يارقىن سىماھ ۋە تاكامۇللاشمىغان روھىيەت
( يۈزمۇ - يۈز )
ئۈمىدى
سۆيگۈ ئۈچۈن سۆيگۈ بىلەن خوشلىشىش
دىلشات قېيۇم
سىڭىپ كەتتى جىسمىم ئارا ئاۋازىڭ،
كەيىپ قىلدى سىرلىق لىۋىڭ ئەقلىمنى.
تىنىم تاپماي باغاشلىدى بىر ئازاب،
نىمجان قىلىپ مېنىڭ ئوتلۇق تېنىمنى.
تىنىقلىرىم ئازاب بىلەن چېقىلدى،
سۈرىتىڭگە تىڭىرقاشتا تىكىلىپ.
سەن ئۆزۈڭنى ئىجاد قىپسەن قايتىدىن،
كىملەر ئۈچۈن كىملەرگىدۇر ئېگىلىپ.
خىياللىرىم ئۇزاتقاندا ئۇيقۇغا،
چۈشلىرىمدە ئايان بولدى ئايرىلىش.
يۈرىكىمنى قاماللىدىم ئىسەدەپ،
سەزمەكتىمەن بىر ھەسرەتلىك چايقىلىش.
سايەڭ بولۇپ تۆرەلگىنىم ئەپسانە،
نىسىپ بولماي قالدى ئۇلۇغ ئۆتۈنۈش.
كەتكەن ئىكەن پىشانەمگە پۈتۈلۈپ،
نەتىجىسىز ھەم تىرىلىپ ھەم ئۆلۈش.
يىقىلساممۇ ئۈنسىز يىغلاپ ئەگەشتىم،
ئىزلىرىڭغا بىلىپ - بىلمەي چىرمىلىپ.
تاپالمىدىم تەبىر ئىزدەپ ئۆزۈمگە،
سەن ئېزىتقۇ رەپتارىغا كىرىۋېلىپ.
يەرلىكىمگە كۆمۈۋەتتىم ئۆزۈمنى،
ئەزرائىلدىن پىنھان پۈتتى ئويلىشىش.
يېزىپ قويدۇم تەنھا قەبرەم تېشىغا:
سۆيگۈ ئۈچۈن سۆيگۈ بىلەن خوشلىشىش
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
يارقىن سىماھ ۋە تاكاممۇللاشمىغان روھىيەت
ئۈمىدى
« سەن » نىڭ ئاللىبۇرۇن « مەن » گە ياد بولۇپ كەتكەن تونۇش « ئاۋازىڭ » « جىسمىم » ئارا تىۋىشسىز سويلاپ، شىرىن « بىر ئازاب...» ئوتلۇق قەلبىمنى توختاۋسىز باغاشلىماقتا. ئەنە شۇ شىرىن « ئازاب » نى ئاپىرىدە قىلغۇچى سۆيۈملۈك باغاشلاش نەتىجىسىدە، « سۆرىتىڭگە » گە چوڭقۇر ئىزتىراپ بىلەن بىر ھازا تىكىلگەن ئىدىم. « تىنىقلىرىم ئازاب بىلەن چېقىلدى. » سەۋەب: « سەن ئۆزۈڭنى...باشقىدىن...ئىجاد » قىلىپ، مېنىڭ ئىزگۈ تەسەۋۋۇرلىرىمدىن كۆپ يىراقلاپ كەتكەن ئىدىڭ! مەن يۈرىكىمنى ئازاب ئىچرە « ئىسەدەپ » تۇرۇپ قاماللىدىم. ئاشۇ دەقىقىدە روھىيىتىمدە « بىر ھەسرەتلىك چايقىلىش » نىڭ زاھىر بولىۋاتقانلىقىنى ئاستا - ئاستا سېزىپ قالدىم. ئەنە، روھىم بار ئاۋازى بىلەن چۇقان سالماقتا:
ئاڭلا، جېنىم! مېنىڭ سېنىڭ « سايەڭ بولۇپ تۆرەلگىنىم ئەپسانە، » پۈتۈنلەي ئەپسانە! چۈنكى بىر قېتىملىق « ئۇلۇغ ئۆتۈنۈش » بىزدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپالماي، سەرسان بولۇپ كەتكەن ئىدى. مەن شۇڭا يۈرىكىمنى سۈكۈتكە ئوراپ، « يەرلىكىمگە...ئۆزۈمنى » ئۆزۈم « كۆمۈۋەتتىم. » « تەنھا قەبرەم تېشىغا » مۇنۇ سۆزلەرنى يېزىپ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدىم:
« سۆيگۈ ئۈچۈن سۆيگۈ بىلەن خوشلىشىش »
زېھنىمنى ئۇچلاپ، تەپەككۈرۈمنى قاناتلاندۇرۇپ، ئەقىل كۆزۈم بىلەن قاراپ باقسام، « سىز » نىڭ سۆيگۈ ئۈچۈن سۆيگۈ بىلەن » خوشلىشىپ، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز « تەنھا قەبرە » ڭىزگە دەپنە قىلىۋېتىشىڭىز ئىنتايىن ئاقىلانىلىق ۋە چەكسىز ئۇلۇغلۇق بوپتۇ؛ ئەمما سىز « تەنھا قەبرە » تېشىڭىزغا « سۆيگۈ ئۈچۈن سۆيگۈ بىلەن خوشلىشىش » دېگەن بۇ مۇققەددەس ئىبارىنى يېزىۋاتقىنىڭىزدا، لۇشۈن ئەپەندىنىڭ « ئۇنتۇش ئۈچۈن ئەسلەش » دېگەن يارقىن جۈملىسىنىڭ خىيال بەتلىرىمگە خىرى - شىرە سايە تاشلاپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە قەيت قىلپ قويماقچىمەن.
شېئىرىڭىزدا مۇڭ، ھەسرەت، مىسكىنلىك ۋە ئىزتىراپ نۇرلىرى جىلۋە قىلىپ تۇرىدۇ. يۇقۇرقى مۇرەككەپ ھېس - تۇيغۇلارنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن تەۋەللۇت بولغان شېئىرىي مۇھىت تىپىكلىككە ئىگە قىلىنغان. شېئىرىڭىزنى ھەقىقىي شېئىرىي قىممەتكە ئىگە قىلغان ئامىل بەلكىم مۇشۇ بولسا كېرەك. بىراق، شېئىرىڭىزدا ئويناقلىق نىسبەتەن كەمچىلمۇ قانداق؟
شېئىرنى رۇياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆز - ئۆزىڭىزگە سىڭىپ كېتىش جەريانىدىمۇ قىسمەن ئاۋارىچىلىقلاردىن مۇستەسنا بولۇپ كېتەلمىگەن تەرەپلىرىڭىزنى سەمىڭىزگە سېلىپ ئۆتمەس ئارتۇق كەتمەس. شېئىرنىڭ 3 - كوپلىتىدىكى:
خىياللىرىم ئۇزاتقاندا ئۇيقۇغا،
چۈشلىرىمدە ئايان بولدى ئايرىلىش.
دېگەن مىسرا، 4 - كوپلىتنىڭ ئاخىرسىدىكى:
كەتكەن ئىكەن پىشانەمگە پۈتۈلۈپ،
نەتىجىسىز ھەم تىرىلىپ ھەم ئۆلۈش.
دېگەن ئىككى مىسرا ۋە:
يىقىلساممۇ ئۈنسىز يىغلاپ ئەگەشتىم،
ئىزلىرىڭغا بىلىپ - بىلمەي چىرمىلىپ.
تاپالمىدىم تەبىر ئىزدەپ ئۆزۈمگە،
سەن ئېزىتقۇ رەپتارىغا كىرىۋېلىپ.
دېگەن 5 - كوپلىت مېنىڭچە ئارتۇقچە؛ تىنىقلىرىڭىزنىڭ « ئازاب بىلەن » چېقىلىشىدىن ئىبارەت بۇ پاجىئەمۇ بىز ئۈچۈن يېتەرلىك. شۇڭا، خۇددى سىز شېئىرىڭىزدا « سۆيگۈ ئۈچۈن سۆيگۈ بىلەن » خوشلاشقىنىڭىزدەك يۇقۇرقى يىگانا تەسۋىرلەر شېئىرىڭىزدىن كەسكىن چەك - چېگرا ئاجرىتىپ، ئىككىلەنمەي خوشلاشقان بولسا، ئالتا كوپلىتلىق بۇ شېئىرىڭىز پەقەت تۆت كوپلىتتىلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپالايتتى.
سۆزۈمنى يىغىنچاقلىسام، تىنىقلىرىڭىزنىڭ دەقىقە ئىچىدە « ئازاب بىلەن » چېقىلىشى - تاكاممۇللاشمىغان روھىيىتىڭىزدىن بىشارەت بەرگۈچى ئەڭ يارقىن سىماھ!