يېزا مائارىپىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-07 15:36:10 كۆرۈلۈش سانى : 189
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
يېزا مائارىپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشنى شەھەر مائارىپىغا قارىتىلىپ ئېيتىلغان بىرخىل راين خاراكتىرلىك مائارىپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى بولۇپ، 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى باشلانغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى بىر تۈرلۈك چوڭ تەدبىر. ئۇنىڭ مەنىسى، يېزا مائارىپىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ چوڭ سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ مائارىپى ساھەسىدىلا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئەمەس، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئۈچ تۈرلۈك مائارىپىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇنى بىرلىككە كەلگەن ئورگانىك گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش تۈزۈمى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى قاتارلىقلارغا ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. ئاساسلىق مەزمونى بولسا ئۈچ خىل مائارىپىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى يولغا قويۇپ، مائارىپىنىڭ پۈتۈنلۈك فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇش، دېھقانچىلىق ۋە ئىلىم - پەن مائارىپىنى بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇچقۇن پىلانىنى يولغا قويۇپ، مائارىپ ئۈنۈمىنى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. 1984 - يىلى 2 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ھۆججەت تارقىتىپ يېزا مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، جەددىلىكىنى تولۇق تونۇش، دېھقان - چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تەلەپ قىلدى. 1985 - يىلى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مائارىپقا قارىتا سىستېمىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، تەدرىجىي ھالدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ھەمدە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ماسلاشقان، مائارىپ سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېزا مائارىپىدا مائارىپى تۈزۈلمىسىدىن قول سېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، مائارىپ قۇرۇلمىسى، مائارىپ ئىدىيىسى، مائارىپ مەزمونى، تەربىيە ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىش كېرەك. 1987 - يىلدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۇرپان شەھىرى، بۈگۈر ناھىيىسى ۋە فۇكاڭ شەھىرى قاتارلىقلاردا يېزا مائارىپىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش تەجرىبە رايونلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. 1989 - يىلى 1 - ئايدا يۇقىرىدىكى ئۈچ ناھىيە، شەھەر مەملىكىتىمىزدىكى 115 يېزا مائارىپىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش تەجرىبە رايونلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 1989 - يىلى 9 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى شىنجاڭ بويىچە يېزا مائارىپىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش كادىرلارتەربىيىلەش سىنىپلىرىنى ئاچتى. 1990 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق، خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى يېزا مائارىپىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرىنى تەسىتقلاپ تارقاتتى. 1992 - يىلى 11 - ئايدا ئاپتونوم رايون فۇكاڭ شەھىرىدە يېزىلار مائارىپىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش خىزمەت يىغىنىنى چاقىردى. 1992 - يىلى 12 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا، يېزىلار مائارىپىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش تەجرىبە ناھىيىلىرى (شەھەر) لەر كۆپەيتىلدى. 1999 - يىلى 1 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەر خىزمەت كومىتېتى، مائارىپ كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەر خىزمەت كومىتېتى ۋە مائارىپ كومىتېتىنىڭ پارتىيە 15 - قۇرۇلتىيى ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر نى تۈزۈپ تارقاتتى. |
|