بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مائارپ >> ئالىي مائارىپ >> شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-27 15:17:03    كۆرۈلۈش سانى : 128  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئەسلى ئاساسىي 1906 - يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ پېداگوگىكا مەكتىپى ئىدى. 1978 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى 1 - دارىلمۇئەللىمىن ئاساسىدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان. 1984 - يىلى 4 - ئايدا 1961 - يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىغا قوشۇۋېتىلگەن. لېكىن سىرتقا نىسبەتەن شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دېگەن نامنى ساقلاپ قالغان، مەكتەپ ئىچىدە رادىئو - تېلېۋىزىيە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشخانىسى تەسىس قىلىنىپ، بىر يۈرۈش ئورگان ئىككى خىل ۋىۋىسكىدىن ئىبارەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى شەكىللەندۈرۈلگەن. 1999 - يىلى شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، رادىئو - تېلېۋىزىيە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئىسمى ئىشتىن سىرتقى سىرتتىن ئوقۇتۇش بۆلۈمىگە ئۆزگەرتىلدى. شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ مۇئەللىملىرى ۋە مائارىپ باشقۇرۇش كادىرلىرىغا قارىتا سىرتتىن ئوقۇتۇش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل بولدى. 1999 - يىلى 9 - ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈزلۈكسىز مائارىپ تەتقىقات مەركىزىي، ش. ئۇ. ئا. ر مائارىپ باشقۇرۇش كادىرلىرى تەربىيىلەش مەركىزىي مۇشۇ مەكتەپتە قۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈزلۈكسىز تەربىيىسىنى ھەم مائارىپ باشقۇرۇش كادىرلىرىنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. مەكتەپ خىزمەتتىكىلەرنى تەربىيىلەشنى ئاساس، خىزمەتتىن بۇرۇنقى تەربىيىنى قوشۇمچە قىلىپ، تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرسنى بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇش تارىخى مائارىپى بىلەن خىزمەت ئارقىلىق ئوقۇتۇش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتىن ئىبارەت ئۈچنى تۇتاشتۇرۇش تەربىيىسى ھەمدە ھاۋالىگە ئاساسەن تەربىيىلەش قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ئۆلچەملىك، كۆپ شەكىللىك مەكتەپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تەربىيىلەش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. ئوقۇتۇش خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. نۆۋەتتە مەكتەپ مائارىپ باشقۇرۇش، بالىلار مائارىپى، ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى، خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى، قازاق تىلى ئەدەبىياتى، سىياسەت، تارىخ، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش، ئىنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى قاتارلىق 19 خىل پېداگوگىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرنى؛ گۈزەل سەنئەت، زىننەتلەش، كاتىباتلىك، كومپيۇتېر، مالىيە بوغالتىرلىق، خەنزۇ تىل تەرجىمانلىقى، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى لايىھىلەش قاتارلىق باشقا كەسىپتىن ئالتىنى تەسىس قىلغان. 1999 - يىلى شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە مائارىپ ئىقتىسادشۇناسلىقى ۋە باشقۇرۇش كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپى ئاچقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ نامرات رايونلار مەجبۇرىي مائارىپ قۇرۇلۇشىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1999 - يىلدىكى مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ئوقۇتقۇچى 262 نەپەر، مۇئاۋىن ئالىي دەرىجىدىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 95 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 197 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 20512 نەپەر (ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇۋاتقانلار 1856 نەپەر)، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى 35760 نەپەر. تاماملىغان ئىلمىي تەتقىقات تۈرى 1629 تۈرلۈك، بۇنىڭ ئىچىدە 81 تۈرلۈك ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئىنستىتۇت قارمىقىدا تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىنغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 92000 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 68000 كۋادرات مېتىر، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 200000 پارچىدىن ئارتۇق.'


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئوتتۇرا دەرىجىلىك ...
●  چوڭلار مائارىپى
●  شىنجاڭ بالىلار پېد...
●  پېداگوگىكا مائارىپ...
●  يېشىل تاشلىق گۇۋاھ...
●  شىنجاڭ مائارىپ ئىن...
●  شىنجاڭ موڭغۇل پېدا...
●  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج...
●  يانغىن پىلانى
●  ماركسىزملىق دىنىي ...
●  ئالاھىدە مائارىپ
●  'ئالىي پېداگوگىك...
●  بۇ يىلقى قۇبۇل قىلى...
●  2009–يىللىق ئاسپرانت...
●  قەشقەر يېزا ئىگىلى...
●  قەشقەر مالىيە سودا ...
●  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتې...
●  قۇمۇل ۋىلايەتلىك س...
●  تۇرپان ۋىلايەتلىك ...
●  سانجى خۇيزۇ ئاپتون...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى...
●  چوڭلار مائارىپى
●  شىنجاڭ بالىلار پېداگوگى...
●  پېداگوگىكا مائارىپى
●  يېشىل تاشلىق گۇۋاھنامە
●  شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇ...
●  شىنجاڭ موڭغۇل پېداگوگىك...
●  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جوڭشەن...
●  يانغىن پىلانى
●  ماركسىزملىق دىنىي قاراش

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى