بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> ئەسەر ۋە باھا >> ئىپادىزىم شېئىرىيتى(2)

ئىپادىزىم شېئىرىيتى(2)

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-05 02:44:00    كۆرۈلۈش سانى : 87  
كصچصك | نورمال | چوڭ             

ئىپادىزىم شېئىرىيتى(2)

 

ئىپادىزىم شېئىرىيتى ئۈستىدە توختالغاندا ئەڭ ئاۋال ئاساسىي گەۋدە بولغان سىمۋۇل توغىرسىدا سۆزلەش ئىنتايىن زۆرۈر.

سىمۋۇل(symbol)نىڭ  گىرىك تىلىدىكى مەنىسى <<بىر پارچە تاختاي(ياكى بىر پارچە ساپال)نى ئىككى پارچە قىلىپ،مېھمان بىلەن ساھىبخانا بىر پارچىدىن ئېلىپ،قايتا كۆرۈشكەندە جۈپلەش ئارقلىق دوستلۇقنى ئىپادىلەيدىغان يالداما>>نى كۆرسىتىدۇ.@

  سىمۋۇل ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ساھە ئىنتايىن كەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنىڭغا مۇكەممەل ئېنىقلىما بەرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن.بىراق <سىمۋۇل مۇرەككەپ ئىچكى ھىسياتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنلىدىغان ۋاستە> دەيدىغان قاراشنىڭ ئىپادىزىم شېئىرىيتىگە نىسبەتەن ئىتىراپ قىلىش چانلىقى كۈچلۈك.شوڭا <سىمۋۇل بىرەر كونكىرىتنى نەرسە ھەمدە ھەرخىل ئىشارە ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇرەككەپ ئىچكى ھىسياتنى ئىپادىلەش جەريانى دەيدىغان> دېگەن ئېنقلىما بىر قەدەر قايىل قىلارلىق دەپ قارايمەن.

  ئادەمنىڭ ئىچكى ھىسياتى ئۆزگىرىشچان ھەمدە زىدىيەتلىك بولدىغانلىقى ئۈچۈن سىمۋۇل قىلنغان شەيئىلەر مۇقىم بىر ئوبرازنى ساقلاپ قالالىشى ناتايىن...ئادەتتە ئوخشاش شەيئى ئارقلىق ئىپادىلەنگەن سىمۋۇللۇق ئوبرازلارمۇ،شائىرنىڭ تۇيغۇسىغا بېقىنىپ،تەۋرىنىش پەيدا قىلىدۇ ھەمدە شۇ تەرۋرىنىش ئىچىدە ئۆز مەنىسنى يوقۇتۇپ،مۇئەييەن دەرىجىدە قاتلام ھاسىل قىلىش ئارقلىق مەنە ئىپادىلەيدۇ دەپ قارىلىدۇ.

قاق!

قاق!

قاق!

قار ئۈستىدە

قارا رەڭ ماڭدى

قارا رەڭ توختىدى

قارا رەڭ يىغلىدى

ئادىل تۇنىياز <<بىرىنچى قاغا ياكى ئۈچۈنىچى قاغا>>دىن

قارا رەڭ ئوخشىمغان ئۈچ ئۇرۇندا تەكرارلىنىپ سىمۋۇل ۋەزىپسىنى ئۆتەۋاتىدۇ...ئالدىقنى ئىككى ئۇرۇندا ئۆز ئارا زىدىيەتلىك بولغان <ماڭدى>،<توختىدى(ماڭمىدى)>دېگەن پېئللار بىلەن باغلىنىپ كەلدى.كىينكى ئۇرۇندا <يىغلىدى>دىن ئىبارەت يەنە بىر پېئىل بىلەن باغلىنىپ، كۆزىتىش ئوبىكتى بولغان قاغىنىڭ ئۈچ خىل شەكلىدىكى ھاياتلىق ھەركىتىدە شائىرنىڭ خىيالى تەسەۋۋۇرى ۋە تەپەككۇرى ئۆز ئارا ئارلىشىپ كەتتى.نەتىجىدە <<قارا رەڭ>>دىن ئىبارەت كونكىرىتنى شەيئىدە قوزغلىش ھاسىل بۇلۇپ سىمۋۇل ئورنىدا ئوتتۇرغا چىقتى.

  يەنە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى،ئەدەبىيات نەزىرىيسىدە سىمۋۇلنى تۇراقلىق سىمۋۇل ۋە  شەخسىي سىمۋۇل دەپ ئىككىگە بۆلگەن.تۇراقلىق سىمۋۇل ئادەتتە كىلاستىك شېئىرلاردا كۆپ ئۇچىرايدىغان بۇلۇپ،ئەسلى سىمۋۇل قىلنغان مەنىنى ساقلاپ،ئۆزگەرمەي مۇقىم تۇرىدۇ.

ئالىمنى سۇندى نىگارىم <ئال>دىدى،

ئالما بىرلە بۇ كۆڭۈلنى <ئال>دىدى.

مەن سورىسام ئالمىسنىڭ رەڭگىنى،

نى سورايسەن ئالما رەڭگى <ئال>دېدى.

--------ئەلىشىر نەۋائىي

<ئالما>نىڭ شېئىردىكى سىمۋۇللۇق مەنسى تۇراقلىق...بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىلاستىك شېئىرلاردا نۇرغۇن تۇراقلىق سىمۋۇللار مەۋجۈت...كىلاستىك شېئىرلاردا تىلنىڭ گۈزەللىكى ۋە پاساھىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلىدىغان بۇلۇپ، بۇخلىدىكى شېئىرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بىرخىل ئالاھىدىلىكىمۇ مۇشۇ تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

ئىپادىزىم شېئىرىيتىدە بولسا سىمۋۇل قوللۇنۇپ مۇرەككەپ ئىچكى ھىسياتنى ئىپادىلەش تەكىتلىنىدۇ.ئادەمنىڭ ئىچكى ھىسياتى ئۆزگىرىشچان بولغاچقا ئادەتتە قوللىنلىغان سىمۋۇلمۇ مۇقىم ھالەتنى ساقلاپ قالالمايدۇ.يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتكەن <<قارا رەڭ>>بۇنىڭ بىر مىسالى.

دىمەك شېئىرىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسلانغاندا <تۇراقلىق سىمۋۇل بىلەن شەخسىي سىمۋۇل>نىڭ قوللىنلىشنى  ماكان ۋە زامان جەھەتتىن مۇئەييەن پەرىققە ئىگە ھەم ئۆزىگە خاس ئالاھىدە تەرەپلىرىمۇ بار.

ئىپادىزىم شېئىرىيتنىڭ مەقستى بولسا ساپ تۇيغۇنى تۇتقا قلىش بۇلۇپ،بۇخىل ساپ تۇيغۇ شەخسنىڭ ئاڭلىق ھەمدە ئاڭسىز پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،ئادەمنىڭ ئاڭ پائاليەتلىرى ئۇنىڭ ھىسياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بېرىپ چېتىلىدۇ.ئىچكى ھىسياتنىڭ ئۆزگىرىشى مۇرەككەپ ھەم تەرتىپسىز.(ئادەم مېڭسنىڭ پۈتكۈل ئېلىپ بارالايدىغان ئاڭلىق ھالدىكى ئەقلىي پائالىيتنىڭ 1.5%~3%گىچە بۇلۇشىمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك)

شوڭا ساپ تۇيغۇنى تۇتقا قىلغاندا لەھزە ئىچىدە تەۋرىنىپ تۇرىدىغان ئىچكى ھىسيات ئۆزگىرىشنى ئىپادىلەپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم.مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىپادىزىم شېئىرىيتىدە ئېيتىپ ئۆتكەن سىمۋۇل شەخسى سىمۋۇل بۇلۇپ، تۇراقلىق سىمۋۇلىدىن ھامان پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ.ئۇنى تۇراقلىق سىمۋۇل دەرىجىسگە كۆتىرىشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.

شەخسىي سىمۋۇلنى يەنە تۆۋەندىكىدەك ئىككىگە بۆلۈش مۇمكىن:

بىرىنچى:كونكىرىتنى سىمۋۇل

ئىككنچى:ئابىستىراكتنى(ئىشارە)سىمۋۇل

كونكىرىتنى سىمۋۇل ئادەتتە كونكىرىتنى نەرسىلەر ئارقلىق سىمۋۇل قىلىش ئۇسۇلى بۇلۇپ،كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئوبىكىتىپ شەيئىلەرگە قارىتىلىدۇ.

ئۇنىڭ كۆزىدىن

قايتىمەن ئەر قەبىرىستانلىقغا

ئۇزۇن بىرتال <ياق> دېگەن خەت

ئوخشايدۇ قەبرە تېشىغا

ئۇنىڭ كۆزىدىن

سۆڭەكلەرنىڭ پارچلىنىشى

ئاڭلىنىدۇ<توۋا...ۋاي ئاللا ۋاي توۋا..>>

گۇناھ

پەرىشنىڭ كۆزى ئۇ گويا

   -------<<ئۇنىڭ كۆزى>>دىن

<<قەبىرستانلىق، قەبرە تېشى>>كونكىرىتنى نەرسىلەر بۇلۇپ،بۇ يەردە ئۆزىگە خاس كونكىرىتنى سىمۋۇل ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.<<توۋا...ۋاي ئاللا ۋاي توۋا...،گۇناھ>>دېگەنلەر ئابىستىراكىنتى ئۇقۇم بۇلۇپ،ماس ھالدىكى ئابىستىراكىتنى  سىمۋۇل ۋەزىپسىنى ئۆتەپ كەلگەن.

  ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىمۇ كونكىرىت سىمۋۇل بىلەن ئابستراكىتنى سىمۋۇلنىڭ ئىزنالىرىنى ئۇچىراتقلى بولىدۇ.

ئاھ ئۇرارمەن ئاھ ئۇرارمەن ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى،

كۆز ياشلىرىم دەريا بۇلۇپ بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.

-----------ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن

بۇيەردە <ئاھ ...> ئابىستىراكىتنى سىمۋۇل رۇلىنى ئويناپ كەلگەن.<ئاھ...>نىڭ ئۈچ يەردە تەكرارلىنىشنى پەقەت كۈچەيتمە دەپ قاراپ سىمۋۇللۇق رۇلىغا سەل قارشقا بولمايدۇ.

شېئىردىكى ئورنىدىن(يەنى ئۇرۇش دېگەن پېئىل بىلەن باغلىنىپ) <ئاھ...>زارلىنىش ھىسياتنى ئىپادىلەيدۇ،زارلىنىش ئوبىكتى(<<سېنى>>ئادەممۇ زامانمۇ ياكى باشقا بىرەر شەيئىمۇ)ئالماش بۇلۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن بىزگە نامەلۇم.زارلىنىش سەۋەبىمۇ ئېنىقىسز دەل مۇشۇئېنقىسىزلىق<<ئاھ..>>نى سىمۋۇل دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن....ئاھ ئۇرۇلغۇچى ئوبىكىت ھەم ئاھ ئۇرۇش سەۋەبى ئېنقىسز بولغانلىقى ئۈچۈن،<<ئاھ>>نىڭ تەكرار ئۇرۇندىكى سىمۋۇللۇق ۋەزىپسىمۇ ئوخشاش ئەمەس دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.

ئابىستىراكتنى سىمۋۇل ئەنە شۇنداق ئابىستىراكىتنى ئۇقۇملار ۋە ئىملىق سۆزلەردىن پايدىلنىپ ئىشارە قىلىش ئارقلىق بەلگىلىك دەرىجىدە ئىچكى ھىسياتنى ئىپادىلەش رۇلىنى ئوينايدۇ.

شېئىردىكى<<بېلىق...>>دېگەن سۆز كونكىرىتىنى سىمۋۇل بۇلۇپ شائىر ھىسياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسنى ئىپادىلەشتە ھالقىلىق رول ئوينىغان....

 

@غەرىپ مودىرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى ناملىق كىتاپتىن

 

 

داۋامى بار

 



[ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ abduraxit ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2008-5-4 21:47:23 ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﻧﺪﻯ . ]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  &#39;&#39;ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻟﯘﺕ&#39;&#39;ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  جاللاتنىڭ ئۈچ ئىما...
●  ئۈمىدى: يارقىن سىما...
●  ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺕ&#45;&#45;ﯪﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪ ﺋﯧﻠﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  (ﺟﺎﻟﻼﺕ)شېئىرنىڭ يەنە بىر...
●  ﻣﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺰﯨﻢ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﺘﻰ...
●  ئىپادىزىم شېئىرىيت...
●  ئۇيغۇر دېسنى شىركى...
●  ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﺘﯩﻜﯩﺴﻰ(ﻧﺎﺯﯨﻢ ﻣﯘﻫﻪﻧﻨﺎ)...
●  ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ (ﻫﻪﺯﺭﻩﺗﯭﻟﻰ)...
●  ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺕ&#45;&#45;&#45;&#45;ﯮﯞﭼﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﯩﺴﻰ(ﯮﯞﭼﻰ ﺷﯧﺌﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ)...
●  ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﯩﭙﻰ (ﯪﻟﯩﭗ ﯮﻏﯘﺯ )...
●  [ﯬﺳﻠﻰ]كۈيلەر كۆزى،قەلبل...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  &#39;&#39;ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻟﯘﺕ&#39;&#39;ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  جاللاتنىڭ ئۈچ ئىماگى
●  ئۈمىدى: يارقىن سىماھ ۋە ...
●  ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺕ&#45;&#45;ﯪﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪ ﺋﯧﻠﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  (ﺟﺎﻟﻼﺕ)شېئىرنىڭ يەنە بىر قانى...
●  ﻣﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺰﯨﻢ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﺘﻰ...
●  ئىپادىزىم شېئىرىيتى(2)
●  ئۇيغۇر دېسنى شىركىتى خا...
●  ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﺘﯩﻜﯩﺴﻰ(ﻧﺎﺯﯨﻢ ﻣﯘﻫﻪﻧﻨﺎ)...
●  ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ (ﻫﻪﺯﺭﻩﺗﯭﻟﻰ)...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى