ئىسىم يېزىش ھوقۇقى(دىلو مىسالى)
يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-07 06:39:03 كۆرۈلۈش سانى : 172
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئىسىم يېزىش ھوقۇقى(دىلو مىسالى) ئەمەت قاتارلىق 5كىشى «قانۇننىڭ رۇلى»دىگەن چەتئەل تىلىدىكى ئەسەرنى بىرىلىكتە تەرجىمەقىلغان،پۈتۈن كىتاپنى ئەمەت تەكشۈرۈپ كۈرۈپ چىقىپ نەشىرىياتقا تاپشۇرغان،ھەمدە كىتاپنىڭ تىتولىغا ئەمەت تەرجىمە قىلغان دەپ يازغان.نەشىرىيات تەھرىر بولۇمى كۈرۈپ چىقىپ ياخشى تەرجىمە قىلىنىپتۇ،نەشىر قىلىشقا بولىدىكەن دەپ،ئەمەت بىلەن نەشىر توختامى ئىمزالىغان،توختامدا 2001-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى نەشىر قىلىشنى پۈتۈشكەن.شۇنىڭ بىلەن تەھرىرلەش،كوررىكتورلاش ئېلىپ بارغان. 4-ئاينىڭ29-كۈنى كىتاپ بازارغا سېلىنىپ بولغان،4-ئاينىڭ30-كۈنى ماي بايرىمىلىق7كۈن دەم ئېلىش قويۇپ بىرىلگەچكە،تىرجىمە قىلغۇچى ئەمەت تېخى كىتاپنىڭ نەشىر نۇسخىسىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان.بايرام ئاخىرلاشقان تۇنجى كۈنى ئەسەرنى بىرلىكتە تەرجىمە قىلغانلاردىن سەمەت نەشىرىياتقا تېلفۇن بىرىپ،بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى،5ئادەم تەرجىمە قىلغان ئەسەرگە نىمىشقا بىر ئادەم تەرجىمە قىلدى دەپ يېزىلغانلىغىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.شۇ كۈنى يەنە ئۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقۇچىلاردىن ھاشىر بىلەن قاسىممۇ بۇ ئىشنى نەشىرىيات ئورنىغا ئىنكاس قىلىپ تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.نەشىرىيات ئورنى تىزىملىكنى تەكشۇرۇپ كۈرۈپ تىتولدا راستىنلا تەرجىمە قىلغان بىر ئادەمنىڭ ئىسمى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.سەمەت تەرجىمە قىلغۇچىلار ئەمەتكە يۇمشاق دىسكا تاپشۇرغان،چۇقۇم شۇنىڭ قىلغان ئىشى،سېلىشتۇرۇپ كۈرۈپ بېقىڭلار دەيدۇ.نەشىرىيات ئورنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەرجىمىنىڭ باش ئاخىرىدىكى زىتلىقتىن بىر نەچچە ئادەمنىڭ تەرجىمە قىلغانلىغىنى ھىس قىلىپ،تارقىتىلغان كىتاپلارنى قايتۇرۇپ كىلىپ،كىتاپنىڭ تىتولىغا تەرجىمە قىلغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى تۇلۇقلاپ يېزىشنى،بىراق يەنە بىر ئاي ۋاقىت ئۇزارتىپ بىرىشنى دەيدۇ،سەمەت،ھاشىر،قاسىملار بۇنىڭغا قوشۇلىدۇ.ئەمەت بۇ ئىشلاردىن تېخى خەۋەرسڭز ئىدى،تەرجىمە قىلغۇچىلاردىن يەنە بىرىمۇ تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى. سۇئال: 1.«قانۇننىڭ رولى»نىڭ تەرجىمە ئەسىرىگە ھەر قايسى تەرجىمە قىلغۇچىلار ئىسىم يېزىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولامدۇ؟،نىمە ئۈچۈن؟ 2.بۇ كىتاپنى نەشىر قىلىش مەسىلىسدە نەشىرىيات ئورنى بىلەن ئەمەت قانداق جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ 3.نەشىرايات ئورنىنىڭ كىتاپنىڭ مۇقاۋىسى،تىتولىنى ئىشلەش،نەشىر قىلىش ۋاختىنى ئۇزارتىشىدا نامۇۋاپىقلىق بارمۇ؟،بولسا قانداق ھەل قىلىش كىرەك؟ |
|