ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئېنىق بولمىغان فىلىم ھوقۇقى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-27 20:25:40 كۆرۈلۈش سانى : 49
مەلۇم تور بەت فىلىم گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ بەدىئى فىلىم ئىشلىگەن ، ئەزالار بىلەن يازمىچە توختام تۈزمەيلا فىلىم ئىشلەشكە كىرىشكەن . تور بەت بارلىق مەبلەغنى چىقارغان. بىر ئەزا تەشەببۇسكارلىق بىلەن فىلىم چۈشەندۈرىشىنى يازغان ، ھەم رىجىسورلىقىنى قىلغان . باشقا ئاكتىيور ، ناخشا مۇزىكا ئىشلىگۈچى قاتارلىقلار بىردەك فىلىم تور بەتكە مەنسۇپ دەپ قارىغان ، فىلىم تېكىستىنى يازغۇچى ئەسەر قەلەم ھەققى تەلەپ قىلماي فىلىم ئىشلەش جەريانىدا يېنىدىن چىقارغان بارلىق پارچە خىراجىتىنى تور بەتتىن تۆلىتىپ ئالغان ھەم فىلىم بارلىق ئەزالارغا مەنسۇپ دەپ قاراپ باشقا تور بەتلەردە فىلىمنى مەبلەغ چىقارغۇچى تور بەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ئېلان قىلغان .تور بەت ھوقۇقۇمغا دەخلى قىلدى دەپ قارىغان .
بۇ فىلىم ھوقۇقى كىمگە تەۋە ئەسەر يازغۇچىغىمۇ ياكى فىلىم ئىشلىگۈچىگىمۇ ؟ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى بىكىتىشتىكى قانۇنى ئاساس نىمە ؟ كىمنىڭ ھەركىتىدىن دەخلى تەرۇز شەكىللىنىدۇ ؟ |
|