شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-16 12:26:48 كۆرۈلۈش سانى : 103
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داۋان بىرىنچى يولىغا جايلاشقان. 1985 - يىلى قۇرۇلغان. پۈتۈن شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بالىلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 46620 كۋادرات مېتىر بولۇپ، مەكتەپتە ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى، سەنئەت بىناسى ۋە ئۈستى يېپىق مەيدان قاتارلىقلار قۇرۇلغان. مەكتەپتە بالىلار مائارىپى، بالىلار مائارىپىنى باشقۇرۇش، ئالاھىدە مائارىپ قاتارلىق كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىلدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. مەكتەپ بۇرۇن مەملىكەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرى گۈزەللىك گىمناستىكىسى مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 1600 نەپەر، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانى 120 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي ئوقۇتقۇچى سانى 69 نەپەر بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك لېكتوردىن 10 كىشى بار. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان بالىلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 1700 نەپەردىن ئارتۇق كىشىنى تەربىيىلەپ چىققان.'
|
|