كۆزنەكنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى ئۆزگەرتىش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-15 15:47:26 كۆرۈلۈش سانى : 401
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ھەرقانداق بىر ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىنى ئاچقاندا، WindowsXP ئېكراندا تۆت تەرەپلىك رامكىنى يەنى ئابونت بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان رايۇننى چىقىرىپ بېرىدۇ، مانا بۇ بىز دەۋاتقان كۆزنەكتۇر. WindowsXP دىكى Windows ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىلىرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما كۆزنىكىدەئىجرا بولىدۇ. يەنى كۆزنەك ھەربىر ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىنىڭ ئېكراندىكى خىزمەت دائىرسىنى چەكلەيدۇ. ئەمەلىي قوللىنلىدىغان پروگراممىنىڭ كۆزنىكىنى تاقاش ئارقىلىق، شۇ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىنىڭ ئىجرا قىلىنىشنى ئاخىرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بىر كۆزنەك ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەندە، گەرچە ئېكراندا مەزكۇر كۆزنەكنى كۆرەلمىسەكمۇ، لېكىن ماس ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما ھېچقانداق خىزمەت قىلمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىچكى ساقلىغۇچ مەنبەسىنى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىنى داۋاملىق ئىجراقىلىشىڭ ھاجىتى قالمىغاندا، ئۇنى چۇقۇم تاقىۋېتىش لازىم.
كۆزنەكنىڭ ئېلېمېنىتلىرى
WindowsXP دىكى ھەرقانداق بىر ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىنىڭ كۆزنەكلىرى ئوخشاش بولىدۇ. .ھەرخىل كۆزنەك ئېلېمېنىتلىرنىڭ ھەرخىل ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىلاردىكى ئىقتىدارى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئابونتلارنىڭ ئش پروگراممىلىرىنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇللىرىنى ئىگلىشىگە قۇلايلىق بولىدۇ. تۆۋەندە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆزنەك ئېلېمېنىتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز .4.2 - رەسىمدە ئاددىي بىر كۆزنەك كۆرسىتىلدى.
1 . تېما ئىستونى <标题栏 >
كۆزنەكنىڭ ئەڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىلارنىڭ نامىنى، مەشغۇلات قىلىنىۋاتقان مەزمۇنلارنى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىدۇ. كۆزنەكتىكى تېما ئىستونىنىمائۇس بىلەن سۆرەش ئارقىلىق شۇ كۆزنەكنى يۆتكىگىلى بولىدۇ.
2 . تىزىملىك ئىستونى < 菜单栏 >
تىزىملىك ئىستونىدا ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىنىڭ تىزىملىك تۈرلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خالىغان تىزىملىك تۈرىنى بىر چەكسەك، شۇ تىزىملىك ئېچىلىدۇ. تىزىملىكتىن ئىجرا قىلماقچى بولغان كوماندىنى بىر چېكىپ تاللىساق بولىدۇ.
3. قورال ئىستونى <工具栏 >
قورال ئىستونىغا بىر قىسىم دائىم ئىشلىتىلىىدىغان قورال كۇنۇپكىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەربىر قورال كۇنۇپكىسى ماس مەشغۇلات كوماندىسىغا مۇناسىپ كېلىدۇ.مائۇس بىلەن كۇنۇپكىلارنى بىر چەكسەك ماس مەشغۇلات ئىجرا بولىدۇ. بۇنداق مەشغۇلاتنىڭ سۈرئىتى تىزىملىكتىن كوماندىنى تاللىغانغا قارىغاندا تېز بولىدۇ.
4 . ئۆرۈش تاياقچىسى<滚动条 >
كۆزنەكنىڭ مەزمۇنى كۆپ بولۇپ كەتكەن چاغدا، ئۆرۈش تاياقچىسى چىقىدۇ. ئۇنىڭ رولى كۆزنەكتىكى كۆرۈنگەن مەزمۇنلارنىڭ ئورنىنى يۆتكەپ كۆزنەك مەزمۇنىنى تولۇق كۆرسىتىش. تىك يۆنىلىشتە ئۈرۈش تاياقچىسى كۆزنەك مەزمۇنىنى يۇقىرى - تۆۋەن يۆتكەشكە، پاراللېل ئۆرۈش تاياقچىسى كۆزنەك مەزمۇنىنى ئوڭ - سولغا يۆتكەشكە ئىشلىتىلىدۇ. يۆتكەش تاياقچىسنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۈچ بۇرجەكلىك كۇنۇپكىنى مائۇس بىلەن بىر چەكسەك، كۆزنەكنىڭ مەزمۇنى ئاز - ئازدىن يۆتكىلىدۇ، ئۆرۈش تاياقچىسنى مائۇس بىلەن بىر چەكسەك، كۆزنەكنىڭ مەزمۇنى بىر ئېكران - بىر ئېكران بويىچە يۆتكىلىدۇ.
** مائۇسنىڭ ئىسترېلكىسنى ئۆرۈش تاياقچىسىغا توغرلاپ، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرۇپ، ئۆرۈش تاياقچىسىنى مائۇس ئىسترېلكىسى بىلەن يۆتكەش ئارقىلىق كۆزنەك مەزمۇنىنى چوڭ دائىردە يۆتكەپ كۆرگىلى بولىدۇ.
5 . سىستېما تىزىملىك كۇنۇپكىسى
سىستېما تىزىملىك كۇنۇپكىسى تېما ئىستوننىڭ ئەڭ سول تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كۇنۇپكىنى بىر چەكسەك، بىردانە كوتترول تىزىملىكى ئېچىلىدۇ.بۇ تىزىملىك ئارقىلىق كۆزنەكنىڭ ئورنىنى، چوڭ - كىچىكلىكىنى كونترول قىلغىلى ۋە كۆزنەكنى تاقىغىلى بولىدۇ.
6 . ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلتۈرۈش كۇنۇپكىسى
«ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلتۈرۈش <最小化 >» كۇنۇپكىسنى، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما كۆكزنىكى كىچىكلەپ ۋەزىپە ئىستونىدىكى بىر كۇنۇپكىغا ئايلىنىدۇ، بۇچاغدا ئېكراندا ئۇ كۆزنەك كۆرۈنمەيدۇ. ئۇ كۆزنەكنى كۆرسەتمەكچى بولساق،ۋەزىپە ئىستونىدىكى شۇ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كۇنۇپكىنى بىر چەكسەك بولىدۇ.
7 . ئەڭ چوڭ ھالەتكە كەلتۈرۈش كۇنۇپكىسى
بۇكۇنۇپكىنى بىر چەكسەك، كۆزنەك پۈتۈن ئېكراننىڭ چوڭلىقى بىلەن ئوخشاش چوڭ ھالەتكە كېلىدۇ ھەمدە كۆزنەكنىڭ مەزمۇنى ئەڭ چوڭ دائىرىدە كۆرسىتىلىدۇ. كۆزنەك ئەڭ چوڭ ھالەتكە كەلگەن ۋاقىتتا، بۇ كۇنۇپكا «ئەسلىگەكەلتۈرۈش كۇنۇپكىسى<复原按钮 >» غا ئۆزگىرىدۇ. ئەسلىگەكەلتۈرۈش كۇنۇپكىسنى بىر چەكسەك، كۆزنەك ئەڭ چوڭ ھالەتكە كېلىشنىڭ ئالدىدىكى ئەسلىي ھالىتىگە قايتىدۇ.
8 . تاقاش كۇنۇپكىسى
«تاقاش <关闭 >» كۇنۇپكىسنى بىر چەكسەك، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما كۆزنىكى تاقىلىدۇ.
2* . كۆزنەكنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى تەڭشەش
WindowsXP دا كۆپ قىسىم ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما كۆزنەكلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلكىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە كۆزنەكنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا،ھەربىر كۆزنەكنى كىچىكرەك قىلىپ تەڭشىسىڭىز، بۇ بىرنەچچە كۆزنەك ئېكرانغا پاتىدۇ، بۇنداق بولغاندا، كۆزنەكلەرنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. پەقەت بىرلا كۆزنەكنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا، كۆزنەكنى چوڭراق قىلىپ تەڭشىسىڭىز، كۆزنەك مەزمۇنى كۆپرەك كۆرۈنىدۇ. WindowsXP دا كۆزنەكنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى تەڭشەش ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، كۆزنەكنىڭ خالىغان يېنىنى ياكى بۇرجىكىنى مائۇس بىلەن بىۋاستە سۆرىسەكلا بولىدۇ .
كۆزنەكنى ئەڭ - چوڭ ھالەتكە كەلتۈرسەك، كۆزنەك پۈتۈن ئېكرانچىلىك چوڭىيىپ، كۆزنەك مەزمۇنى ئەڭ چوڭ دائىرىدە كۆرسىتىلىدۇ. كۆزنەكنىڭ ئوڭ يۇقىرى بۇرجىكىدىكى «ئەڭ چوڭ ھالەتكە كەلتۈرۈش <最大化 >» كۇنۇپكىسنى بىر چېكىش ياكى سىستېما تىزىملىكىدىكى «ئەڭ چوڭ ھالەتكە كەلتۈرۈش <最大化 >» كوماندىسى ئاقىلىق، كۆزنەكنى ئەڭ چوڭ ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ALT + بوشلۇق كۇنۇپكىسنى چەكسەك 6.2 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سىستېما تىزىملىكى ئېچىلىدۇ. كۆزنەكنى ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق كۆزنەكنى ۋاقتىنچە يوشۇرغىلى بولىدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما تاقالمايدۇ. كۆزنەكنىڭ ئوڭ يۈرۈش <最小化 > كۇنۇپكىسنى بىر چېكىش ياكى سىستېما تىزىملىكىدىكى «ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلتۈرۈش < 最小化 > كوماندىسى ئارقىلىق كۆزنەكنى ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. كۆزنەكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پەقەت ۋەزىپە ئىستونىدىكى مەزكۇر ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىغا ۋەكىلىك قىلىدىغان كۇنۇپكىنى بىر چەكسەكلا بولىدۇ.
* . ۋەزىپە ئىستونىدا ئېچىلغان ھەربىر ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كۇنۇپكا بولىدۇ.
3 . كۆزنەكنى يۆتكەش
كۆزنەكنىڭ ئېكراندىكى ئورنىنى خالىغانچە يۆتكىگىلى بولىدۇ. مائۇس بىلەن كۆزنەكنى يۆتكەش ئىنتايىن ئاسان بولۇپ، مائۇسنىڭ ئىسترېلكىسنى يۆتكىمەكچى بولغان كۆزنەكنىڭ تېما ئىستونىغا توغرلاپ، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرۇپ، كۆزنەكنى مائۇس ئارقىلىق خالىغان ئورۇنغا سۆرەپ يۆتكىسەك بولىدۇ.< 7.2 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك>.
ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆزنەكنىڭ تېما ئىستونىنى ئېكراننىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتسەك،كۆزنەكنى مائۇس ئارقىلىق ئەسلىي ئورۇنىغا يۆتكەپ كېلەلەيمىز. بۇۋاقىتتا كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىقلا كۆزنەنى يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ. كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كۆزنەكنى يۆتكەشنىڭ ئۇسۇلىي تۆۋەندىككىچە:
1.* ALT + بوشلۇق كۇنۇپكىسنى چېكىپ، سىستېما تىزىملىكىنى ئاچىمىز.
2 *. سىستما تىزىملىكىدىكى « يۆتكەش < 移动 >» كوماندىسنى تاللايمىز.
3.* تۆت دانە يۆنىلىش كۇنۇپكىسى خىك ئارقىلىق كۆزنەكنى مۇۋاپىق ئورۇنغا يۆتكىگەندىن، قايتۇرۇش < Enter > كۇنۇپكىسنى چەكسەكلا بولىدۇ. |
|