ئاپتورى نامەلۇم ئەسەر(دىلو مىسالى)
يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-08 06:56:47 كۆرۈلۈش سانى : 125
ئاپتورى نامەلۇم ئەسەر(دىلو مىسالى) ئەمەت كونا ئۆيلەرنى چېقىش جەريانىدا «غەزەپ» نامىلىق بىر پوۋىستنىڭ قول يازمىسىنى تېپىۋالىدۇ،بۇ يازمىنىڭ كىمنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكى نا مەلۇم بولغانلىقتىن،ئەمەت ئۆز نامىدا مەلۇم ژورنالدا ئىلان قىلىدۇ.ژورنال تارقىتىلغاندىن كىيىن ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى مامۇت،بۇ ئەسەرنىڭ ئۈزىنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكىنى بايقاپ،ئەمەتنىڭ ئۈستىدىن ئەسەر ھوقۇقىمغا دەخلى تەرۇز قىلدى دەپ ئەرىز قىلغان. سۇئال:ئەمەت مامۇتنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانمۇ؟،قايسى خىل ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغان؟ جاۋاپ: بۇ دىلودىكى مەسىلە ئاپتورى نامەلۇم ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنىڭ كىمگە تەۋە بولۇش مەسىىلىسى بولۇپ،بۇ ھەقتە «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»نىڭ 13-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلىمە بار:«ئاپتورنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ئەسەرلەردە،ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا ئىگىدارلىق قىلغۇچى ئىسمىنى يېزىشتىن باشقا ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.ئاپتورنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغاندىن كىيىن، ئەسەر ھوقۇقىنى ئاپتور ياكى ئاپتورنىڭ ۋارىسى يۈرگۈزىدۇ».بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا،ئەمەت بۇ ئەسەر باشقىلارنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۈزىنىڭ نامىدا ئىلان قىلىۋالغان،مامۇتنىڭ ئۆز ئەسىرىگە ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغان.ئەمما مامۇت ئەرز قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى نامەلۇم بولغاچقا،ئەمەتنىڭ ئاشۇ ئەسەرگە ئىسمىنى يېزىشتىن باشقا ئەسەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەنلىكى مامۇتنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغان بولمايدۇ.. |
|