بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مائارپ >> ئالىي مائارىپ >> يېشىل تاشلىق گۇۋاھنامە

يېشىل تاشلىق گۇۋاھنامە

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-30 10:46:57    كۆرۈلۈش سانى : 83  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
جۇڭگودا دېھقانلارنىڭ تېخنىكا سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىدۇ، دېھانلار مەلۇم تۈرلۈك خىزمەت بىلەن ۇغۇللىنىشتا زۆرۈر بولغان ئاساسىي بىلىم ۋە ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغاندىن كېيىن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن خىزمەت گۇۋاھنامىسى، يەنى يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ خىزمەت قىلىش لاياقەت گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئوخشىمىغان ئورۇنلارنىڭ گۇۋاھنامە ئىسىملىرى ئوخشىمايدۇ. دېھقانلارنىڭ تېخنىكا گۇۋاھنامىسى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ھەيدەش گۇۋاھنامىسى، يېزا بوغالتىرلىرىنىڭ بوغالتىرلىق گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېشىل تاشلىق گۇۋاھنامە نىڭ تارقىتىلىش دائىرىسىنى تېرىقچىلىق، مال دوختۇرلۇق، سۇ مەھسۇلاتلىرى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش، يېزا ھەمكارلىق ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش، يېزا ئېنېرگىيە ۋە يېزا ئىگىلىك مۇھىتىنى قوغداش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرى يېزىلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆز رايونىنىڭ يولغا قويۇش دائىرىسى بەلگىلەيدۇ. جۇڭگونىڭ ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، يېشىل تاشلىق گۇۋاھنامە نى ئالىدىغانلار ئاساسلىقى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە يېزا، كەنت دېھقانچىلىقىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىدىكى يېزا كادىرلىرى، كەسپىي ئائىلىلەر، تېخنىكا نەمۇنىچىلىرى ۋە بىر قىسىم تېخنىكا تەلىپى كۈچلۈك خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار بولۇپ، ئاساسلىقى تېخنىك تايانچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. دېھقانلارنىڭ يېشىل تاشلىق گۇۋاھنامە نى ئېلىشى تەربىيىلەش، ئەمەلىي مەشىق، باھالاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش، قايتا باھالاش قاتارلىق بىرقانچە تەرتىپتىن ئۆتىدۇ. گۇۋاھنامىگە ئېرىشكەن خادىملار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمان بولىدۇ. 1993 - يىلى شىنجاڭدا يېشىل تاشلىق گۇۋاھنامە قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، ھەرقايسى جايلار ئاكتىپ ھالدا دېھقان - چارۋىچىلارنى باشلانغۇچ كەسپىي تېخنىكا ئۆگىنىشىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈملەرگە ئېرىشتى. 1998 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن رايونىمىزدا 6000 دىن ئارتۇق ئادەم يېشىل تاشلىق گۇۋاھنامە گە ئېرىشتى.'


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئوتتۇرا دەرىجىلىك ...
●  چوڭلار مائارىپى
●  شىنجاڭ بالىلار پېد...
●  پېداگوگىكا مائارىپ...
●  يېشىل تاشلىق گۇۋاھ...
●  شىنجاڭ مائارىپ ئىن...
●  شىنجاڭ موڭغۇل پېدا...
●  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج...
●  يانغىن پىلانى
●  ماركسىزملىق دىنىي ...
●  ئالاھىدە مائارىپ
●  'ئالىي پېداگوگىك...
●  بۇ يىلقى قۇبۇل قىلى...
●  2009–يىللىق ئاسپرانت...
●  قەشقەر يېزا ئىگىلى...
●  قەشقەر مالىيە سودا ...
●  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتې...
●  قۇمۇل ۋىلايەتلىك س...
●  تۇرپان ۋىلايەتلىك ...
●  سانجى خۇيزۇ ئاپتون...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى...
●  چوڭلار مائارىپى
●  شىنجاڭ بالىلار پېداگوگى...
●  پېداگوگىكا مائارىپى
●  يېشىل تاشلىق گۇۋاھنامە
●  شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇ...
●  شىنجاڭ موڭغۇل پېداگوگىك...
●  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جوڭشەن...
●  يانغىن پىلانى
●  ماركسىزملىق دىنىي قاراش

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى