بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> ئەسەر ۋە باھا >> ﻣﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺰﯨﻢ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﺘﻰ

ﻣﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺰﯨﻢ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﺘﻰ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-27 21:55:50    كۆرۈلۈش سانى : 213  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

مەن ۋە ئىپادىزىم شېئىرىيتى

 

ئەسكەرتىش:ئىزدەنگۈچنىڭ تەپەككۇر يۇلى بىلەن ئۇنىڭغا تەىسر كۆرسەتكەن شارائىت  بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغانلىقم ئۈچۈن قىسقىچە سەزگۈزەشتىلىرىمنى بېشىغا يازدۇرۇپ قالدۇردۇم...(ئاللاھ خاللىسا كىيىنكى ماقالىدىن باشلاپ ئىپادىزىم شېئىرىيتى دەپلا ماۋزۇ قۇيۇپ كېتىۋىرىمەن)بۇجەھەتتە ئۇقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشنى سورايمەن.

 

10ياش ۋە قىتلىرىم بولسا كېرەك،بىركۈنى <<ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى>>ناملىق كىتاپ قۇلۇمغا چىقىپ قالدى(قانچىچنى قىسم ئىكەنلىكى  ئىسمىدە يوق).بۇ كىتاپتىكى ھەر بىر چۆچەك مېنى شۇنداق قىزىقتۇرۇپ ئۆزىگە رام قىلۋالغان ئىدى.كىتاپنى ئۇقۇپ تۈگەتكەندىن كىيىن كىتاپخانا ئارلاپ يۈرۈپ ئۇنىڭ باشقا قىسملىرىنىڭمۇ بارلىقنى بايقىدىم،ئالاي دېسەم ياندا پۇل يوق،شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئۆيگە يۈگىرەپ بېرىپ،دادامغا(رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن)كىتاپ ئالدىغانلىقمنى دېدىم.ئۇ ئاۋال دەرىسلىرىڭنى ياخشى ئۇقۇ ئۇنداق كىتابلارنى ئۇقۇپ نىمە قىلىسەن دەپ كىتاپ ئېلىشمغا قۇشۇلمىدى.مەن  ئۇ كىتابنى ئېلىپ بەر دەپ يىغلاپ غەلۋە قىلدىم،دادام بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرغاندىن كىيىن كىتاپنى ماڭا ئېلىپ بېرىشكە قۇشۇلدى.ھازىر ئۇ چۆچەكلەرنىڭ ۋەقەلىكى ئازىراقمۇ ئىسىمدە قالماپتۇ،پەقەت قايسى بىر چۆچەكتىكى مۇنۇ ئىككى مىسرا شېئىر ھازىرغىچە ئىسمدىن چىقماي كېلۋاتىدۇ:

ئەلەڭگە بەلەڭگە

مەندە بارى بىر قاپ سەرەڭگە

بەلكىم مەندە تۇنجى شېئىر تۇيغۇلارنى غىدىقلىغان مىسرالار مۇشۇ بولسا كېرەك...ئۇنىڭدىن كىيىن دەرىسلىك كىتاپتىن باشقا ئەدەبىي كىتاپلارنى ئۇقۇپ باقمىدىم.ئۇ چاغلاردا دەرىسكە ئەمەس ئۇيۇنغا بەكىرەك قىزىيتتىم،ئادەتتە ئەنئەنىۋى ئۇيۇنلاردىن باشقا، ئىلكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقلاردىكى زامانىۋى ئۇيۇنلارمۇ مېنى ئۆزىگە بەك جەلپ قىلاتتى.شۇ ۋاقىتلاردا ئۆز رايۇنىمىزدا مەن ئويناپ باقمىغان ئىلكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقلارمۇ يوق دىيەرلىك.ھەربىر يېڭى ئۇيۇن چىققان ھامان ئانامغا يىغلاپ غەلۋە قلىپ شۇ ئۇيۇنچۇقنى ئالدۇراتتىم.ئانام دادام مېنىڭ كۆز يېشىمغا پەقەت چىدىمايتتى،مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقلىق ئۆزۈم خالىغان نەرسىلەرگە ئىرىشەلەيتتىم...سەبىي چاغلىرىم ئەنە شۇنداق ئۇيۇن تاماششا ئىچىدە ئۆتكەن.

  تۇلۇق ئىككىچنى يىللىقتا ئۇقۇيدىغان ۋاقتىلىرىم بۇلۇپ،مەكتەپ تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى بۇلۇپ تەييارلىق ئىشلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىدى.بىركۈنى ئەتىگەن سىنپقا كىرىسەم ساۋاقداشلىرىمدىن بىر قانچىسى ئالدىمغا كىلىپ:ئۆمەرجان يىغىنغا قاتناشقان تەنھەركەتچىلەرنى مەدىھيلەپ شېئىر يازساق مەكتەپ رادىئوسىدا ئۇقۇلغاندىن باشقا يەنە سىنپقا نۇمۇر قۇشۇلىدىكەن،شۇڭا بىرەر پارچە شېئىر يېزىپ قۇيۇڭ دىدى.ۋوي بۇ ياخشى ئىكەنغۇ ئۇنداقتا...مەن گەپنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي تۇرۇپ قالدىم.<شېئىرنى قانداق يازىدۇ؟>بۇ مەسىلە مېنى قىيىن ئەھۋالدا قويدى. ئەدەبىياتقا بەك قىزىقىپ كەتمىگەچكە،شېئىر نەسىر دېگەنلەر بىلەنمۇ ئانچە خوشۇم يوق ئىدى.

بىراق بۇ قېتىم بىر تەۋەككۈل قىلىپ بېقىش نىيتىگە كەلدىم،ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاخىرى،مۇنۇ بىر كۇپلىت شېئىرنى يېزىپ چىقتىم:

مۇسابىقە مەيدانى

گويا ساڭا بىرجەڭگاھ

جەڭگاھدىكى قەھىرىمان

غەلبە قلىغىن ھەرزامان.

بۇ شېئىر مەكتەپ رادىئوسىدا ئۇقۇلغان ۋاقىتتا شۇنداق ھاياجلاندىم.شۇ كۈندىن باشلاپ مەندە شېئىر يېزىپ بېقىش ئىستكى بىخلىدى،كىيىن ئاددى بولسىمۇ بىر قاتار شېئىرلارنى يازىدىم.

سىنپتا ئالدىنقى قاتاردا ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچى بولساممۇ،2005-يىللىق  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا تەلىيم كاج كىلىپ تۆۋەن نۇمۇر ئېلىپ قالدىم،مەن تۈگەشتىم دەپ ئويلىغان ئىدىم،بىراق<<كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىدىن ئايرىماپتۇ>>دېگەندەك ماڭا قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتنىڭ ھاياتلىق ۋە مۇھىت ئىلىمى فاكولتىتى بىئولوگىيە مائارىپى كەسپنى مەخسۇس كۇرۇسنىڭ چاقىرىق قەغىزى كەلدى...ئاپامنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تۇتۇپ كۆز يېىشى قىلغان ھالىتى مەڭگۈ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.ئۇ كۆز يېشىدىكى سىرلارنى ھامان بىركۈنى يېىشمەن.

  دادام مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيۇش جەريانىدا،تۇنۇش بۆلۈشلەر ئوغلىرىڭىز قايسى مەكتەپتە ئۇقۇيدۇ دەپ سورىسا،قەشقەر پىداگوگىكا <<ئونىۋىرسىتىتىدا>> دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى.(ئۇنىۋىرسىتىت بىلەن ئىنستىتوتنىڭ پەرقىنى بىلمەيدىغان يەردەئەمەس)ئەينى چاغدا مەن ئۇنىڭ جاۋابىدىن بىزار بۇلۇپ،ئۇنى ئەيپلەپتىكەنمەن.ھازىر نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ شۇنداق دېگەنلىكنى چۈشەندىم،ئەسلى ئۇ ئۆزىنى ئالداپ مەندىن رازىمەنلىك پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا بولماقچى ئىكەنتۇق.بىراق ئۇ كەچۈرۈڭ دېگەن بىر ئېغىز سۆزىمنى ئاڭليالماي كېتىپ قالدى.

ئەزەلدىن ئۆيدىن ئايرىلىپ باقمىغان ماڭا ئوخشاش ئەركە بالىغا  نسىبەتەن،بۇ مەكتەپ ھاياتى باشقا بىر دۇنيا بۇلۇپ تۇيۇلىغان ئىدى.ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇدا بىر مەۋسۈمگىچە ھۇشۇمنى يىغالمىدىم،قىلشق تەتلىدە ئۆيگە بېرىپ كەلگەندىن كىيىن ئىشلىرىم خېلە تەرتىپكە چۈشۈپ كۈنۈپمۇ قالغان ئىدىم...بىركۈنى  ئۆينىڭ تۇرسى ئۇچۇپ كېتىپ چۈشۈش كۆرۈپ، بىر ھەپتىگچە ئىچمنى بىرخىل ۋەھىمە قاپلىۋالدى،سول قاپقىم ئەنسز تارتاتتى.ھەپتىدىن كىيىن ئانام دادامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى يەتكۈزدى،مەن دادامنىڭ ئىسق يۈزىنى  كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدىم.بۇ ئېچىنلىشق رىئاللىقنى پەقەت قۇبۇل قىلالمىدىم،شۇ كۈندىن باشلاپ ئىچكى دۇنيارىمدا پۈتۈنلەي قالايمىقانلچلىق يۈزبەردى.ئاخىر شېئىردىن تەسەللىي ئىزدەشكە باشلىدىم...

  2006-يىلى6-7-ئاي مەزگىللىرىغۇ ديمەن،سەلكىن تورىغا شەرارى دېگەن نام بىلەن تىزىملىتىپ كىرىدىم،بۇ توربەتتىكى شېئىرلارمېنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى،مەنمۇ شېئىريوللاشقا باشلىدىم.ئابلا گىتتار(ئەسلى ئسىمى ئابلاجان مەخسۇت) بۇ توردىشمنىڭ شېئىرلىرى مېنى ئۆزىگە باشقىچە رام قىلۋالغان ئىدى.كىيىن ئابلاجان بىلەن تۇنۇشۇپ شېئىرىيەت توغىرسىدا پاراڭلىشىپ تۇردۇق

بۇ جەرياندا شېئىريەتكە بولغان قارىشىم بارا-بارا چوڭقۇرلۇشۇپ باردى.،كىيىنچە ئىزدىنىش سۇمرۇغ ئىزدەن قاتارلىق توربەتلەرگە ئەزا بۇلۇپ كىرىم.بۇنىڭ ئىچىدە ماڭا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن توربەت سۇمرۇغ توربېكىتى،بۇ توربېكەتتىكى ئابدۇرىشت ئەلى،ئابدۇرىشىت سۇلايمان (جاللات)،ئوسمانجان مۇھەممەد (پاسىئان)،ئامانگۈل ئەزىز (ئايبەرچىن)،مۇتەللىپ مەڭسۇر (ئوۋچى)شاھىپ ئابدۇرسالام (نۇربەگ)،ئەخەت كەلپنىن ئىنسانىي ئابلاجان مەمىتىمىن (ئۇيغۇر) ۋە ئېزىقتۇ قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇقۇپ مەن تېخى شېئىر يازماپتىمەن دېگەن ھىسياتقا كىلىپ ئۈزلىكسىز ئىزىدىنىشنىڭ زۆرۈرلىكنى ھىس قىلدىم...ئىزدىنىش نەتىجىسە يۇقارقى ئۇستازلارنىڭ قوللاپ قۇۋاتلىشى ئاستىدا بۈگۈنگە ئۇلاشتىم.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئۇستازلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

ئەمدى ئىپادىزىم شېئىرىيتى توغىرسىدىكى ئىزدىنىشنىڭ مۇقەددىمنسى كەڭ ئۇقۇرمەنلەرگە سۇنماقچىمەن:

<<expressionisimئىپادىزىم 20-ئەسرنىڭ باشلىرىدا گىرمانىيەدە بارلىققا كەلگەن ئەدەبىيات سەنئەت ھەركىتى بۇلۇپ...Exprssionismدېگەن بۇ ئاتالغۇ لاتىن تىلىدىكى exprssusدېگەن سۆزىدىن كەلگەن،<<كۈچ بىلەن چىقىرىش>>.<<زەرىپ بىلەن چىقىرىش>>دېگەن مەندە>>(تاھىر ھامۇت يازغان <<غەرىب مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى>>ناملىق كىتاپتىن)

  ئىچكى ھىسياتنى تىل ئارقىلىق ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئەدەبىي ژانىر شېئىر بۇلۇشى مۇمكىن،چۈنكى شېئىر ئۇچىرايىغان چەكلمە،باشقا ئەدبىي ژانىرلارغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كىچىك ياكى يوق دىيەرلىك.شۇڭا بۇيەردە ئېيتلغان شېئىرلارنىڭ ھەممىسنى ئىپادىزىم شېئىرىيىتى دەپ ئاتاپ بىرقەدەر مۇھاپىق دەپ قارايمەن.

ئىپادىزىم شېئىرىيتنىڭ قارىشى مۇنداق:ھەرقانداق بىر شېئىر مۇئەييەن تۇيغۇ چەمبىرى ئىچىدە يېزىلىدۇ،ھەر بىر مىسرا ھەم  ھەربىر سۆز ئالاھىدە رەڭ ياكى  رەڭ نۇقتىلىرى بۇلۇپ،ماكان زامان ۋە ئىچكى تاشقى شارائىت ئامىلى تۈپەيلى،بۇ نۇقتىلار گاھ ئۆزىگە خاس بولغان چەمبەر مەركىزىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلسا،گاھ مەركەزگە بويسۇنمغان ھالدا قالايمىقان ھەركەت قىلىدۇ،ئىككى خىل ھەركەتنىڭ چىگىرسىدا ئەڭ ئېسىل مىسرلار بارلىققا كېلىپ،بۇ مىسرالار ئۇقۇرمەن تۇيغۇسىنى غىقدىقلاش ئارقلىق مۇئەييەن بىر ئوبرازنى شەكلەندۈرىدۇ.بۇخىل ئوبراز ئۇقۇرمەننىڭ چۈشەنچىسى ئەمەس بەلكى شۇ دەقىقىدىكى ھاياجانلىق ھىسياتى...شېئىرنى ئىسناننىڭ لەھزە ئىچىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىچكى ھىسياتنى ئەڭ روشەن ئىپادىلەپ بېرەيدۇ دىينشنىڭ ئاساسى مۇشۇ.

ئىپادىزىم شئېىرىيتى ئادەتتە تەپەككۇر تەسەۋۋۇر خىيال قاتارلىقلارنى ئىنىرگىيە قىلدۇ، سىموۋۇل بولسا ئۇنىڭ قوزغىلىش ھەركىتى.

ئەگەر بىرەر شەيىئى مەيلى قانچلىك ئىنرگىيە سەرىپ قىلسۇن،ئۇنىڭدا ھەركەت بولمىسا ئۇ يەنىلا جانسز ھېسابلنىدۇ.شوڭا ئىپادىزىم شېئىرىيتى سىموۋۇلدىن ئايرىلالمايدۇ.سىموۋۇلدىن ئايرىلغاندا،ئۇ رومانتىزىمنىڭ بىۋاستە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن پەرىلەنمەي رومانتىزىم ئۇسلۇبىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ...بۇ يەردە سىموۋۇل قوللىنىش ئارقلىق قەستەن يۇچۇق قالدۇرۇپ ئۇقۇرمەننى كولدۇرلىتىش دېگەن گەپ يوق،بەلكى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ياكى تەبىئەتتىن ھالىقغان ھەرخىل شەيئىلەرنى ئىچكى ھىسيات كاتىگورىسيگە كىرگۈزۈش ئارقلىق ئۇلارغا مۇھاپىق ئۇرۇن بىرىپ،تېخىمۇ يارقىن تىل،تېخىمۇ گۈزەل مەنەلارنى ھاسىل قىلىش ھەمدە ئىنساننىڭ ئۆزگىرىشچان ھىسياتىغا ئىمكانقەدەر يېقىنلاشتۇرۇش شۇ ئارقىلىق ئۇقۇرمەنگە ئىستىتك زوق بېغىشلاش مەۋجۈت.

تۆۋەندە <<تەڭرىم>>ناملىق شېئىر ئارقلىق بۇ ھەقتە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا توختلىپ ئۆتىمەن:

شېئىردىكى ھەربىر ئىسم سىموۋۇل رولىنى ئويناپ شۇ ماكان زامان شارائىتىدىكى ئىچكى ھىسياتنى ئىپادىلەش ۋەزىپىسنى ئۆتەيدۇ.

تاملارغا قارىسام

يېقىن ماڭا بىرجۈپ كۆز

كېچنىڭ خىرە يۈزىدىن

ئىپادىلەيمەن دېرىزىنىڭ

تامغا قاراپ ئاققان ئىسمنى

<<تام،كۆز،كېچە،يۈز،دېرىزە>>قاتارلىق سۆزلەر سىموۋۇلغا ئايلىنىپ ئەسلى مەنىسنى يوقىتدۇ،ھەر بىر شەيئى تەرۋىرىنىش ھالىتىدە تۇرۇپ ئىچكى ھىسياتقا ئايلىنىدۇ.

كۆيۈۋاتىدۇ ئۇزۇن بىر يول

بەلكىم ساڭا ئېقىپ تۈگەيمەن

شىرەنىڭ قىزىرىشىدىن

ياكى سېنى چوڭقۇر كۈيلەيمەن

بۇ يەردەر شام نۇرى ۋاقىت تونىلى ھاسىل قىلىپ <<يول>> دېگەن ئىسم ئورنىدا كېلىدۇ ھەم ئۆزىىڭ سىموۋۇللۇق ۋەزىپسىنى ئۆتەپ

ئۇقۇرمەننى ئەينى ۋاقىتتىكى  ھىسيات ھالىتىگە باشلاپ كىرىدۇ.<<شىرە>>ئىماگىنىڭ پەيدا بۇلۇشى ئەسلى ھىسياتتا بۇرلۇش ھاسىل قلىپ چۈشكۈنلۈكتىن قىزغىنلىققا ئۆتۈشتە كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدۇ.

ئەي ئوماق قىز كارۋات بۇيەردە

قېچىپ چىق كونا قەبرىدىن

بۇ ئۆيدە گۈزەل دوزاخ بار

قۇتۇلايلى بىر كۈن تەڭرىدىن

<<كارۋات،قەبرە،ئۆي،دوزاخ،تەڭرى>>ھەر بىرسى ئۆز ئالدىغان سىموۋۇللۇق رولىنى ئويناپ،يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ قوزغلىشىغا كاتالىزاتورلۇق(تۇقۇنۇشتۇرغۇچى)قىلىۋاتىدۇ.بۇ خىل قوزغىلىش نەتىجىسدە يۇشۇرۇن ئاڭ ئالدىقنى ئاڭنىڭ توسقۇنلۇق رولىنى بۇزۇپ تاشلاپ،ئاڭ ھەلىتىگە ئۆتىدۇ،مانا بۇ قىزغىن ھىسياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىندۇ.

بىر ئاۋاز كېلىۋاتىدۇ

ئىشك سۇغۇرلۇپ

بۇسۇغا قومۇرلۇپ

تەڭرىم!..

<<ئاۋاز>>دېگەن سۆز بىلەن تەڭ باشقا ئىسملارمۇ سىموۋۇل ۋەزىپسىدىن ۋاز كەچمەي ۋەھمە پەيدا قىلىپ،ئىچكى ھىسياتتا يەنە بىر بۇرۇلۇش ھاسىل قلىدۇ.ئالدىقنى ئاڭ تەڭداشىسىز كۈچيىپ،ئاڭ مۇقەددەس ئۇرۇنغا ئۆتىدۇ...

مانا بۇ بىر پۈتۈن شېئىرنىڭ سىموۋۇل ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ مۇرەككەپ ھىسيات ئۆزگىرىشنى قىسمەن بولسىمۇ ئىپادىلەش جەريانى..

ئىپادىزىم شېئىرىيتىدە سىموۋۇل گەۋدىلىك رول ئوينايدۇ،بىراق سىموۋۇلنىڭ ئاخىرقى نشانى يەنىلا مۇرەككەپ ئىچكى ھىسياتنى ئىپادىلەش...بۇيەردە يەنە  چۈشەندۈرۈشكە تىگىلىشك نۇرغۇن نازۇك مەسسىللەر مەۋجۈت ماقالە مۇقەددىمە ھالىتدە بولغاچقا داۋامنى كىينىكى ئىزدىنىشكە قالدۇردۇم.

(بۇ ماقالىدىكى بىرقسىم مەسسللەر <<غەرىپ مودىرنىزىم ئەدەبىيات ئېقنلىرى>>ناملىق كىتاپ بىلەن تەسىرلىشىش نەتىجىسە بارلىققا كەلدى،بىراق مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك زامان ماكان ۋە ئىچكى تاشقى شارئىت ئۆزگىرىش تۈپەيلى،بۇيەردە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئىپادىزىم شېئىرىيتى بىلەن ئىپادىزىم  ئوتتۇرسىدا مۇئەييەن پەرىق مەۋجۈت،بۇنى كىينىكى ئىزدىنىش جەريانىدا تېخمۇ ئېنىق   چۈشەندۈرۈشكە تىرشىمەن.)

 

 

 

 

 

 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  &#39;&#39;ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻟﯘﺕ&#39;&#39;ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  جاللاتنىڭ ئۈچ ئىما...
●  ئۈمىدى: يارقىن سىما...
●  ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺕ&#45;&#45;ﯪﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪ ﺋﯧﻠﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  (ﺟﺎﻟﻼﺕ)شېئىرنىڭ يەنە بىر...
●  ﻣﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺰﯨﻢ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﺘﻰ...
●  ئىپادىزىم شېئىرىيت...
●  ئۇيغۇر دېسنى شىركى...
●  ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﺘﯩﻜﯩﺴﻰ(ﻧﺎﺯﯨﻢ ﻣﯘﻫﻪﻧﻨﺎ)...
●  ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ (ﻫﻪﺯﺭﻩﺗﯭﻟﻰ)...
●  ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺕ&#45;&#45;&#45;&#45;ﯮﯞﭼﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﯩﺴﻰ(ﯮﯞﭼﻰ ﺷﯧﺌﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ)...
●  ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﯩﭙﻰ (ﯪﻟﯩﭗ ﯮﻏﯘﺯ )...
●  [ﯬﺳﻠﻰ]كۈيلەر كۆزى،قەلبل...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  &#39;&#39;ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻟﯘﺕ&#39;&#39;ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  جاللاتنىڭ ئۈچ ئىماگى
●  ئۈمىدى: يارقىن سىماھ ۋە ...
●  ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺕ&#45;&#45;ﯪﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪ ﺋﯧﻠﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  (ﺟﺎﻟﻼﺕ)شېئىرنىڭ يەنە بىر قانى...
●  ﻣﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺰﯨﻢ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﺘﻰ...
●  ئىپادىزىم شېئىرىيتى(2)
●  ئۇيغۇر دېسنى شىركىتى خا...
●  ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﺘﯩﻜﯩﺴﻰ(ﻧﺎﺯﯨﻢ ﻣﯘﻫﻪﻧﻨﺎ)...
●  ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ (ﻫﻪﺯﺭﻩﺗﯭﻟﻰ)...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى