بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كومپيۇتېر بىلىملىرى >> مەشغۇلات سىستېمىسى >> ۋەزىپە ئىستونىنىڭ قوللىنىلىشى

ۋەزىپە ئىستونىنىڭ قوللىنىلىشى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-11 09:57:34    كۆرۈلۈش سانى : 220  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
  WindowsXP دا ۋەزىپە ئىستونى بىر تۈرلۈك ئەڭ مۇھىم قورال بولۇپ، ۋەزىپە ئىستونى  ئارقىلىق ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىنى تېزلىكتە قوزغاتقىلى بولىدۇ. ۋەزىپە ئىستونىدا بىر دانە «باشلىنىش<开始 >» كۇنۇپكىسى بولۇپ، بۇكۇنۇپكىنى بىر چەكسەك باشلىنىش تىزىملىكى  ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەزىپە ئىستونىغا ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان بىر قىسم  پروگراممىلارنىڭ  تېز قوزغىتىش سىنبەلگىسنى  ئورۇنلاشتۇرغىلى  بولىدۇ.   ** . سۆرەش ئۇسۇلى  ئارقىلق ۋەزىپە ئىستونىنى  ئېكراننىڭ ھەرقانداق بىر  جايىغا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. 1 . ۋەزىپە ئىستونىنى  لايىھلەش   مائۇسنىڭ ئىسترېلكىسنى ۋەزىپە ئىستونىدىكى  بوش ئۇرۇنغا توغرلاپ، ئوڭ كۇنۇپكىسنى بىر چەكسەك، ۋەزىپە ئىستونىنىڭ تېز قوزغىتىش  تىزىملىكى  ئېچىلىدۇ. تىزىملىكتىن«خاسلىق <属性 >» كوماندىسنى تاللىساق، 12.2 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك «ۋەزىپە ئىستونى ۋە باشلىنىش تىزىملىكى خاسلىقى<任务栏和开始菜单 >» دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ.  «ۋەزىپە ئىستونى < 任务栏 >»تاللاش كارتىسنى تاللىساق،12.2 - رەسىمدە  كۆرسىتىلگەندەك كۆرۈنۈش چىقىدۇ. «ۋەزىپە ئىستونىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى < 任务栏外观 >» تاللاش رايۇنىدا تۆۋەندىكى تۈرلەرنى  بېكىتكىلى بولىدۇ: 1. ۋەزىپە ئىستونىنى   قۇلۇپلاش <锁定任务栏 >: بۇ تاللاش رامكىسنى  تاللىساق،  ۋەزىپە ئىستونىنىڭ  ئورنى ۋە چوڭ - كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتكىلى  بولمايدۇ. 2. ۋەزىپە ئىستونىنى ئاپتوماتىك يۇشۇرۇش <自动隐藏任务栏 >: ۋەزىپە ئىستونىنى  ئىشلەتمىگەندە، ۋەزىپە ئىستونى  ئاپتوماتىك يۇشۇرۇنىدۇ. ۋەزىپە ئىستونى  ئاپتوماتىك  يۇشۇرۇنغاندىن كېيىن، ئېكراننىڭ ۋەزىپە ئىستونى  يۇشۇرۇنغان يېنىدا  بىرتال ئىنچىكە  سىزىق  كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بۇ ۋەزىپە ئىستونىىنىڭ  مۇشۇ يەرگە يۇشۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 3. ۋەزىپە ئىستونىنى باشقا كۆزنەكنىڭ  ئالدى تەرىپىگە مۇقۇملاشتۇرۇش <将任务栏保持在其他窗口的前端 >: بۇ تۈرنى تاللىساق، مەيلى ئېكراندا قانچىلىك كۆزنەك  ئېچىلىشىدىن قەتئىينەزەر ،ۋەزىپە ئىستونى ئەڭ ئۈستىدىكى قەۋەتتە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، يەنى باشقا كۆزنەك تەرىپىدىن توسۇۋېلىنمايدۇ. 4 . ئوخشىشىپ كېتىدىغان  ۋەزىپە ئىستونى كۇنۇپكىلىرىنى گۇرۇپپلاش <分组相似任务栏按钮 >: بۇتۈرنى تاللىساق، تۈرى ئوخشاش بولغان  پروگرامما كۇنۇپكىلىرىنى بىر يەرگە  ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. 5 . تېز قوزغىتىش كۇنۇپكىسنى  كۆرسىتىش <显示快启动 >: بۇتۈرنى تاللىساق،ۋەزىپەئىستونىدا  تېزقوزغىتىش  كۇنۇپكىسى كۆرۈنىدۇ. بۇكۇنۇپكىلارنى بىر چېكىش  ئارقىلىق ماس ئەمەلىي  قوللىنىلىدىغان  پروگراممىنى تېزلىكتە  قوزغاتقىلى  بولىدۇ. ئۇختۇرۇش رايۇنى <通知区域 >» تاللاش رايۇنىدا  تۆۋەندىكى تۈرلەرنى  بېكىتكىلى بولىدۇ: *1 . ۋاقىتنى كۆرسىتىش <显示时钟 >: ھالەت رايۇنىدا  نۆۋەتتىكى ۋاقىتنى  كۆرسىتىدۇ. 2 . تىنچ سىنبەلگىنى يۇشۇرۇش< 隐藏不活动的图表 >:بۇ تۈرنى تاللىساق، ھەرىكەت قىلمايدىغان  تۈرلەر يۇشۇرۇنىدۇ. «ئۆزى ئېنىقلىما  بېرىلگەن ئۇقتۇرۇش <自定义通知 >»دىئالوگ رامكىسى ئېچلىدۇ. بۇرامكىدىن  يۇشۇرۇىدىغان  تۈرلەرنى  ۋە يۇشۇرۇش ئۇسۇلىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. 2 .  ۋەزىپە ئىستونىغا  قورال ئىستونىنى قۇشۇش WindowsXP نىڭ ۋەزىپە ئىستونىدا WindowsXP تەمىنلىگەن قوراللارنى  ئاچقىلى  بولۇپلا قالماستىن،يەنە ئۆزىڭىزنىڭ  قوراللىرىنىمۇ  قۇشالايسىز. مائۇسنىڭ ئىستىرېكىسنى  ۋەزىپە ئىستونىدىكى بوش ئورۇنغا توغۇرلاپ تۇرۇپ ، ئوڭ كۇنۇپكىسنى بىر چەكسەك ، ۋەزىپە ئىستونىنىڭ تېز قوزغىتىش تىزىملىكى ئېچىلىدۇ . تىز قوزغىتىش تىزىملىكىدىن «قورال ئىستونى «工具栏 >»دىكى تاللاش تۈرىنى تاللىساق، رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قورال ئىستونى ئېچىلىدۇ.ئۆزىمىزنىڭ قورال ئىستونىنى  قۇرماقچى بولساق، «قورال ئىستونىنى يېڭىدىن قۇرۇش <新建工具栏 >» كوماندىسنى تاللىساق، 15.2 - رەسىمدە كۆرسىىتىلگەندەك قورال ئىستونىنى يېڭىدىن  قۇرۇش  دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ . دىئالوگ رامكىسىدىن قورال  ئىستونىغا  قوشماقچى  بولغان  تېز قوزغىتىش  كۇنۇپكىسغا  ماس ھۆججەت قىسقۇچنى  تاللايمىز. ئەگەر Internet نى تېز سۈرئەتتە زىيارەت قىلىش قورال ئىستونىنى  قۇرماقچى بولساق،لازىملىق  Internet ئادرېسنى  تاللىساق بولىدۇ. * ئەگەر ئۆزىمىز قۇرغان قورال ئىىستونىنى  ئۆچۈۋەتمەكچى بولساق، پەقەت قورال ئىستونى  تىزىملىكىدىكى  بۇقورال  ئىستونىنىڭ ئالدىدىكى  تاللاش بەلگىسنى  ئەمەلدىن قالدۇرساقلا بولىدۇ. * . WindowsXP تەمىنلىگەن تۆت دانە قورال  ئىستونىنى ئۆچۈرۈۋەتكىلى  بولمايدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ  كۆرسىتىلشنى  تاقىۋەتكىلىلا بولىدۇ. ئەگەر قورال ئىستونىدىكى  ھەرقايسى كۇنۇپكىلارنىڭ  ئۈستىدىكى يېزىقنىڭ كۆرسىتىلىشنى  ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولساق، مائۇسنىڭ ئىسترېلىكىسنى قورال ئىستونىدىكى  بوش ئۇرۇنغا  توغۇرلاپ تۇرۇپ، ئوڭ كۇنۇپكىسنى  بىر چېكىپ،  قورال ئىستونىنىڭ تېز قوزغىتىش تىزىملىكىنى  ئاچىمىز .تىزىملىكتىكى  «يېزىق كۆرسىتىش<显示文字 >» تاللاش تۈرىنىڭ ئالدىدىكى تاللاش بەلگىسنى  ئەمەلدىن قالدۇرساقلا بولىدۇ. «تېمىنى  كۆرسىتش <显示标题 >» تاللاش تۈرىنىڭ ئالدىدىكى تاللاش  بەلگىسنى  ئەمەلىدىن قالدۇرساق، قورال ئىستونىدىكى  تېمىنىڭ  كۆرسىتىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولىدۇ. « تەكشۈرۈپ كۆرۈش<查看 >» تالاش تۈرىدىن قورال ئىستونىدا چوڭ كۇنۇپكا ياكى كىچىك كۇنۇپكا  ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى  تاللىغىلى بولىدۇ. 16.2 - رەسىمدە چوڭ كۇنۇپكا  ئىشلىتىلگەن ، قورال كۇنۇپكىسنىڭ  ئۈستىدىكى  يېزىق كۆرسىتىلىمىگەن ۋەزىپە ئىستونى  كۆرسىتىلدى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ماتېرىيال مەنبەسى ...
●  ماگېنىتلىق دىسكا ق...
●  دىئالوگ رامكىسى
●  ۋەزىپە ئىستونىنىڭ ...
●  WindowsXP دا كومپيۇتېرد...
●  كۆزنەكلەرنى تىزىش
●  قاتتىق دىسكىدىكى ھ...
●  كۆزنەكنىڭ سىرتقى ك...
●  باشلىنىش تىزىملىكى
●  WindowsXP دىن چېكىنىپ چ...
●  WindowsXP نى  قوزغىتىش
●  Windowsنىڭ مەخپى نۇمۇر...
●  WindowsXP دېگەن نېمە؟
●  كومپيۇتېرنى توكقا ...
●  [ھۈنەر]ھەرقانداق ھۆ...
●  BIOS دەرىجىسىنى يۇقى...
●  BIOS نىڭ تەڭشىكى تۇرم...
●  مەشغۇلات سىستېمىسى...
●  Windows نى قاچىلاش جەر...
●  بىلىدىغانلار ياردە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ماتېرىيال مەنبەسى باشقۇ...
●  ماگېنىتلىق دىسكا قوزغات...
●  دىئالوگ رامكىسى
●  ۋەزىپە ئىستونىنىڭ قوللى...
●  WindowsXP دا كومپيۇتېردا نور...
●  كۆزنەكلەرنى تىزىش
●  قاتتىق دىسكىدىكى ھۆججەت...
●  كۆزنەكنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈ...
●  باشلىنىش تىزىملىكى
●  WindowsXP دىن چېكىنىپ چىقىش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى