چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-10 11:31:21 كۆرۈلۈش سانى : 146
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
شىنجاڭنىڭ چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە باشلانغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن گەرچە چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما سانى كۆپ ئەمەس ئىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى ئېۋەتىش خىزمىتى يېڭى بىر تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويدى. 1950 - يىلىدىن 1959 - يىلىغىچە 200 نەپەر ئوقۇغۇچى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىلدى. ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىدىن ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچى 18 نەپەر ئىدى. 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە دۆلىتىمىز چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى قوللاش، دۆلەتكە قايتىپ كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، بېرىپ كېلىش ئەركىن بولۇش فاڭجېنىنى يولغا قويۇپ، رايونىمىزنىڭ چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش خىزمىتى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. 1978 - يىلدىن 1984 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىن چەت ئەلگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچى جەمئىي 18 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپىرى ئاسپىرانت ئىدى. 1984 - 1989 - يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سېستمىسىدىن چەت ئەلگە ئوقۇشقا ۋە زىيارەتكە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچى 188 نەپەر بولۇپ، 87 نەپىرى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. 1985 - يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون مالىيىسىدىن پۇل ئاجرىتىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچلىرىنى چەت ئەلگە ئۇقۇشقا ئەۋەتتى، بولۇپمۇ ياپونىيە شەخسى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئويۇشمىسىغا ئوقۇشقا بارىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى نۇقتىلىق قوللىدى. 1999- يىلىغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچى 246 نەپەر (ئاز سانلىق مىللەت 213 نەپەر)، بۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچى 201نەپەر، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، قىرغىزىستاندا ئوقۇغان ئوقۇغۇچى 45 نەپەرگە يەتتى، يۇقىرىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا، دۆلەت يەنە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ دۆلەت خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى زور دەرىجىدە قوللىدى. 1985 - 1999 - يىلىغىچە شىنجاڭنىڭ دۆلەت خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى سانى 236 نەپەر بولدى. ئېنق بولمىغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ سېستىمىسىدىكى دۆلەت خىراجىتى بىلەن ۋە ئاپتونوم رايون، يەرلىك خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى مىڭدىن ئاشقان. 1990 - يىلدىن باشلاپ مەخسۇس كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش خىزمىتى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. 1999 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايوندىكى مەخسۇس كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلاردىن 872 نەپىرى چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقتى. 1999 - يىلىغا كەلگەندە 500 نەپەر چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچى ۋەتەنگە قايتىپ خىزمەت قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 40 نەچچە نەپىرى دوكتور ياكى ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.'
|
|