دىئالوگ رامكىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-15 13:33:28 كۆرۈلۈش سانى : 173
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
دىئالوگ رامكىسى بىرخىل ئاددىي كۆزنەك بولۇپ، ئۇ ئادەتتە ئابونتلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن بىر قىسىم پارامېتىر تاللاش تۈرلىرى ۋەبەلگلەش تۈرلىرىنى تەمىنلەيدۇ <17.2 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك>
ئادەتتە دىئالوگ رامكىسنىڭ چوڭ - كىچىلىكى مۇقىم بولۇپ، خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. WindowsXP دىكى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامملاردا دىئالوگ رامكىسى ئۇمۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ. مەلۇم بىر كوماندىنى ئىجرا قىلغاندا، مەزكۇر كوماندىنى ئىجراقىلىدىغان پارامېتىر ياكى شەرتنى كىرگۈزۈش لازىم بولغاندا، مۇناسىپ دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. ئابونىتلارنىڭ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىغا قولايلىىق بولۇش ئۈچۈن، دىئالوگ رامكىسى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان كۆرسەتمە ئۇچۇرنى تەمىنلەيدۇ. تۆۋەندە دىئالوگ رامكىسىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئېلىمىنىتلارنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1 . تاللاش كارتىسى <选项卡 >
تاللاش كارتىسى دىئالوگ رامكىسىدىكى تېما ئىستونىنىڭ ئاستىغا < 17.2 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك> ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دىئالوگ رامكىسىدىكى مەزمۇن بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە، دىئالوگ رامكىسنى ناھايىتى چوڭ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تاللاش كارتىسى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ بەتلەرگە ئايرىلىدۇ. يەنى ئابونىتلارنىڭ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىغا قۇلايلىق قىلىش ئۈچۈن، مەزمۇلار تاللاش كارتىلىرىغا ئايرىم - ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
2 . تېكىست رامكىسى <文本框 >
تېكىست رامكىسى يېزىق ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈشكە ئىشلىتىلىدۇ<17.2 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك>.
3 . تىزىملىك رامكىسى <列表框 > تىزىملىك رامكىسىدا كۆرسىتىلگەن تاللاش تىزىملىكىدىن لازىملىق تاللاش تۈرىنى تاللىغىلى بولىدۇ<18.2 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك>. تاللاش تۈرلىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە، رامكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۆرۈش تاياقچىسى پەيدا بولىدۇ. ئۆرۈش تاياقچىسى ئارقىلىق تاللاش تۈرلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ تاللاش تۈرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
4 . سىيرىلما تىزىملىك رامكىسى<下拉列表框 >
سىيرىلما تىزىملىك رامكىسنىڭ رولى تىزىملىك رامكىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى كىچىك بولىدۇ<17.2 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك>. ئادەتتە سىيرىلما تىزىملىك رامكىسىدا تىزىملىك كۆرۈنمەيدۇ، پەقەت سىيرىلما تىزىملىك رامكىسنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كۇنۇپكىنى بىر چەكسەك، تىزىملىك ئېچىلىدۇ. تاللاش تۈرلىرى بەك كۆپ بۇلۇپ كەتكەندە، ئوخشاشلا ئوڭ تەرەپتە بىردانە ئۆرۈش تاياقچىسى پەيدا بولىدۇ. ئۆرۈش تاياقچىسنى يۇقىرى - تۆۋەن ھەركەتلەندۈرۈپ رامكىدىكى تىزىملىكنى تاللىساق بولىدۇ.
5. تاللاش رامكسى <复选框 >
تاللاش رامكىسى ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئابونت مەلۇم بىر پارامېتىرغا قارىتا جەزىملەشتۈرۈش ياكى جەزملەشتۈرمەسلىك تاللىشىنى ئېلىپ بارغاندا، ئادەتتە تاللاش رامكىسنى ئىشلىتىلىدۇ<17.2 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك>. تاللاش رامكىسنىڭ پەقەت تاللاش ياكى تاللىماسلىقىتىن ئىبارەت ئىككى خىللا ھالىتى بولىدۇ. تاللاش رامكىسى تالانمىغان ھالەتتە، ئۇنى بىر چەكسەك، رامكىدا «توغرا» بەلگىسى پەيدا بولىدۇ، بۇ مەزكۇر تۈرنىڭ تالانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇرامكىنى يەنە بىر چەكسەك، رامكىدىكى «توغرا» بەلگىسى يوقاپ كېتىدۇ، بۇ مەزكۇر تۈرنىڭ تالانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
6 . تاللاش كۇنۇپكىلىرى
ئادەتتە بىر نەچچە تاللاش كۇنۇپكىسىدىن بىر گۇرۇپپا تۈزۈلىدۇ<17.2 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك>. مەلۇم بىر تاللاش كۇنۇپكىسنى بىر چەكسەك ئۇ تاللىنىدۇ. بىر گۇرۇپپا تاللاش كۇنۇپكىسىدىن بىر قېتىمدا پەقەت بىرنىلا تاللىغىلى بولىدۇ.
7 . كوماندا كۇنۇپكىلىرى
خۇددى مەلۇم ئەسۋابنىڭ كونترول كۇنۇپكىسنى بېسىپ ئۇنى كونترول قىلغانغا ئوخشاش، كوماندا كۇنۇپكىسنى بىر چېكىپ، كوماندا مەشغۇلاتىنى ئىجراقىلىغىلى بولىدۇ. كوماندا كۇنۇپكىلىرى 17.2 - رەسىمدە كۆرسىتىلىگەندەك بولۇپ، كوماندا كۇنۇپكىسنى بىر چېكىش ئارقىلىق، ماس مەشغۇلاتىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر كوماندا كۇنۇپكىسنىڭ ئۈستىدە كۆپ چېكىت<...> بولسا، بۇمەزكۇر كوماندا كۇنۇپكىسىنى بىر چەكسەك، يەنە بىر دىئالوگ كۆزنىكىنىڭ ئېچىلىدىغانلقىنى ئىپادىلەيدۇ.
* . * ئەگەر بەزى تۈرلەرنىڭ يېزىقى كۈلرەڭدە بولسا، بۇتۈرنى نۆۋەتتە ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.ئىشلەتكىلى بولماسلىقى شارائىتنىڭ تېخى تۇلۇق ئەمەسلىكى ياكى مەزكۇر مەشغۇلاتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن بۇلۇشى مۇمكىن.
دىئالوگ رامكىسىدا بىر خىل ئالاھىدە دىئالوگ رامكىسى بولۇپ، بىز ئۇنى ئۇچۇر رامكىسى دەپ ئاتايمىز. ئۇچۇر رامكىسنىڭ رۇلى پەقەت ئابونتلارغا ئەسكەرتىش ئۇچۇرنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. ئادەتتە ئۇچۇر رامكىسنىڭ پەقەت «جەزملەشتۈرۈش<确定 >» كۇنۇپكىسى بولۇپ، ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن جەزملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسنى بىر چېكىپ، ئۇچۇر رامكىسنى تاقايمىز. |
|