بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كومپيۇتېر بىلىملىرى >> مەشغۇلات سىستېمىسى >> ماگېنىتلىق دىسكا قوزغاتقۇچ ۋە  ھۆججەت

ماگېنىتلىق دىسكا قوزغاتقۇچ ۋە  ھۆججەت

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-21 11:43:55    كۆرۈلۈش سانى : 244  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
كومپيۇتېردىكى  كۆپ قىسىم  سانلىق مەلۇماتلار  ماگېنىتلىق  دىسكىدا  ھۆججەت  شەكىلىدە  ساقلىنىدۇ. تۆۋەندە ماگېنىتلىق دىسكا ۋە ھۆججەت  توغرىسىدىكى ئاساسىي  ئۇقۇملار  بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى. 1 .* ماگېنىتلىق دىسكا  قوزغاتقۇچ    ماگنىتلىق دىسكا  قوزغاتقۇچ بولسا،  كومپيۇتېردىكى  سانلىق مەلۇماتلارنى  ئۇزۇن ۋاقىت  ساقلايدىغان  قاتتىق ماتېرىيال  ئۈسكۈنىسى  بولۇپ، كۆپ  ئۇچرايدىغان ماگنىتلىق  دىسكا قوزغاتقۇچ  قاتتىق دىسكا  قوزغاتقۇچ ۋە لازىر  نۇرلۇق  دىسكا  قوزغاتقۇچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ  ۋە لازىر نۇرلۇق  دىسكا قوزغاتقۇچقا  نىسبەتەن، ساقلاش ماتېرىيالى <يۇمشاق دىسكا ۋە لازىر نۇرلۇق دىسكا>نى  يۆتكىگىلى  بولغاچقا، پەقەت ساقلاش ماتېرىيالى  قوزغاتقۇچقا سېلىنغاندىلا ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ھەرخىل دىسكىلارنى ئالماشتۇرۇش  ئارقىلىق  ساقلانغان مەزمۇنلارنى  ئۆز ئارا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. يۇمشاق دىسكىنىڭ  ساقلاش سېغىمى بىر ئاز كىچىك  يېزىش -ئوقۇش  سۈرىتى ئاستا بولغاچقا، ئادەتتە ھۆججەت يۆتكەش  ياكى زاپپاس ھۆججەت تەييارلاشقا  ئىشلىتىلىدۇ. نۆۋەتتە ، ئىشلىتىلىۋاتقان كۆپ قىسىم  لازېر  نۇرلۇق دىسكا قوزغاتقۇچ، يەنى بىز  دەۋاتقان CD-ROM بولغاچقا، ئۇ ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇغىلا  بولىدۇ، يازغىلى بولمايدۇ.  سانلىق مەلۇماتلارنى يېزىش ئۈچۈن، ئۆچۈرۈپ - يېزىش شەكىلىدىكى  لازىر نۇرلۇق دىسكا قوزغاتقۇچ ۋە لازېر   نۇرلۇق  دىسكىنى  ئىشلىتىشكە  توغرا كېلىدۇ. قاتتىق دىسكا  قوزغاتقۇچ  كومپيۇتېردىكى  ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان  سانلىق  مەلۇمات ساقلاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئۇنىڭ سىغىمى چوڭ، ئوقۇش - يېزىش  سۈرئىتى  تېز بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكى بار. ئۇنىڭدا  كومپيۇتېردىكى ئۇزاق ۋاقىت  ساقلاشقا  تېگىشلىك  سانلىق مەلۇماتلار ۋە  WindowsXP خىزمەت قىلغاندا  ئىشلىتىلىدىغان  بىر قىسىم  ۋاقىتلىق  ھۆججەتلەر  ساقلانغان بولۇپ، ئۇنى ئىشلىتىشتىن  بورۇن رايۇنغا بۆلۈش  كېرەك. بىر قاتتىق دىسكىنى  بىر ياكى بىر نەچچە رايۇنغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ھەربىر رايۇن بىر لوگىكىلىق  قاتتىق دىسكا بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ كومپيۇتېردا  پەقەت بىرلا قاتتىق دىسكا بولسىمۇ، لېكىن بىر نەچچە دىسكا قوزغاتقۇچ  بۇلۇشنىڭ  سەۋەبىدۇر. ماگىنىتلىق دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ  نامى ئارقىلىق  ماگنىتلىق دىسكا  قوزغاتقۇچنى زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ،  ماگىنىتلىق دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ  نامى  ئادەتتە ئىنگىلىزچە  ھەرىپنىڭ كەينىگە قوش چېكىت<:> قۇشۇش <1.3 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك> ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. 1.3 - رەسىمدىن قوزغاتقۇچ: A   نىڭ3.5  دىيۇيملىق  يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ، قوزغاتقۇچ:E نىڭ لازېر  نۇرلۇق  دىسكا  قوزغاتقۇچ، قالغانلىرىنىڭ   قاتتىق دىسكا قوزغاتقۇچ  ئىكەنلىكىنى  كۆرۈۋالالايمىز.  ئەلۋەتتە رەسىمدىن  بۇ قاتتىق دىسكا  قوزغاتقۇچلىرىنىڭ  بىر ياكى بىر نەچچە قاتتىق دىسكىنى   ئىشلەتكەنلىكىنى  بىلەلەيمىز ،WindowsXP دا ئىشلىتىدىغان  ئوبيېكتىمىز  بولسا  لوگىكىلىق قاتتىق دىسكا بولۇپ،  سانلىق مەلۇماتلارنىڭ  نەدە  ساقلىنىشى  ئانچە مۇھىم ھېسابلانمايدۇ. * ھەربىر قاتتىق دىسكا قوزغاتقۇچقا  ئەستە  ساقلاشقا ئاسان بولغان ناملارنى  قۇيۇشقىمۇ بولىدۇ، ئادەتتە بىز بۇنى  دىسكا بەلگىسى دەپ ئاتايمىز. 1.3 - رەسىمگە قارىساق، قاتتىق دىسكا  قوزغاتقۇچنىڭ ئاستىدا بىر قولنىڭ  شەكلى بار. بۇ باشقا قاتتىق دىسكا  قوزغاتقۇچىلارغا  ئوخشىمايدۇ. بۇ قاتتىق دىسكا  قوزغاتقۇچ: C نىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان  دىسكا  قوزغاتقۇچ  ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئورتاق پايدىلىنىش دېگىنىمىز، باشقىلارنىڭ مەزكۇر قوزغاتقۇچنى  زىيارەت  قىلىشىغا  رۇخسەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. WindowsXP دىكى بارلىق ئورتاق پايدىلىنىدىغان  ماتېرىيال  مەنبەسىنىڭ   ھەممىسىدە قولنىڭ شەكلى كۆرۈنىدۇ. 2 . ھۆججەت WindowsXP  مەشغۇلات سىستېمىسىدا، ھۆججەت ماگنىتلىق دىسكىدىكى  ئەڭ  ئاساسى ساقلاش بىرلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ھەر قانداق بىر سانلىق مەلۇماتنىڭ  ماگنىتلىق دىسكا قوزغاتقۇچتا  ئۇزۇن مۇددەت  ھەمدە مۇستەقىل  ساقلىنىشى ئۈچۈن، چۇقۇم مۇستەقىل ھۆججەتنى  شەكىللەندۈرۈش  كېرەك. ماگنىتلىق دىسكا قوزغاتقۇچقا ئوخشاش، ھەربىر  ھۆججەتمۇ  بىر دانە سىنبەلگە  ئارقىلىق  ئىپادىلىنىدۇ. پەرقلەندۈرۈشكە قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن، ھەرخىل  ھۆججەتلەر ھەرخىل شەكىلدىكى سىنبەلگىلەر  بىلەن ئىپادىلىنىدۇ<2.3 -رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك>. *. ھۆججەتكە ۋەكىللىك  قىلىدىغان سىنبەلگە ھۆججەت شەكىلىنى تىزىمغا ئالدۇرغاندا بەلگىلەنگەن  بولۇپ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن  سىنبەلگىنى ھۆججەت  سىنبەلگىسى قىلىپ بېكىتسىڭىزمۇ بولىدۇ. 