كۆزنەكلەرنى تىزىش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-23 15:33:16 كۆرۈلۈش سانى : 256
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
كۆزنەكلەرنى تىزىش
ئۈستەل يۈزىدە بىر نەچچە كۆزنەكنى ئاچقاندا تولىمۇ رەتسىز كۆرۈنىدۇ ، بۇۋاقىتتا كۆزنەكلەرنى قايتىدىن تىزغىلى بولدۇ.
WindowsXP نىڭ «كۆزنەكلەرنى قەۋەتسىمان تىزىش <层叠窗口 >»، «كۆزنەكلەرنى توغرىسىغا تەكشى تىزىش<横向平铺窗口 >» ۋە «كۆزنەكلەر تىك يۆلىىنىشتە تەكشى تىزىش <纵向平铺窗口 >» قاتارلىق كۆزنەكلەرنى ئاپتوماتىك تىزىشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار.
1 . كۆزنەكلەرنى قەۋەتسىمان تىزىش
كۆزنەكلەرنى قەۋەتسىمان تىزىش بىرنەچچە قارتىنى ئۈسۈتمۇ ئۈسۈت قويغانغا ئوخشايدۇ. بۇخىل ئۇسۇلدا تىزىلغان كۆزنەكلەرنىىڭ پەقەت تېما ئىستونىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. دېمەك، ئېكراندا پەقەت ئەڭ ئۈستىدىكى كۆزنەكنىڭ مەزمۇنىلا كۆرۈنىدۇ.
كۆزنەكلەرنى قەۋەتسىمان تىزىماقچى بولسىڭىز، ۋەزىپەئىستونىدىكى بوش ئورۇن <سىنبەلگە ۋە كۇنۇپكا بولمىغان ئورۇن > نى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن بىر چەكسىڭىز تېز قوزغىتىش تىزىملىكى ئېچىلىدۇ. ئاندىن كېيىن، تىزىملىكتىن «كۆزنەكلەرنى قەۋەتسىمان تىزىش < 层叠窗口 >» كوماندىسنى تاللىسىڭىزلا بولىدۇ.
* ئېچىلغان كۆزنەكلەر بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە، ئەڭ ئاستىدىكى بىر قىسىم كۆزنەكنىڭ تېما ئىستونىمۇ ئۈستىدىكى كۆزنەك تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىشى مۇمكىن.
* كۆزنەكلەرنى تىزغاندا، پەقەت ئېكرانىدىكى كۆزنەكلەرگە قارىتا تىزىش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن كۆزنەكلەر بۇنىڭ سىرتىدا.
2 . كۆزنەكلەرنى تەكشى تىزىش
بەزىدە ئېچىلغان ھەربىر كۆزنەكنىڭ مەزمۇنىنى بىرلاۋاقىتتا كۆرۈش ئۈچۈن، كۆزنەكلەرنى تەكشى تىزىشقا توغرا كېلىدۇ، ئېچىلغان كۆزنەكلەر بەك كۆپ بۇلۇپ كەتكەندە، ھەربىر كۆزنەك ئىنتايىن كىچىك كۆرۈنىدۇ. WindowsXP داتوغرىسىغا تەكشى تىزىش ۋە بوي يۆنىلىشتە تەكشى تىزىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تەكشى تىزىش ئۇسۇلى بار. كۆزنەكلەرنى توغرىسىغا تىزغاندا، كۆزنەكلەر تىك يۆنىلىشتە تىزىلىدۇ. كۆزنەكلەرنى بوي يۆلىنىشتە تېزغاندا، كۆزنەكلەر تىزىلىدۇ.
3 . * كۆزنەكلەرنى ئالماشتۇرۇش
ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان بىر نەچچە پروگراممىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىجراقىلغىلى ھەمدە ئۇلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرغىلى بولۇش WindowsXP نىڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىدۇر، ئەگەر ئالماشتۇرىدىغان كۆزنەكنى ئېكراندا كۆرگىلى بولسا، ئۇنى بىر چەكسەكلابولىدۇ.
. كۆزنەكنى ئالماشتۇرغاندا، نۆۋەتتە ئىجراقىلىنۋاتقان كۆزنەك تاقالمايدۇ، پەقەت ئېكراندىكى كۆزنەكلا ئالمىشىدۇ.ئەگەر ئالماشتۇرماقچى بولغان كۆزنەكنى ئېكراندا كۆرگىلى بولمىسا، ۋەزىپە ئىستونىدىكى مەزكۇر كۆزنەككە ۋەكىللىك قىلىدىغان كۇنۇپكىنى بىر چەكسەكلا، ئەسلىدىكى كۆزنەكنىڭ ئورنىغا بىز تاللىغان كۆزنەك ئالمىشىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، كۇنۇپكا تاختىسىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان ئابونىتلار كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Tab+Alt كۇنۇپكىسى ئارقىلىق كۆزنەكنى ئالماشتۇرسىمۇ بولىدۇ. Alt بېسىپ تۇرۇپ Tab كۇنۇپكىسنى باسساق، كۆزنەكلەر تەرتىپ بويىچە ئۆزئارا ئالمىشىدۇ ئالماشتۇرماقچى بولغان كۆزنەك ئېكراندا كۆرۈنگەندىن كېيىن Alt كۇنۇپكىسنى قۇيۇپ بەرسەكلا بولىدۇ.
Tab+Alt كۇنۇپكىسىدىن پايدىلىنىپ كۆزنەكلەرنى ئالماشتۇرۇش ئىشلەتمەيدىغان كۆزنەكنى تاقىۋېتىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا، ئېكراندا ئىشلىتىلىۋاتقان كۆزنەكلەرگە قارىتا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئاسانلىشىدۇ ۋەئىچكى ساقلىغۇچ مەنبەسىنى ئىقتىساد قىلغىلى بولىدۇ. كۆزنەك تېما ئسىتونىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى «تاقاش <关闭 >» كۇنۇپكىسنى بىر چەكسەك ياكى ھۆججەت تىزىملىكىدىكى تاقاش كوماندىسنى تاللىساق كۆزنەك تاقىلىدۇ.
** سىستېما تىزىملىكىدىكى «تاقاش <关闭 >» كوماندىسى ياكى Alt+F4 كۇنۇپكىسى ئارقىلىقمۇ كۆزنەكنى تاقىغىلى بولىدۇ. |
|