قىرغىز مائارىپى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-21 13:05:43 كۆرۈلۈش سانى : 110
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى قىرغىزلار مائارىپى ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىتىبار بېرىشىگە ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئېرىشتى. 1943 - يىلى قىرغىزلارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلىر سانى 387 نەپەرگە يەتكەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن قىرغىزلار مائارىپى تېز تەرەققىياتقا ئېرىشتى. 1965 - يىلى قىرغىزلارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 8764 نەپەرگە، ئوتتۇرا مەكتەپتە 164 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 748 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدە 10 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكا مەكتەپتە 29 نەپەرگە، ئالىي مەكتەپتە 24 نەپەرگە يەتكەن. قىرغىز ئوقۇتقۇچىلار باشلانغۇچ مەكتەپتە 368 نەپەرگە، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈچ كىشىگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 43 كىشىگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىك مەكتەپتە ئۈچ كىشىگە، ئالىي مەكتەپتە ئۈچ كىشىگە يەتكەن. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن قىرغىزلار مائارىپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىياتقا ئېرىشتى. 1999 - يىلى مەكتەپتىكى ئوقۇغىچلار سانى بالىلار باغچىسىدا 361 كىشىگە، باشلانغۇچ مەكتەپتە 29614 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 7519 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 1556 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدە 817 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 271 نەپەرگە يەتكەن. قىرغىز ئوقۇتقۇچىلار سانى بولسا بالىلار باغچىسىدا 25 كىشىگە، باشلانغۇچ مەكتەپتە 1753 نەپەرگە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 490 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 27 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 14 كىشىگە يەتكەن. 1999 - يىلى قىرغىزلارنىڭ ھەر 10 مىڭ نوپۇس ئىچىدە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 1805 كىشىگە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 458 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 95 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە 50 كىشىگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 17 نەپەرگە يەتكەن.'
|
|