يەرلىك ئوقۇتۇش ماتېرىيالى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-23 16:05:47 كۆرۈلۈش سانى : 289
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
مەكتەپلەرنىڭ دەرسلەر ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوقۇتۇش پروگراممىسى (دەرسلىك ئۆلچىمى) دىكى دائىرە ئىچىدە مەكتەپ تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ ماتېرىيال تۈزۈپ چىقىشتۇر. يەرلىك ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ئادەتتە شۇ جاينىڭ ئەدەبىياتى، تارىخى، جۇغراپىيىسى، مەدەنىيىتى، مىللەت ئەھۋالى قاتارلىقلارنى مەزمۇن ۋە قۇرۇلما قىلغان بولىدۇ. مەقسەت ئوقۇغۇچىلارغا يۇرتنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى، ئاسارە - ئەتىقىلىرىگە دائىر تارىخىي ماتېرىيالى، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، مەدەنىيەت مۇئەسسەسەلىرى، ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە قاتناش ئەھۋالى، ئىچكى - تاشقى سودا ۋە يېزا ئىگىلىك سانائەت تەرەققىياتى ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى تۇنۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت. يەرلىك ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى ئادەتتە مەكتەپ ياكى شۇ جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى دەرسلىك تۈزۈش گۇرۇپپىسى ئەزالىرى تۈزۈپ چىققاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىدۇ. يەرلىك ئوقۇتۇش ماتېرىيالنى تۈزۈشنىڭ ئاساسىي بولسا: مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ 1986 - يىلى 9 - ئايدا مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتى قۇرۇلغان ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويغان ھەر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئوخشاش بولۇپلا قالماي مىللەت بىلەن رايون ئارىسىدا، شەھەر ۋە يېزا ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئاساسى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. مائارىپ تەرەققىياتىمۇ تەڭپۇڭسىز بولىدۇ دېگەن. مۇشۇ خىل ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئوخشاش بىر ئۇقۇتۇش تەلىپىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ تۇرۇپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن بىر قىسىم ماتېرىياللارنىڭ مەزمۇنى ۋە ئوقۇتۇش تەلىپىنى تەڭشىشى ۋە تولۇقلىشىغا يول قويۇش، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ يەرلىك ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدا سانجى، بۆرتالا، يېزا ئىگىلىك 1 - دېۋىزىيىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قىسىم يەرلىك جۇغراپىيە، يەرلىك تارىخ قاتارلىق ماتېرىياللارنى تۈزۈپ چىقتى. ئۈرۈمچى شەھىرى قاپلىق قۇرت كېسىلى، تەنتەربىيە بىلىمى ئوقۇشلۇقى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ چىقتى.' |
|