ماركسىزملىق تارىخىي قاراش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-20 11:09:46 كۆرۈلۈش سانى : 119
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ماركسىزملىق تارىخىي قاراش - تارىخىي ماتېرىيالىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ماركسىزمنىڭ جەمئىيەت تارىخىغا بولغان ئومۇمىي كۆز قارىشى ۋە نۇقتىئەنەزىرىدىن ئىبارەت. ماركسىزمدىن بۇرۇنقى تارىخىي كۆز قاراش بولسا، ئىدىئالىزملىق تارىخىي كۆز قاراش بولۇپ، ئىجتىمائىي ئاڭ، ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلەيدۇ، دېگەن تۈپكى نۇقتىئىنەزەرنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئادەملەرنىڭ ئىدىيىۋى مۇددىئاسىنى، قەھرىمانلىق ئىرادىسىنى، تەبىئەتتنى ھالقىغان مەلۇم خىل سىرلىق كۈچىنى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق ئامىلى دەپ قاراپ، تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئاممىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان ئويېكتىپ قانۇنىيە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ماددىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ رولى ھەمدە ىەلق ئاممىسىنىڭ تارىخنى ياراتقۇچى سۇبيېكتىپ ئىكەنلىكى، سىنىپىي كۈرەشنىڭ سىنىپى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلغان. ئون سەككىز، ئون توققۇزىنچى ئەسىردىكى ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپلار، تارىخشۇناسلار، فېئودالىزم ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ماددىي سەۋەبلەر ئۈستىدە ئىزدەنگەن. مەسىلەن، 18 - ئەسىردىكى فرانسىيە ماتېرىيالىستىلىرى مۇھىت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادەمنى مۇھىت ياراتقان، ئادەمنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇھىتنى ئۆزگەرتىش كېرەك، ئەمما، مۇھىتنى ئۆزگەرتىشنى تالانتلىق ئادەملەر ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن تالانت بار ئادەملەرنى مۇھىتنى ئۆزگەرتىدىغان ھەل قىلغۇچ شەخسكە ئايلاندۇرۇپ، تالانتلىقلارنىڭ پىكرى ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ مەھسۇلى، ئىجتىمائىي مۇھىت بولسا تالانتلىقلارنىڭ پىكرى مەھسۇلىدىن ئىبارەت دەپ قارايدىغان ئايلانما نەزەرىيە پاتقىقىغا چوڭقۇر چۆكۈپ قالغان. ماركس بىلەن ئېنگلېس دېئالىكتىك ماتېرىيالىزم ئارقىلىق جەمئىيەت تارىخى ساھەسىدە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى ياراتتى ھەمدە كىشىلەرنىڭ جەمئىيەت تارىخىغا بولغان كۆز قاراشلىرىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. تارىخى ماتېرىيالىزمنىڭ قارىشىچە، ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەت ئىجتىمائىي ئاڭنى بەلگىلەيدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىنلا بار بولغان ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلىك ھەرىكەت. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. ئىقتىسادىي بازىس بىلەن ئۈستقۇرۇلما ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇخىل زىددىيەتلىك ھەرىكەت ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدىن يۇقىرى باسقۇچىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشتەك ئومۇمىي يۈزلىنىشى ۋە يولىنى پەيدا قىلغان. بۇ زىددىيەتلىك ھەرىكەت جەريانىدا ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېگى - تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتتە بۇ خىل ئاساسىي زىددىيەت سىنپىي زىددىيەت ۋە توقۇنۇش بولۇپ ئىپادىلەنگەن. سىنىپى كۈرەش بولسا جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىۋاستە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ماركسىزملىق تارىخىي قاراش شەخسنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رولىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بىراق تارىخنى ئاز ساندىكى قەھرىمانلارنىڭ نادىر ئەسىرى دېگەن قاراشقا قارشى تۇرۇپ، ئېنىق ھالدا پەقەت كەڭ خەلق ئاممىسىلا ھەقىقىي تارىخنى ياراتقۇچىلاردۇر. دېگەننى جاكارلىغان. ھەممىدە تارىخىي پاكىتلارنى چىقىش نۇقتىسى قىلىش تارىخ تەتقىقاتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاساسى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ تارىخنى چۈشىنىش ۋە تونۇشىدىكى ئاساسىي پرىنسىپ ھېسابلىنىدۇ. تارىخىي ماتېرىيالىزم بولسا پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىسىنىڭ جەمئىيەتنى تونۇش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشتىكى ئىدىيىۋى قورالىدۇر. تارىخىي ماتېرىيالىزم ۋە دېئالىكتىك ماتېرىيالىزم مۇكەممەل بولغان ماركسىزمنى شەكىللەندۈرگەن.'
|
|