ مائارىپى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلدى. 1999 - يىلى شىنجاڭدىكى ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەر جەمئىي 9707گە يەتتى، ئوقۇغۇچى سانى 408.8تۈمەنگە يەتتى (بۇ سانلىق قىممەت چوڭلار تېخنىكا تەربىيىسى مەكتىپى ۋە چوڭلار تۆۋەن دەرىجىلىك مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). بۇنىڭ ئىچىدە ئاسپىرانتلىقتا تەربىيلەش ئورگىنى 10، ئوقۇغۇچى سانى 901 نەپەر؛ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ 17، ئوقۇغۇچى سانى 54058 نەپەر؛ ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەخسۇس كۇرس مەكتىپى 113، ئوقۇغۇچى سانى 93445 نەپەر؛ ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ 1725، ئوقۇغۇچى سانى 1062380 نەپەر؛ كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ 116، ئوقۇغۇچى سانى 49871 نەپەر؛ باشلانغۇچ مەكتەپ 6796، ئوقۇغۇچى سانى 2507406 نەپەر؛ ئالاھىدە مەكتىپى 7، ئوقۇغۇچى سانى 681 نەپەر؛ چوڭلار ئالىي دەرىجىلىك مەكتىپى 27، ئوقۇغۇچى سانى 67633 نەپەر، چوڭلار ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەخسۇس كۇرس مەكتىپى 81، ئوقۇغۇچى سانى 33231 نەپەر؛ چوڭلار ئوتتۇرا مەكتىپى 14، ئوقۇغۇچى سانى 6423 نەپەرگە يەتتى؛ 1999 - يىلى ھەر بىر تۈمەن نوپۇس ئىچىدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن سانى، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 30.93 نەپەر، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكومدا 53.47 نەپەر، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 108.18 نەپەر، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 499.81 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپتە 1434.98 نەپەر.'


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شىبەلەر مائارىپى
●  قۇمۇل شەھەرلىك لى ي...
●  داغۇر مائارىپى
●  خەنزۇلار مائارىپى
●  شىنجاڭ مائارىپى
●  ئۇيغۇرلار مائارىپى
●  قىرغىز مائارىپى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شىبەلەر مائارىپى
●  قۇمۇل شەھەرلىك لى يۈەن ب...
●  داغۇر مائارىپى
●  خەنزۇلار مائارىپى
●  شىنجاڭ مائارىپى
●  ئۇيغۇرلار مائارىپى
●  قىرغىز مائارىپى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى