خەنزۇلار مائارىپى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-27 15:18:05 كۆرۈلۈش سانى : 190
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ۋىي، جىن ۋە جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ئىدىقۇت خاندانلىقىدا باشلانغان بولۇپ، تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە مەكتەپلەر تەسىس قىلىنغان. ئوقۇتقۇچى ۋە دەرسلىكلەر بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خەنزۇلار مائارىپى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، 1760 - يىلى ئۈرۈمچى، سانجىدىن ئىبارەت ئىككى جايدا ئورگان تەسىس قىلغان. 1767 - يىلى ئۈرۈمچىنىڭ ئىش بىجىرىش ئەمىرى ۋىنفۇ ھەر بىر شەھەردە بىر قانچە ئايرىمخانا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، بىر نەچچە ئۆي ئاجرىتىپ، بىردىن مەكتەپ قۇرۇش توغرىسىد بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەربىرىدە ئىككىدىن ئوقۇتقۇچى بار بولۇپ، مەكتەپ خىراجىتىنى ھۆكۈمەت ئۆز ئۈستىگە ئالغان. مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا جىنايەت ئارتىلىپ، شىنجاڭغا سۈرگۈن قىلىنغان ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلار ئىچىدىن تاللانغان. 1769 - يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا مائارىپ ئورگانلىرىنى قۇرۇپ ھەم ئوقۇغۇچىلار سانىنى بېكىتىپ، كېجۇ ئىمتىھان تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئىشلىرىنى دەسلەپتە شەنشى، گەنسۇ مەكتەپ مەھكىمىسى باشقۇرغان. 1884 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، كېجۇ ئىمتىھان تۈزۈمى ئىلى، ئونسۇ قاتارلىق چەت جايلارغا كېڭەيگەن. 1903 - يىلى مەنچىڭ ھۆكۈمىتى يېڭى مەكتەپلەر مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويدى. شىنجاڭدا 1905 - يىلى مەدرىس ۋە ھەقسىز مەكتەپلەر يېڭى مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلدى. يېقىنقى زامان مەكتەپلەر مائارىپى شۇنىڭ بىلەن گۈللنىشىكە باشلىدى. خەنزۇلر مائارىپىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلدى. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ياڭزىڭشىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بۇ مەزگىلدە خەنزۇلار مائارىپ تەرەققىياتى ناھىيىتى ئاستا بولدى. 1933 - يىلى شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئىلغار ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرى ۋە كوممۇنىستلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتى ۋە ئۇنى يولغا قويدى. خەنزۇلار مائارىپىمۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا ئېرىشتى. 1949 - يىلى مەكتەپلەردىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار سانى 15423 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچىلار 906 نەپەرگە يەتتى. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار سانى 1034 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچىلار سانى 78 نەپەرگە يەتتى. ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلار سانى 709 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچىلار سانى 58 نەپەرگە يەتتى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار سانى 194 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچىلار سانى 22 نەپەرگە يەتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، خەنزۇلار مائارىپى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن، 90 - يىللىرىغىچە بولغان مائارىپ ئىسلاھاتىدىن كېيىن، كۆلىمى مۇقىملىشىشقا، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىقلىشىشقا يۈزلىنىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 1999 - يىلى بالىلار مائارىپى باغچىسىدىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار سانى 170673 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى سانى 6925 نەپەرگە؛ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچى سانى 758792 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى سانى 09436 نەپەرگە؛ يېزا ئىگىلىك كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار سانى 25253 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچىلار سانى 2382 نەپەرگە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار سانى 250696 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى سانى 22399 نەپەرگە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچى سانى 95904 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى سانى 8085 نەپەرگە، ئوتتۇرا تېخنىكومدىكى ئوقۇغۇچى سانى 40645 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى سانى 3361 نەپەرگە، ئالىي مەكتەپ خەنزۇ ئوقۇغۇچى سانى 25876 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى سانى 4063 نەپەرگە يەتتى. ھەر ئون مىڭ نوپۇس ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 1149 نەپەر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 380 كىشى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 145 نەپەر، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكومدا 62 نەپەر، ئادەتتىكى مەكتەپلەردە 39 نەپەرگە يەتتى.'
|
|