بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> ئەسەر ۋە باھا >> جاللاتنىڭ ئۈچ ئىماگى

جاللاتنىڭ ئۈچ ئىماگى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-24 21:25:23    كۆرۈلۈش سانى : 233  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

جاللاتنىڭ ئۈچ ئىماگى

مەن تورغا كىرگىلى ئۇزۇن بولدى، توردا بۇرۇن جاللات ئىسىملىك بۇ تۇرداشنى ناھايىتى كۆپ ئۇچرىتاتتۇق، لېكىن ھازىر كۆپ ئۇچرىماس بوپ كەتتى، نىمە سەۋەب  بارلىقىنى پەقەت بىلمىدۇق، بەلكىم ئۆزىمۇ ھازىر ئىجادىيىتىنىڭ سۇسلاپ قالغانلىقىنى بەك مۇرەككەپ لېكىن ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان، ھېچكىم قوبۇل قىلالمايدىغان، ياكى شۇنداقراق مۇقامدا باش-ئايىغى يوق جۈملىلىرى بىلەن ئىزاھلاپ بىرەر.
جاللاتقا قانداقلارچە دىققەت قىلىپ قالغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ دەپ بىرەلمەيمەن. بەلكىم، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى جىق ئوقۇپمۇ ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك. جاللاتنىڭ بىرەر شېئىرىنىڭ ماۋزۇسىنى دەپ بىرەلمەيمەن، بىرەر شېئىرىنىڭ مەزمۇنىنى دەپ بىرەلمەيمەن، ئەمما، مەن شۇنىڭغا جەزىم قىلالايمەنكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ‹‹ قان، يىلان، ئايال ›› دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ سۆزنىڭ ناھايىتى جىق تەكرارلىنىشىدىن تۈزۈلگەن.
مەن شائىر ئەمەس، ئەمما شائىرلارنىڭلا شېئىر ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى دىيىش ھوقۇقى بولمىغاندىكىن، مەن بۈگۈنكى خاتىرەمدە، ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ جاللات ئىسىملىك تورداش توغرىسىدىكى ئەسلىمىلىرىمنى بىر قۇر بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
شېئىرلاردا مۇقىم ۋەقەلىكنىڭ بولمايدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان بىر ھەقىقەت. بولۇپمۇ قىسقا شېئىرلاردا شۇنداق. قىسقا شېئىرلارنى ئوقۇۋاتقان دەقىقىلەرنىڭ بىرەرىدە مەندە بىرەر ئەسلىمەمگە، ياكى كاللامدا قالغان بىرەر ئۇچۇرغا ئائىت يىپ ئۇچىغا ئېرىشسەم، مەن شېئىردىن قايتا ھوزۇرلىنىشقا باشلايمەن، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ قارىشى بويىچە‹‹ ھە، بۇ بولىدىغان شېئىركەن ›› دەپ  ھېسابلايمەن. تور دۇنياسىدا ماڭا تەسىر قىلغان شائىرلار ئاز ئەمەس، لېكىن جاللات ئىسىملىك بۇ تورداشنىڭ شېئىرلىرى ماڭا ھەقىقەتەن ئالاھىدە تەسىر بەردى. بۇ ئالاھىدە تەسىرنى مەن ياخشى تەسىر دەپ ئېيتالمايمەن، بۇ بىر خىل بىزار بولۇشقا يېقىنراق تەسىر دىيىشكە مەجبۇرمەن، بۇ گەپتىن جاللاتنىڭ قانچىلىك ئۈمىدسىزلىنىدىغانلىقى ماڭا ئېنىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ دادىللىق بىلەن شېئىرىغا ۋە شېئىرىدىكى مەغلۇبىيەتكە سەۋەب بولىدىغان بۇ خىل تەركىبلەر ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇرۇن ناھايىتى رومانتىك ئادەمتىم، بىرەر شېئىرنى ئوقۇۋالسام، بىرەر ھېكايە ئوقۇسام نەچچە كۈنگىچە شۇنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمايمەن. بەلكىم، شۇ تەسىر ئېڭىمدا  ھازىرغىچە مەۋجۇت بوپ كىلىشى- مېنى بۇ كىچىككىنە خاتىرىنى يېزىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان بولسا كىرەك.
جاللات ناھايىتى مول-ھوسۇللۇق شائىر ئىدى، لېكىن گىزىت-ژورناللاردىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ناھايىتى ئاز ئۇچراتتىم، نىمىشقا شۇنداقلىقىنى بىلىپمۇ كىتەلمىدىم، ئەمما شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، تور دۇنياسىدا ئۇ ناھايىتى ئومۇملاشقان، ھەممىگە تونۇش شائىر. ئەمما بەزى شېئىرلىرىنى ئانچە چۈشىنىپ كىتەلمەيمەن. بىرەر ئەسەردىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن مەلۇم سەۋىيە، ئىستىتىك ھوزۇرلىنىش ئىقتىدارى كىتىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلسەممۇ، بەزىدە ئۆزۈمنىڭ چۈشىنىش قابىلىيىتىنى ناچار دەپ قارىغۇم كەلمەيدۇ.

بۇ گەپلەرنى قويۇپ، ماڭا خېلى ئۇزۇنغىچە تەسىر بەرگەن ‹‹ قان، ئايال ، يىلان ›› دىگەن بۇ ئۈچ سۆز توغرىسىدا توختىلاي، بۇ يازمىنى يېزىشتىكى مەقسەتمۇ دەل موشۇ ئۈز سۆز توغرىسدا بوپ قالدى.
1. قان : بۇ سۆزلەرنى ئويلاپ يۈرگەندىن كېيىن ، مەن بەيدۇغا كىرىپ شېئىرىيەت توغرىسدا سەل-پەل ماقالە ئوقۇپ قالدىم. بىر دوستۇمدىن بىر شائىرنىڭ بىر مۇددەتلىك ئىجادىيىتىدە دائىم قوللىنىلىدىغان سۆزلىرى نىمە دەپ ئاتىلىدۇ دەپ سورىسام، ئۇ ‹‹ئىماگ ›› دەپ بەردى. ئىماگ دىگەن سۆز خەنزۇچىدىكى مەنىسىگە قارىغاندا بەدئىي ئوبراز دەپ ئېلىنىدىكەن. بەدىئىي ئوبراز دىگىنىمىز نىمە بولغىدىكى دەپ ئاختۇرسام بىر مۇنچە كەسپىي گەپلەر چىقىپ كەتتى. شۇڭا ئۇلارنى ئوقۇمايلا، جاللاتنىڭ بۇ ئۈچ سۆزىگە ئىسىم قويىۋىلىپ، يازمامنى باشلاپ كەتتىم.
ھازىر قېشىمدا جاللاتنىڭ بىرمۇ شېئىرى يوق. شۇڭا مەن ئەسلىمەمگە تايانماقتىن باشقا ئامال يوق.
قان دىگەن بۇ ئىماگنى بىر نەچچە تۈركۈمگە بۆلۈشكە بولىدۇ، بىرى ‹‹ قان –يىرىڭ››  دەپ كەلسە، يەنە بەزىدە بىرلا سۆز ‹‹ قان›› بوپ كېلىدۇ. جاللات بۇ سۆزنى كونتىكىستقا قارىتىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھەر خىل ھېسسىياتنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. مەن بۇ شېئىرلارنى ئوقۇغاندا مەن جاللاتنى بەك ۋەھشى ئادەم بولسا كىرەك دەپ ئويلىغان، لېكىن، بىر نەچچە يەردىكى ئىنكاسلاردىن جاللاتنىڭ يۇۋاشلىقىنى بىلىپ قالدىم. پەقەت يۇۋاش كۆرۈنىدىغان ئادەملەرلا ئىچىدە مۇشۇنداق قەھىر غەزەبتە چوقان سالىدۇ. بىر نەچچە دەردلىك شئىېر يازىدىغان شائىرنى تونۇيمەن، ئۇلارنىڭ چاخچاقچىلىقىغا، يۇمۇرىستىكلىقىغا قاراپ، بۇلار خوشاللىقىنى يۇمۇر بىلەن، غەملىرىنى شېئىرىدا بىر تەرەپ قىلىدىكەن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم. قان دىگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا ئادەمنى ئەندىكتۈرىدۇ، لېكىن ئۇ يىرىڭ سۆزى بىلەن قوشۇلۇپ كەلسە، ئۆزىنىڭ ئەندىكتۈرۈش كۈچىنى ئاجىزلاشتۈرۈپ، ئادەمنى يىرگەندۈرىدىغان بىر ئوبىكىتقا ئايلىنىدۇ. لېكىن نىمىلا بولمىسۇن، جاللاتنىڭ بۇ سۆزنى باشقا يازارمەنلەردىن جىق ئىشلىتىدىغانلىقى ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدىكى بىر ئارزۇسىغا، ياكى، ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن بىر ئەسلىمىسىگە باغلىق دەپ پەرەز قىلالايمىز. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، يۇۋاش شائىرنىڭ قەلىمىدىكى ئوخچۇپ چىققان، ئىقىۋاتقان، چىرىپ كەتكەن، يىرىڭغا ئايلانغا، توۋلاۋاتقان قانلارنىڭ كۆپلۈكى بەزىدە جاللاتنىڭ سۆز بايلىقى كەممۇ نىمە دىگەن قاراشقا ئەكەپ قويىدۇ.
2. ئايال، ئايال—بىر ئەر شائىرنىڭ شېئىرىدا كەم بولمايدىغان ئىلمىنىت. لېكىن جاللاتنىڭ ئاياللارغا بولغان ئۆچمەنلىكى، ياكى نەپرىتى ئادەمنىڭ تولىمۇ كۈلكىسىنى قىستايدۇ. دىندىن سۆزلىمىسەممۇ، ماۋۇ بىز ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي تۈزۈلمىدە ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ قانداقلىقى بىزگە ئايان، لېكىن شېئىرىدا قەھىرلىك ياشاۋاتقان بۇ جاللاتنىڭ ئاياللارغا بولغان نەپرىتىنىڭ شۇ قەدەر كۈچلۈكلىكى – جاللاتنىڭ ھاياتقا، ئاياللارغا بولغان پوزىتسىيىسىدىن گۇمانلاندۇرۇپ قويىدۇ.ئاياللارغا بولغان ئۆچمەنلىك –ئاياللارغا بولغان مۇھەببەتنىڭ، چوڭقۇر بىر مۇھەببەتنىڭ تېخى يوقاپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مۇھەببەت بولمىسا بەلكىم نەپرەتمۇ بولماس بولغىدى. لېكىن نەپرەتنىڭ بۇنداق شەكىلدە ئىپادىلىنىشى ئادەمنىڭ ھەم ھېسىداشلىقىنى ھەم ئۆچلۈكىنى كەلتۈرىدۇ.
‹‹ قەبرىدە بىر ئايال سالماقتا چوقان، قان بىلەن تولغان يىلانلار ئارا›› بۇ مىسىرانى مەن ئۆزۈم توقۇدۇم. ئەمەليەتتە، جاللاتنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى مانا مۇشۇنداقراق شەكىلدە.
3. يىلان، مەن يىلاندىن قورقىمەن. يىلان ئادەمنى شۈركەندۈرىدۇ ھەم ئۆزىمۇ قۇرقۇنۇچلۇق مەخلۇق. يىلان ئىماگى ‹‹ئەگەر شۇنداق دىيىشكە بولسا››نىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى بەك ئۇزۇن، ئۇ ئىلاھىي كىتابلاردىن تارتىپ ھازىرقى ئىلمىي كىتابلاردىمۇ تىگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشىپ كەلگەن. بۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتسەم ئارتۇقلىق قىلماس:
1. ھەۋۋانى ئازدۇرغان يىلان. بۇ توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر بەك كۆپ. قۇرئان، ئىنجىللاردىن بۇ توغرىسىدىكى بايانلارنى جىق تېپىش مۇمكىن. يىلان خەقلەرنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراپ كەلگەن.
2. فىرۇئىدنىڭ نەزىرىيىسىدىكى يىلان: بۇ توغرىسىدا توختالمايمەن. چۈنكى مەن جاللاتنىڭ بۇ نەزىرىيەنى ئوقۇغانلىقى ياكى ئوقۇمىغانلىقىغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن.
3. مۆچەلدىكى يىلان. مۆچەلدىكى يىلان ئانچە قۇرقۇنۇچلۇق ئەمەس. ئەمما يېقىنقى يىللاردا نەشىردىن چىققان كىتابلاردا دىيىلىشىچە، يىلان يىللىق ئادەملەر يىلاننىڭ بەزى ئالاھىدىلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۇرگەن بولارمىش. ئەمما، بۇ قاراشلارنى ئىنكار قىلساقمۇ، شېئىرلارنىڭ قاتلاملىرىدىن يىلان يىللىق كىشىلەرنىڭ بۇ شېئىرىدىكى سايىسىنى تېپىش تەس ئەمەس.
4.رىئاللىقتىكى يىلان . مەن يىلاندىن قۇرقىمەن. گەرچە كۆپىنچە ئالدىمغا توخماق يىلاندەك زەھەرسىز يىلانلار ئۇچرىسىمۇ، لېكىن، يىلاننى كۆرسەم قۇرقۇپ قېتىپلا قالىمەن. يىلان ھەقىقەتەنمۇ سۈرى بار قۇرقۇنۇچلۇق مەخلۇق.
يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، يىلاننىڭ جاللات ئىجادىيىتىدە تۇتقان ئۇرنىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى مۇشۇنچىلىك بىكىتىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇ يىلان سۆزى ھەر بىر قۇللانغان قېتىمىدا نۇرغۇنلىغان مەنالارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ كەلگەن.
1. نەپرەت. جاللاتمۇ بىر نورمال ئىنسان .ئۇنىڭ نەپرىتى، غەزىپى،قەھرى بولىدۇ. ئۇ بۇ نەپرەتنى قان يىلان دىگەندەك ئىماگلار بىلەن ئىپادىلىگەن.
2. ئۆچمەنلىك. ئۇ ئۆچ شەيئىلىرىنىڭ ئورنىغا يەنە مۇشۇ ئىماگنى ئىشلەتكەن .
....
يۇقىرقىلارغا قارايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى جاللاتنىڭ مەغلۇبىيىتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمما جاللات توختاۋسىز تىرىشىۋاتقان بىر شائىر، ئوبزۇرچى، گەرچە ئۇنىڭ ئىزدىنىشلىرى توختىماستىن داۋاملىشىۋاتقان بۇ باسقۇچتا، ئۇنىڭ ئۇندىن ئىلگىرىكى ئىجادىيىتىگە بولغان بۇ ئاددىي باھا ئۇنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئىلھام بوپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
ئاپتور: يارۇق

 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ''ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻟﯘﺕ''ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  جاللاتنىڭ ئۈچ ئىما...
●  ئۈمىدى: يارقىن سىما...
●  ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺕ--ﯪﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪ ﺋﯧﻠﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  (ﺟﺎﻟﻼﺕ)شېئىرنىڭ يەنە بىر...
●  ﻣﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺰﯨﻢ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﺘﻰ...
●  ئىپادىزىم شېئىرىيت...
●  ئۇيغۇر دېسنى شىركى...
●  ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﺘﯩﻜﯩﺴﻰ(ﻧﺎﺯﯨﻢ ﻣﯘﻫﻪﻧﻨﺎ)...
●  ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ (ﻫﻪﺯﺭﻩﺗﯭﻟﻰ)...
●  ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺕ----ﯮﯞﭼﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﯩﺴﻰ(ﯮﯞﭼﻰ ﺷﯧﺌﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ)...
●  ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﯩﭙﻰ (ﯪﻟﯩﭗ ﯮﻏﯘﺯ )...
●  [ﯬﺳﻠﻰ]كۈيلەر كۆزى،قەلبل...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ''ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻟﯘﺕ''ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  جاللاتنىڭ ئۈچ ئىماگى
●  ئۈمىدى: يارقىن سىماھ ۋە ...
●  ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺕ--ﯪﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪ ﺋﯧﻠﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  (ﺟﺎﻟﻼﺕ)شېئىرنىڭ يەنە بىر قانى...
●  ﻣﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺰﯨﻢ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﺘﻰ...
●  ئىپادىزىم شېئىرىيتى(2)
●  ئۇيغۇر دېسنى شىركىتى خا...
●  ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﺘﯩﻜﯩﺴﻰ(ﻧﺎﺯﯨﻢ ﻣﯘﻫﻪﻧﻨﺎ)...
●  ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ (ﻫﻪﺯﺭﻩﺗﯭﻟﻰ)...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى