چوڭلار مائارىپى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-20 11:08:56 كۆرۈلۈش سانى : 119
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
چوڭلار دېگەنلىك ئائىلە، جەمئىيەت ۋە دۆلەتكە قارىتا تۇرمۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلارنى، ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت ئورنىدىكى خادىملارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان مائارىپىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگودا ھازىرقى كادىرلار مائارىپى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر مائارىپى، دېھقانلار مائارىپى، ھەربىيلەر مائارىپى ۋە جەمئىيەت مائارىپىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1999 - يىلى ئاپتونوم رايوندىكى چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرى 44 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 12، كادىرلار باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى ئىككى، مائارىپ ئىنستىتۇتى 11، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر تەسىس قىلغان چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتىدىن 17 سى بار. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 67633 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 11876 نەپەر. چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى 81. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشچى - خىزمەتچىلەر تېخنىكوم مەكتىپى 28. ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى 49. رادىئو - تېلېۋىزىيە ئوتتۇرا تېخنىكومى تۆت، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 33231 نەپەر.'
|
|