پېداگوگىكا مائارىپى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-10 11:29:09 كۆرۈلۈش سانى : 95
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەيدىغان كەسپىي مائارىپ بولۇپ، ۋەزىپىگە قويۇشتىن بۇرۇنقى تەربىيىلەش، يېڭىدىن ۋەزىپىگە قويۇپ سىناپ ئىشلىتىش ۋاقتىدىكى تەربىيىلەش ۋە ۋەزىپە ئۈستىدە تەربىيىلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1949 - يىلى شىنجاڭدا 10 ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپى بار بولۇپ، ئوقۇغۇچى سانى 1806 نەپەر ئىدى. دىخۇا پېداگوگىكا مەكتىپى، قەشقەر پېداگوگىكا مەكتىپى، ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى قاتارلىقلارنىڭ كۆلىمى بىر ئاز چوڭ بولغاندىن سىرت، قالغانلىرى دېگۈدەك تولۇقسىز پېداگوگىكا مەكتەپلىرى بولۇپ، كۆلىمى ناھايىتى كىچىك ئىدى. ئازادلىقتىن كېيىن ئاپتونوم رايوننىڭ پېداگوگىكا مائارىپى تېز تەرەققىي قىلدى. 1999 - يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدا بەش ئادەتتىك ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپى ۋۇجۇتقا كېلىپ، ئۇنىڭدىك ئوقۇتقۇچى سانى 1911 نەپەرگە، مەكتەپتىكى تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلار سانى 13427 نەپەرگە يەتتى. 21 ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپ ۋۇجۇتقا كېلىپ، ئۇنىڭدىكى ئوقۇتقۇچى سانى 1811 نەپەرگە، ئوقۇغۇچى سانى بولسا 22472 نەپەرگە يەتتى.'
|
|