3 . ھۆججەت  قىسقۇچ   WindowsXP دا ھۆججەتلەر  تەرتىپلىك ھالدا ھۆججەت قىسقۇچقا  ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ، ئابونتلارنىڭ ھۆججەتنى  ئىزدىشىگە ئىنتايىن  قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ <3.3 - رەسىمدە كۆرسىتلگەندەك>. بىر ھۆججەت قىسقۇچقا  ھۆججەتنىلا ئەمەس، يەنە ھۆججەت قىسقۇچنىمۇ ساقلاشقا بولىدۇ. * . نېمە ئۈچۈن بەزى ھۆججەت  قىسقۇچلىرنىڭ ئاستىدا  قولنىڭ سۈرىتى بولىدۇ؟ * . ئاستىدا قولنىڭ سۈرىتى بولغان ھۆججەت قىسقۇچ ئورتاق پايدىلىنىدىغان  ھۆججەت قىسقۇچ بولۇپ، توردىكى باشقا ئابونىتلارمۇ  پايدىلىنالايدۇ. 4 .  ھۆججەت  ۋە   ھۆججەت  قىسقۇچقا  نام بېرىش قائىدىسى WindowsXP نىڭ مۇھتىدا، ھۆججەت ۋە ھۆججەت  قىسقۇچنىڭ  نامى ئەڭ كۆپ بولغاندا 255 دانە ھەرپ  - بەلگىدىن تۈزۈلىدۇ. يەنى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ  127 دانە  خەنزۇچە خەتتىن  ياكى ھەرپ، خەنزۇچە  خەت،  سان - سىپر ياكى بوش ئورۇنىنىڭ  بىرلىشىدىن   تۈزۈلىدۇ. لېكىن ،«»، «/»، «:»، «<»، «>»، «*»، «"»، «؟»، «!» قاتارلىق 9 دانە غەربچە  بەلگىنى  ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. توغرا  بولغان ھۆججەتلەرنىڭ نامى  تۆۋەندىكىچە: 2001年9月10日会议记录 2001.9.10会议记录 <会议记录<产品结构调整  توغرا بولمىغان ھۆججەت نامى تۆۋەندىكىچە: 10/9/2001 会议记录 «/» نى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 会议记录<产品结构调整 «>» ۋە «<» نى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.   * . نېمە ئۈچۈن  127 دانە  خەنزۇچە خەتنى  ئىشلىتىپ  نام بېرىشكىلا  بولىدۇ؟   *  .    چۈنكى  ھەربىر خەنزۇچە  خەت  ئىككى بايىت  ئورۇننى ئىگلەيدۇ. ئەمما  ھەرپ ۋە  باشقا  بەلگىلەر  بولسا بىر بايىت  ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئىككى بايتلىق  ھەرپنى ئىشلىتىش خەنزۇچە خەتنى  ئىشلەتكەنگە ئوخشاش بولۇپ، ھەربىر ئىككى بايتلىق ھەرپ ئىككى دانە  بىر بايتلىق ھەرپنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ.  


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ماتېرىيال مەنبەسى ...
●  ماگېنىتلىق دىسكا ق...
●  دىئالوگ رامكىسى
●  ۋەزىپە ئىستونىنىڭ ...
●  WindowsXP دا كومپيۇتېرد...
●  كۆزنەكلەرنى تىزىش
●  قاتتىق دىسكىدىكى ھ...
●  كۆزنەكنىڭ سىرتقى ك...
●  باشلىنىش تىزىملىكى
●  WindowsXP دىن چېكىنىپ چ...
●  WindowsXP نى  قوزغىتىش
●  Windowsنىڭ مەخپى نۇمۇر...
●  WindowsXP دېگەن نېمە؟
●  كومپيۇتېرنى توكقا ...
●  [ھۈنەر]ھەرقانداق ھۆ...
●  BIOS دەرىجىسىنى يۇقى...
●  BIOS نىڭ تەڭشىكى تۇرم...
●  مەشغۇلات سىستېمىسى...
●  Windows نى قاچىلاش جەر...
●  بىلىدىغانلار ياردە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ماتېرىيال مەنبەسى باشقۇ...
●  ماگېنىتلىق دىسكا قوزغات...
●  دىئالوگ رامكىسى
●  ۋەزىپە ئىستونىنىڭ قوللى...
●  WindowsXP دا كومپيۇتېردا نور...
●  كۆزنەكلەرنى تىزىش
●  قاتتىق دىسكىدىكى ھۆججەت...
●  كۆزنەكنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈ...
●  باشلىنىش تىزىملىكى
●  WindowsXP دىن چېكىنىپ چىقىش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى