بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> قانۇن ۋە ئەدەبىيات >> شۇجى: تازا ئۇرۇڭلار، ئۆلسە مەن ئىگە!!!

شۇجى: تازا ئۇرۇڭلار، ئۆلسە مەن ئىگە!!!

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-27 20:14:12    كۆرۈلۈش سانى : 503  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
شۇجى: تازا ئۇرۇڭلار، ئۆلسە مەن ئىگە!!!
مەن مەمتىمىن مەتتوختى ، خوتەن كېرىيە،  شەنبە بازار، قارا تورىندىن ....

     2008-يىلى6-ئاينىڭ25- كۈنى [جۈمە] تاۋۇز ساتقىلى بازارغا كىرىپ 3:30 دا قايتىپ كېتەي دىسەم ،ھارۋا چاقىدا يەل يوق ، بالون ئالغىلى بېرىپ كەلسەم ،ھارۋۇ يوق ئەتىراپتىكى كىشىلەردىن سورىسام يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكىلەر ئېلىپ كەتتى، دىدى .  ئۇ يەرگە بارسام، 15 - 20 گىچە ئادەملەر ئولتۇرۇپتۇ ، سوراشتىن ئەيمىنىپ تازىلىق ئىشچىسىدىن سوراشنى توغرا تاپتىم . تازىلىق ئىشخانىسى نەدە ، باشلىقى كىم ؟ دەپ نەچچە رەت سورىغاندىن كېيىن، قانۇن شۇجىسى ياسىن ؛ مانا مەن باشلىقى ،نىمە ئىش بولسا سورا .  دېدى ! مېنىڭ ھارۋامنى ئەكىتىپسىلەر ، دىسەم ،  تاۋۇز ساتقان سەنمىدىڭ ؟ يۇۋاش بولساڭ 300 سوم ، يامان بولساڭ 3000سوم تۆلەيسەن، دىدى .
مەن بىر دېھقان تۇرسام ، مەندە نەدىمۇ ئۇنچىلىك پۇل دېسەم ، ھارۋىنى بەرمەيمىز،  دىدى .  ھارۋا ئېلىشقا كۆزۈم يەتمەي قايتاي دىسەم ، 15 - 20 ئادەم مېنى ئۇرۇشقا باشلىدى ، قاچسام، شۇجى، لىروڭ ئىشىكنى تاقاپ تازا ئۇرۇڭلار ، ئۆلسە مەن ئىگە! دېدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنى ئارىغا ئېلىپ قاتتىق ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويدى ، بىر چاغدا ھۇشۇمغا كەلسەم ئۆيۈمدە ئىكەنمەن .  قانداق كەلدىم ، دېسەم ، ئۆيدىكىلەر ، ساقچىلار ئەكىلىپ قويدى دېدى .  

    ئەتىسى خەلق ھۆكۈمىتىدىكىلەر كېلىپ ھالىمنى كۆرۈپ ، 15 كۈن داۋالاتقۇزدى . شۇنىڭ بىلەن ساقايدىڭ، دەپ يالغان ئىسپاتنى كۆرسۈتۈپ داۋالاتمىدى .

  لىكىن قۇلۇقۇم ئاڭلىمايتى، بېشىم قېيىپ قۇسقۇم كېلىپ تۇراتتى ، پۈتۈن ئەزايىم كۆپكۆك ئىدى .  ئەرىز قىلىمىز دىسەك، ئانامنىڭ ، دادامنىڭ ، ئاكامنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىلىرىنى تارتىۋالدى، ھېچ يەرگە بارغۇزمىدى . خەلق ھۆكۈمىتىدىن بىر ئادەم چىقىرىپ، ئۈرۈمچى 2 - دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى . لىكىن قۇلۇقۇم ئاڭلىمايتى ، بېشىم قاياتتى ، پۈتۈن ئەزايىم سىقىراپ ئاغرىيتتى ، مېنى .ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلگەن كىشى، ئەمدى ساقايدىڭ دەپ ، خوتەنگە بىرگە ئېلىپ كەتتى .
ئۆزۈم ئەرىز قىلىمەن، دەپ بارمىغان يېرىم قالمىدى .

ئىقتىساتتىنمۇ ئايرىلدىم ، كوچا-كويلاردا قالدىم . خۇدانىڭ يۆلىشى بىلەن ياخشى كۆڭۈل كىشىلەرگە ئۇچىراپ تۇرمۇش غېمىمدىن چىقتى ، ئۇلار ماڭا يول كۆرسىتىپ ، توردىمۇ ياخشى كۆڭۈل قېرىنداشلىرىمىز بار ، يول كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ دېدى .  شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەرىزىمنى سىلەرگە بايان قىلدىم . ماڭا يول كۆرسۈتۈپ بەرسەڭلار !    زادى قانداق قىلىمەن ؟ نەرگە ئەرىز قىلىمەن ؟  ماڭا ياردەم قىلىپ ئىنساندەك ياشاشقا يول تېپېپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن .
توردا ياردەم كۈتكۈچىلەر ، بىچارە دادام ، ئانام ، ئاكام ، قېرىنداشلىرىم ھەم ، ئۈرۈمچىدە تۇنۇشقان ياخشى كۆڭۈل قېرىنداشلىرىم، سىلەرنىڭ ياخشى تەكلىپ پىكىرىڭلارنى كۈتمەكتە ............ !

ئالاقىلىشىش تىلفون : 13179890119  [0903]

ئىسمى : مەمەت مەتتوختى ئاكام .


   بۇ قېرىندىشىمىز قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىماقچى بولۇپتۇ..شۇڭلاشقا ھەر قانداق ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ قانۇنى مەسلىھەت بېرىشنى،قانداق قىلىش توغرىلىق تەپسىلى يول كۆرسىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.مۇنبەرگە ۋە بۇ قېرىندىشىمىزغا زىيانلىق ھەر قانداق ئىنكاس يازغۇچىنىڭ ئىنكاسى ئۆچۈرىلىدۇ ۋە چەكلىنىدۇ ھەم تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنىڭ بولماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

مەنبە:سەلكىن

[ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ reyhanay ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2008-10-27 12:25:18 ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﻧﺪﻯ . ]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شەخسىنىڭ نام-ئابرو...
●  ئىگىدارلىق ھوقۇقى ...
●  ﭘﯘﯨﺮﺍﻻﺭ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯲﺯﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ...
●  ﯲﻱ ﺋﯩﺠﺎﺭﻩ ﺑﯩﺮﺩﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ...
●  شۇجى: تازا ئۇرۇڭلار...
●  ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺩﯦﭙﻠﻮﻡ ﯲﺯﮔﻪﺭﺗﺴﻪ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ؟...
●  ئاپتورى نامەلۇم ئە...
●  ئىسىم يېزىش ھوقۇقى(...
●  ئورۇنداش ھوقۇقىغا ...
●  ﺗﯘل ﻣﻮﻣﺎي ۋە ﭼﯩﺮﯨﻚ ﺋﯘﻧﺴﯘر...
●  ھەمكارلاشقان ئەسەر...
●  بۇ ھەركەت ئەسەر ھوق...
●  ئۈن-سىن بويۇمى باشق...
●  توختامغا خىلاپلىق ...
●  ئۆي ئىجارە بىرىشتە ...
●  دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئ...
●  ھەمكارلىشىپ ئىجات ...
●  ئاز سانلىق مىللەتل...
●  قەلەم ھەققى تاپاۋە...
●  TRIPs توغرىسىدا

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شەخسىنىڭ نام-ئابروي مەس...
●  ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئېنىق...
●  ﭘﯘﯨﺮﺍﻻﺭ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯲﺯﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ...
●  ﯲﻱ ﺋﯩﺠﺎﺭﻩ ﺑﯩﺮﺩﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ...
●  شۇجى: تازا ئۇرۇڭلار، ئۆل...
●  ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺩﯦﭙﻠﻮﻡ ﯲﺯﮔﻪﺭﺗﺴﻪ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ؟...
●  ئاپتورى نامەلۇم ئەسەر(د...
●  ئىسىم يېزىش ھوقۇقى(دىلو ...
●  ئورۇنداش ھوقۇقىغا دائىر...
●  ﺗﯘل ﻣﻮﻣﺎي ۋە ﭼﯩﺮﯨﻚ ﺋﯘﻧﺴﯘر...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى