شەخسىنىڭ نام-ئابروي مەسىلىسىگە سەل قارىمايلى!
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-28 20:43:21 كۆرۈلۈش سانى : 149
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ياخشىمۇسىلەر، مۇھەررىر ئەپەندىلەر،مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار، مەن قاغىلىق ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىمەن. سىلەرنىڭ مۇنبىرىڭلاردا << مەكتەپتىكى گىتلىر >> تىمىسىدىكى بىر ئەسەر بولۇپ، بۇ مەلۇم بىر مەكتەپ مۇدىرىغا قارا چاپلاپ، تۆھمەت قىلىپ يېزىلغان تىما بولۇپ، ھازىر بۇ تىمىنىڭ كەڭ توربەتلەرگە تارقىلىشى تۈپەيلى مەزكۇر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوبرازىغا، ئىناۋىتىگە زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. قاغىلىق ناھىيىسىدىكى پۈتۈن مائارىپ سىسىتىمىىسىدا يامان تەسىر ئىلىپ كەلدى. مەزكۇر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ نورمال خىزمەت ئىلىپ بىرىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلىگەن نەچچە ئون يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى بىر تەرەپلىمە باھا بىلەن يوققا چىقارغان، تىمىدا تىلغا ئېلىنغان بەزى مەسىللەر ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن.
يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، تەپتىش ئورگانلىرى قاراپ چىقمىغان، باھا بىرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بىر ئادەمنى ئۇنداق-مۇنداق دەپ ئۇنىڭ شەخسى نام ئابروي ھوقۇقىغا ئىغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەن تىمىنى مۇنبەردىن ئۆچۈرۈپ، مەزكۇر تىمىنى تاقىۋىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
بەلكىم بۇ تىمىنى يوللىغان ئادەم خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئاجىز، كۈن ئۆتكۈزۈش كويىغا كىرىۋالغان، ئانچە-مۇنچە رەھبەرلىكتىن خىزمەت سەۋەبىدىن تەنقىد ئاڭلىغان كىشى بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىل تەنقىد ھەرقانداق بىر خىزمەت ئورنىدا بولۇشى نورمال. باشقىلارنىڭ توغرا تەنقىدىنى ئاڭلىمىغان ھەم تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشىنى بىلمەي رەھبەرلىكتىن ئاغرىنىپ يۈرىدىغان جان باقار بولۇشى مۇمكىن .
شۇڭا سىلەرنىڭ بۇ تىمىنى تىزلىكتە ئۆچۈرىۋىتىشىڭلارنى ئۈمىدى قىلىمىز.
|
|