بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> ئەدىپلەر ئارخىپى >> پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟

پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-17 10:57:34    كۆرۈلۈش سانى : 127  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
[align=center][align=center][color=#FF0000][size=7]پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟[/size][/color] [size=5][color=#FF00CC]ئىمىن ئوسمان يازغۇچى ئالىم ئاتەخانغا ئوچۇق خەت [color=#0000FF]ئالىمباي! تۈنۆگۈن سىز مەندىن ئېتىقاد ھەققىدە سوراپ قالدىڭىز، ئىمان- ئېتىقادلىق ئادەمنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىمىز خىرەلىشىپ قالغانمۇ قانداق، دەرھال بىر نەرسە دېيىشكە پېتىنالمىدىم. سىزمۇ شۇنداق ئەھۋالدا بولغىنىڭىز ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنى قىيناۋاتقان بۇ مەسىلىدە مەن بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان بولسىڭىز كېرەك. دۇنيانىڭ ئىشلىرى ھازىر شۇنچىلىك چىگىشلىشىپ كەتكەنكى، ئۇنى پەقەت ئورتاق پىكىرلىشىش يولى بىلەنلا ھەل قىلىش مۇمكىن. يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، دەپ بىكار ئېيتىشمىغانغۇ؟ ھازىر كوپچىللىك پەقەت ئۆزىنىڭ تەشۋىشلىرى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئويلىمايدىغان، باشقىلارنىڭ قايغۇسىنى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا بىز نە خۇدادىن، نە بەندىدىن قورقمايدىغان كىشىلەرنىڭ كوپچىلىككە باشچى بولۇۋالغانلىقىغا، تەلىم- تەربىيە بېرىدىغان، مەرىپەتكە ئۈندەيدىغانلارنىڭ ۋىجدانىنىڭ پاك بولمايۋاتقانلىقىغا كونۈكتۈك. پەرۋاسىزلىق قارىشى قېنىمىزغا سىڭىپ كەتتى. قەيەردە پەرۋاسىزلىق قارىشى ھوكۈمران ئىكەن، ئۇ يەردە ئادالەت تەنتەنە قىلىشى، ئادەملەرنىڭ بىر- بىرىگە مېھرى- شەپقەت كورسىتىشى، ئۇلارنىڭ يۈكسەك غايىلەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شەرق مۇتەپەككۈرلىرىدىن بىرىنىڭ "ھۇببۇل ۋەتەنى مىنەل ئىمان"، يەنى ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ نىشانىسىدۇر، دېگەن سۆزى بار. ھەقىقەتەنمۇ ۋەتەننى سۆيۈش ئۈچۈن ئىمانلىق، ۋىجدانلىق ئادەم بولۇش كېرەك. ۋەتەن دېگىنىمىز بىر پارچە زېمىن. ئۇنداق بولسا شۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئادەملەرنى سۆيۈش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن كىشىلەر قانداق سۈپەتلەرگە ئېگە بولۇشى كېرەك؟ ئېتىقادلىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن يالغۇز ۋەتىنىنى ياكى خەلقىنى سۆيۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بارچە ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقادنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. كىمىكى ئۆزىنى تونۇسا، خۇدانى تونۇيدۇ، دېگەن ھېكمەت بار. ئۆزىنى تونۇمىغان ئادەم ۋەتىنىنىمۇ، خەلقىنىمۇ سۆيمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئىلىم- مەرىپەتلىك بولۇشى كېرەك. مەرىپەتلىك ئادەم، ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق ھەممە نەرسىدىن بەھىرلىنەلەيدۇ. دىنغىمۇ، تارىخقىمۇ، ئورپ- ئادەتلەرگىمۇ ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ، ئەپسۇسكى، بىزدە ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ كەلدى. ھازىرغىچە تارىخىمىزنى، ئۇلۇغ ئالىملار ھاياتىنى، ئەدەبىياتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ تار قېلىپىمىزغا سېلىپ ئۆگىنىۋاتىمىز. بۇ ھازىرغىچە ئۆزىمىزنى تونۇمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ۋاھالەنكى، "ئوگىنيوك" ژۇرنىلى سەھىپىلىرىدە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەرقانداق نەرسىنى، شۇ جۈملىدىن دىننىمۇ چەتنەپ كەتمەسلىك كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىرلەر ئېيتىلىۋاتىدۇ." «ئىنجىل» شۇنداق تارىخىي ئابىدىكى، بۇ كىتابسىز ئختمۈشتىكى تارىخنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنىمۇ بىلىش مۇمكىن ئەمەس"- دەپ يازدى دىنپىروپىتروۋىسكى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي كوممۇنىزم كافېدراسىنىڭ دوتسېنتى S.I.Jok. بىز بولساق قۇرئاننىڭ ئەھمىيىتىنى ئۆگىنىش تۈگۈل بۇ كىتابتا نېمىلەر يېزىلغانلىقىغا قىزىقىشتىنمۇ قورقىمىز؛ بۇ قورقۇش قاچان پەيدا بولدى؟ نېمىشقا ئادەم ئادەمدىن قورقۇشى كېرەك؟ دىن ئەشۇنداق تەلىم بېرەمدۇ؟ ئاخىر، ھەممىمىز بىلىدىغان "ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى خۇددى تاغاقنىڭ چىشىدەك تەڭ- تەكشى يارىتىلغان"، دېگەن دانا پىكىر بارغۇ؟ ھەممە كىشى تەڭ ئىكەن، ئۇنداقتا نېمىشقا بىر خەلقنىڭ ۋەكىلى ئېيىتقان پىكىرنى ئىككىنچى خەلقنىڭ ۋەكىلى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ؟ بۇنىڭغا نېمە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ؟ قورقۇش! قورقۇش- ئىمانى زەئىپ، ئېتىقادسىز ئادەملەرگە خاس خۇسۇسىيەت. تارىختىن مەلۇمكى، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، برونىي، ئىبنى سىنا، ئەل-خارازمى، نەۋايى قاتارلىق ئۇلۇغلار ئىمانلىق، ئېتىقادلىق بولغىنى ئۈچۈن ئولمەس ئەسەر يارىتالىغان. ئەپسۇسكى، بىز بۇلارغا مۇناسىپ ۋارىس بولالمايۋاتىمىز. بۇنىڭغا بىرمۇنچە باشقا سەۋەبلەر قاتارىدا ئىمانىمىزنىڭ سۇسلىقى توسقۇنلۇق قىلماقتا. نەتىجىدە بىزنىڭ شەخسىيىتىمىزمۇ، ئەدەبىياتىمىزمۇ ئوتتۇرا سەۋىيىدىن نېرىغا ئوتەلمەيۋاتىدۇ. توغرا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1923- يىلىدىن تاكى 50- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە مىسلى كورۈلمىگەن قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. ۋەتەن ئۈچۈن، يېڭى غايە ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان بىرمۇنچە كىشىلەر تەقىپ قىلىندى، قامالدى، سۈرگۈن قىلىندى، ئېتىلدى. ئۇرۇشتا تاسادىپىي ياكى مەجبۇرىي ئەسىرگە چۈشكەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەجەل لاگىرىغا ئەۋەتىلدى. بۇ يەردە شەرق مۇتەپەككۈرلىرىدىن جامى كەلتۈرگەن مۇنۇ ھېكمەتنى ئەسلەپ ئوتۈش ئورۇنلۇق: "ئادەملەر كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇپ بىر زالىمغا كۆڭۈل بەرسە، ئۇنىڭ يولىنى ئېتىشنىڭ چارىسىنى كورمىسە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق ئازاب چېكىدۇ". توغرا، تارىخ ھەققىدە چەتتە تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىش ئاسان. ئەگەر 30- يىللاردا ياشىغان بولساق ئېھتىمال بىزمۇ بۇ ۋەقەلەردىن چەتتە قالمىغان بولاتتۇق. لېكىن بىز، ۋاقىتلىق مەتبۇئات سەھىپىلىرىنى ۋاراقلاپ كورسەك ھەيرانلىقتىن ياقىمىزنى تۇتماي تۇرالمايمىز. بىز خۇدانى رەت قىلىپ، دىنىي ئېتىقادلارنى ئەيىبلەپ ئۆزىمىز ساختا خۇدا ياساپ چىقتۇق، ئۇنىڭغا چوقۇندۇق. مىخائىل ئىساكوۋىسكى، ماكسىم رىلىسكى، ئالىكسى سوركوۋ، ھەمىت ئالىمجان، غاپۇر غولام قاتارلىق چوڭ شائىرلار سىتالىننى مەدھىيلەپ شۇنداق ئەسەرلەرنى ياراتتىكى، ھەتتا ھازىرغىچە خۇدامۇ بۇنچىلىك ماختىلىپ تەرىپلەنمىگەن بولسا كېرەك. مەن بۇ يەردە مەشھۇر كومپوزىتور ئىيسائاك دونايۋىيسكىنىڭ 1949- يىلى نەشىر قىلىنغان كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن بىر پارچە خېتىدىن قىسقا نەقىل كەلتۈرىمەن: "سىتالىن يالغۇز بىزنىڭ دەۋرىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئادىمى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت تارىخىدىمۇ، ئۇلۇغۋارلىق، بۈيۈكلۈك ۋە مەشھۇرلۇقنىڭ، ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامنىڭ مىسلى كورۈلمىگەن زور تىمسالىدۇر. بىز ئۇنىڭ بىلەن زامانداش، ئەقەللىسى ئۇنىڭ ئىش پائالىيىتىدە كىچىككىنە خىزمەتداش بولغىنىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. ئەپسۇسكى بىز(بولۇپمۇ ياشلار) سىتالىندەك بىر ئادەم بىلەن بىر ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىمىزنى، بىر ئاسمان ئاستىدىكى زېمىندا بىللە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز." بۇ ئادەمنى خۇداغا ئايلاندۇرۇش بولماي نېمە؟ ۋەھالەنكى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سىتالىن مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەنگەن بۇ بۈيۈك كومپوزىتور ئۆز جېنىغا قەست قىلدى. كاۋكاز تارىخنى يازغان ئالىم "بەشەر قۇياشى" ئىنام قىلغان مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆز بېغىدىكى دەرەخكە ئېسىلىپ ئولىۋالدى. فادەيېۋدەك تالانتلىق يازغۇچى ئۆزىنى ئاتتى. چولپان، پىترەت، ئىلبېكنىڭ نامىغا قارا چاپلىغانلار، ئابدۇللا قادىرى، ئوسمان ناسىرلارنى ئولۈمگە ھوكۈم قىلغانلار، مەقسۇد شەيىخزادىنى تا ئولگۈچە ئازابلىغانلار، ھەمىت سۇلايماننىڭ ئون بەش يىللىق ئومرىنى سۈرگۈندە ئوتۈشكە مەجبۇرلىغانلار تېخى ئارىمىزدا يۈرۈپتۇ. ئۇلار ۋىجدان ئازابىغا چىدىماي ئۆزىنى ئولتۈرىۋالغىنى، ھېچ بولمىغاندا ئەيىبىنى دەۋرگە ئارتىپ خەلقتىن ئەپۇ سورىغىنى يوق. ئۇلار ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلىنىپ، پەخرىي ئۈنۋانلارغا ئېرىشىپ، سورۇنلارنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ مۇنبەرلەردە چىرايلىق نوتۇقلارنى سۆزلەپ يۈرۈپتۇ. ئۇلار كېچىلىرى خاتىرجەم يېتىپ ئۇخلايدۇ. سىزدەك ئېتىقادىمىزنىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قايغۇرۇپ ئازابلانمايدۇ. ئالىمباي! لېنىن ئاساس سالغان جەمئىيەتنىڭ داھىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كىملەرنىڭ قولىغا قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سوتسىيالىزم ھەققىدە قانداق تېتىقسىز پىكىرلەرنى ئويلاپ تاپقانلىقىنى بىز ئەمدى روشەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. لېنىن دىندارلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قارىغىنى ھالدا، كوممۇنىستلارنىمۇ ئۆز ئېتىقادىغا سادىق، ھەر تەرەپلىمە پاكىز ئادەم بولۇشى كېرەك، دەپ تەلىم بەرگەنىدى. ئەپسۇسكى، لېنىندىن كېيىن دۆلەت ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئىش- ھەرىكىتىگە نەزەر سالساق تېنىمىز شۈركىنىدۇ. سىتالىن ئەشەددىي قانخور، كاللا كېسەر بولۇپ چىقتى. جىدانوۋ، مولوتوۋ، بىرىيا، يىجوۋ، ۋورىشلوۋ، مىكويانلارنىڭ شەپقەتسىزلىكتە سىتالىندىن قېلىشمايدىغانلىقى، قىرغىندىن تاسادىپىي ئامان قالغان دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ، يازغۇچىلارنىڭ خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولدى. سىتالىندىن كېيىن تەخىتكە چىققان خروشېۋ مەملىكەتنى پۈتۈنلەي پاراكەندە قىلىۋەتتى. يېزا ئېگىلىكىنى، بولۇپمۇ چارۋىچىلىقنى ئىزدىن چىقاردى. ئادەملەرنى بىر پارچە قارا نانغا زار قىلىپ قويدى. برېجنېۋنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى سۆزلەشكە كىشىنىڭ تىلى بارمايدۇ. ئۆزىنىڭ تەمەخور ۋە شۆھرەتپەرەس بولغىنى يەتمىگەندەك، كۈيوغلىنىڭ پارىخورلىقىنى، قىزىنىڭ مەملىكەت بويلاپ ئالتۇن، تىللا سودىسى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى دېمەمسىز، تېخى؟ تورغۇنلۇق دەپ نام ئالغان ئاشۇ يىللاردا بىز "داھى" نى قارىتىپ قويۇپ، سىزنىڭ غايىلىرىڭىزدىن روھلىنىپ بىز ئالەمگە ئۇچۇۋاتىمىز، يېڭى يەرلەرنى ئېچىۋاتىمىز، كىتابلار يېزىۋاتىمىز، دەپ تەخسىكەشلىك قىلدۇق. بۇ ئادەملەرنى تېخى يەر يۇتقىنى يوق، ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ ھوشۇقى ئالچا. ئۇلار ئەمدى ئاشكارىلىق نىقابى ئاستىدا قايتا قۇرۇشقا كىرىشىپ، مېھنەتكەشلەرنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتىش بىلەن شۇغۇللانماقتا. بۇنداق كىشىلەرنى كۆرۈپ ماركىسنىڭ "خۇدا ئادەمنى ئەمەس، ئادەم خۇدانى ياراتقان" دېگەن گېپىگە ئىشەنمەي تۇرالمايسىز. راستىنى ئېيىتقاندا بىز كۆپ خۇدالارنى، رېسپوبلىكىلاردا بولسا بىرمۇنچە كىچىك خۇدالارنى ياراتتۇق، ئۇلارغا چوقۇندۇق. ئۇلار مەنسەپتىن چۈشۈشى ياكى ئۆلۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ چىركىنلىكلىرىنى پاش قىلىپ، ئۈستىگە كىر- يۇندا چاچتۇق. سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيادا خۇدانى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغان دۆلەت، لېكىن بىز خۇدانى ئىنكار قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك باغلىنىپ قالدۇقكى، ئىلاھسىز بىر كۈنىمىزمۇ ئۆتمىدى. (ئېھتىمال، ئادەمنىڭ تەبىئىتى كىمگىدۇر چوقۇنۇشقا، كىمدىندۇر مەدەت ئېلىشقا ماسلاشتۇرۇپ يارىتىلغان بولسا كېرەك.) نەتىجىدە ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئادەملەرنى خۇددى يۇنانلارنىڭ ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەرنى خۇدالار قاتارىغا قوشقىنىدەك مەبۇدىغا ئايلاندۇرۇپ ئالدۇق. ئاشۇ ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەرمۇ ئۆزىنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىدىن ئەجەبلىنىپ: "مەن خۇدا بولسام، نېمىشقا مۇنداق ئۆلىمەن" دېگەنىكەن. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سىتالىن ئۆلگەندە ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا تايىنىپ ئۆگىنىپ قالغان ئادەملەر: "ياق، بۇنداق زات ئۆلۈشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ بىزنى ئۇرۇش ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇردى. ئۇنىڭسىز بىز فاشىزمنى يېڭەلمىگەن بولاتتۇق" دەپ خىتاب قىلغان. ئەسلىدە ئەنە شۇ ئامما، پاك دىل، ساددا ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرى مەملىكەتنىمۇ، ئۆزلىرىنىمۇ بالا- قازادىن ساقلاپ قالغان، تۆككەن قانلىرى، بەرگەن قۇربانلىرى ھېسابىغا ئۇرۇش ئاپىتىنى دەپنە قىلغانىدى. ئۆزبېكىستاندا تا ئەللىكىنچى يىللارغىچە نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىر ئەسلەپ كۆرۈڭ: ھەممە ئىمانلىق، ئېتىقادلىق ئادەملەر سوراقسىز ئېتىلدى، ئەرەب يېزىقىنى بىلگەن ۋە شۇ يېزىقتىكى كىتابلارنى ئوقۇغان ئادەملەر يوقىتىلدى، مىللىي ئورپ- ئادەتلەر ئاياق- ئاستى قىلىندى، مىللىي غورۇر كەمسىتىلدى. ھەتتا ئاتمىشىنچى يىللاردا توي-تۈكۈنلەردە كاناي-سۇناي چېلىش كونىلىق قالدۇقى سۈپىتىدە تەنقىتلەندى. يەتمىشىنچى يىللاردا پارتىيىلىك كىشىلەر بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرغىنى ئۈچۈن تەشكىلىي جازاغا ئۇچرىدى. سەكسىنىنچى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆلگەن ئاتىسىنىڭ جىنازا نامىزىنى ئۇقۇتقان ياكى قەبرىستانلىققا بېرىپ كۆز ياش تۆككەن ئادەملەر شەرمەندىلەرچە ئىشتىن بوشىتىلدى. بۇ ئەخمەقلىقلەرنى خەلق ئەمەس، بەلكى رېسپوبلىكىمىزنىڭ رەھبەرلىرى ئويلاپ تاپتى. ئاشۇ چاغلاردا ئەسقەر مۇختەردەك ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىز، مۇشۇنداق بولمىغۇر ھەرىكەتلەرگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئۆز سەبداشلىرىنى قوغدىسا بولماسمىدى؟ ئۇ چاغلاردا يەنە ئابدۇللا ئارىپوۋدەك تونۇلغان تالانتلىق شائىرمۇ جاسارەتلىك قەلەمكەشلىرىنى ياقىلاپ ئەمەس، نوپۇزلۇق رەھبەرلەرنىڭ كوڭلىگە ياقىدىغان شېئىرلارنى يازدى. ئەمدى ئۇ كىچىك داھىلار يوق، ئېنىقراق قىلىپ ئېيىتساق ئۇلار قاماقتا. ئەمدى بىز بىر- بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ مەن دۆلەت جىنايەتچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان شەراپ رەشىدوۋ ھەققىدە ئەسەر يازغان مىرمۇھسىن، ئۇنى ئەسەرلىرىگە پروتوتىپ قىلىپ ئېلىپ ئۇنىڭ ساخاۋەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغان ھەمىت غۇلام، "كەشمىر قوشىقى"(شەراپ رەشىدوۋنىڭ ئەسىرى)غا سۆز بېشى يېزىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغىنى ئۈچۈن بېشى كۆككە يەتكەن تۇراپ تۈلە ۋە باشقا ئونلاپ قەلەم ساھىپلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە توۋا قىلمايۋاتقانلىقىغا، خەلققە ئەمەس رەھبەرلەرگە يېقىشى ئۈچۈن ئىنتىلىپ ياشاشنىڭ پاجىئەلىرىنى ئېچىپ، ياشلارنى ھۇشيارلىققا ئۈندىمەيۋاتقانلىقىغا ئەجەبلەنمەيمەن. ھەركىمدىن ئۆزىگە يارىشا نەرسە تەلەپ قىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە. رۇس يازغۇچىلىرى ئوتتۇزىنچى يىللاردا قارىلانغان قەلەمكەشلەرنى ئاقلاش، چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چىقىرىپ خەلققە تونۇتۇشنىڭ غېمىنى يەۋاتقان بىر پەيىتتە ئۆزبېك ئەدىبلىرىنىڭ نېمىلەرنى قىلىپ يۈرۈۋاتقانلىقىغا قارىمامسىز. ئارىمىزدا ھازىرغىچە چولپان، پىترەتلەرنى ئاقلاشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلار، ھەتتا بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ياشاپ ئىجاد قىلغان بابۇردەك بۈيۈك ئەللامىغا ئۆزىچە باھا بېرىپ قارىلايدىغانلار بار. سىز بولسىڭىز مەندىن ئېتىقاد ھەققىدە سورايسىز، ئېتىقادنى قويۇڭ، ئارىمىزدا ۋىجدانى پاك ئادەم تېپىلامدۇ، دەپ سوراڭ. ئېھتىمال بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىش ئاسانراقتۇر. ئالىمباي! نېمىشقىدۇر بىزدە ۋىجدانسىز ۋە خىيانەتچى دېگەندەك ئىبارىلەر پەقەت سودا خادىملىرىغىلا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خىيانەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ئىسپات تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئەمەس. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەرد، كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سوزىدىغان، جامائەت ئىشلىرى ئۈچۈن جان- دىلى بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىرىمۇ بار. ئەپسۇسكى، مەن زىيالىلارنىڭ، ھەتتا يازغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا باشقىلارغا چىندىن، ئىچى كۆيۈپ ياردەم قىلىدىغان بىرەر مەردنى ئۇچراتقىنىم يوق. ئۇستاز ئايبەكنىڭ ياشلارغا سەمىمىي ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدۇق. م. پىرىيشۋىن قېرىغان چېغىدا نەشىرىياتنىڭ باشلىقىغا تېلېفون بېرىپ ئۆزىنىڭ ئىككى توملۇق تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ ئورنىغا توت ياش يازغۇچىنىڭ كىتابىنى چىقىرىشنى ئۆتۈنگەنلىكىنى، تىۋاردوۋىيسكىنىڭ ۋ. تىندىرياكوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى، ف. ئابراموۋنىڭ، چىڭغىز ئايىتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى ناھايىتى جاپادا بېسىپ چىقارغانلىقىنى، باشقا بىرمۇنچە قەلەمكەشلەرگىمۇ ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەپتىن ناھايىتى كۆپ ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن ھازىرقى تىرىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قايسى بىرى بۇ زاتى مۇبارەكلەرگە ئوخشايدۇ؟ ۋەھالەنكى ئۇلار ئالىيجانابلىق ۋە ئىنسانپەرىۋەرلىك دېگەنلەرنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا؟ ۋەھالەنكى، شەرق مۇتەپەككۇرلىرى:"ئۆزۈڭگە راۋا كۆرگەن نەرسىنى باشقىلارغىمۇ راۋا كۆرگىن" دەپ تەلىم بېرىدۇ. نېمىشقا بىز بۇ مىزانغا ئەمەل قىلالمايمىز؟ نېمىشقا ھەممە ئادەم ئۆز مەنپەئەتى، ئۆز ھوزۇر- ھالاۋىتىنىلا ئويلايدۇ؟ ئاخىر، ئىنساننىڭ ھەرىكىتىگە يارىشا بەرىكەت بېرىلىشىنى، بېخىلنىڭ بېغى كۆكەرمەسلىكىنى ھەممە كىشى ئوبدان بىلىدىغۇ، نېمىشقا بىلىپ تۇرۇپ... قويۇڭ، بىھۇدە سوئاللار بىلەن بېشىڭىزنى قاتۇرماي، بۇنىڭ سەۋەبى ئايان: ئىمان ۋە ئېتىقاد يوقالغان. سىزنىڭ ئۆتكەندە ئارگېنتىنالىق يازغۇچى خولىئو كورتاسارنىڭ "ئىزمۇ ئىز" ھېكايىسى ھەققىدە ھاياجانلىنىپ سۆزلىگەنلىكىڭىز ھېچ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ھېكايە قەھرىمانى ئۆتمۇشتە ياشىغان بىر كلاسسىك شائىر ھەققىدە ئاجايىپ ئەسەر يازىدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرى بىرمۇنچە چۇقان- سۈرەنگە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنى يۇقىرى لاۋازىم بىلەن ئالىي مۇكاپاتقا تەۋسىيە ئېتىشمەكچى بولغان پەيىتتە ئەسەر قەھرىمانى ئۆزى كوككە كۆتۈرگەن ھېلىقى كلاسسىك شائىرنىڭ ئەسلىدە ئۆتۈپ كەتكەن رەزىل ۋە مۇناپىق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ مەشۇقىغا ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتىنى كۆرىدۇ- دە، ھەممە ئىمتىيازلاردىن ۋاز كېچىپ، كلاسسىك شائىرنىڭ ساتقىن ۋە مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشقا كىرىشىدۇ. بۇ ھېكايىنى ئەسلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، بىزنىڭ ھاياتىمىزدا مۇشۇنداق ھادىسىلەر ئېشىپ - تېشىپ يېتىپتۇ. تۈنۈگۈنلا تەڭدىشى يوق ئالىيجاناب، ئاجايىپ تەشكىلاتچى دەپ كۆكلەرگە كۆتۈرۈلگەن كىشىلىرىمىز بۈگۈن دۆلەت جىنايەتچىسى بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. لېكىن ھازىرغىچە بىزنىڭ بىرەر يازغۇچىمىز كورتاسارنىڭ قەھرىمانىدەك ئۆز روھىيىتىنىمۇ، ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ پىكىر تەسەۋۋۇرىنىمۇ ئوڭتەي- توڭتەي قىلىپ، ئۆزىگە قارشى، ھازىرغىچە يۈرگۈزۈلىۋاتقان ناتوغرا سىياسەتلەرگە قارشى بىرەر ئىش قىلغىنى يوق. ياق، مەن ئۇنداق قەلەمكەشلەرنى خاتا قىلغىنى ئۈچۈن تىز پۈكۈپ كۆز ياش تۆكسۈن دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەكسىچە ئاشۇ يازغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى يول قويغان خاتالىقلىرى، تەمەخورلۇقى تۈپەيلىدىن يۈز- ئابرويىنىڭ تۆكۈلگەنلىكلىرى مىسالىدا ياشلارنى ھۇشيارلىققا ئۈندەشلىرى لازىم، دەپ ھېسابلايمەن. بۇنىڭدىن يالغۇز ئەدەبىياتىمىزلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادىمىزمۇ مەنپەئەت كۆرىدۇ، ئادالەت تىكلىنىدۇ. ۋىجدانىمىز پاكلانمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا كىرى كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۆزى ھالاللىق ۋە پاكلىققا تاشلانغان بىر قەدەم بولىدۇ. بۈگۈنكى ئاشكارىلىق بەلگىلەپ بەرگەن يول شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاشكارىلىق ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىد ئاخىرقى ھېسابتا خەلق مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ سىياسىي تەركىبىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، ئۇنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى، ھاياتلىقىنى، مەنىۋىي ساغلاملىقىنى نامايىش قىلىدۇ. تۈنۈگۈن سىز تونۇلغان بىر ئالىمنىڭ تېلېۋىزوردىكى مۇناپىقانە چىقىشى ھەققىدە گەپ قىلغان ئىدىڭىز. مەن ئۇ چاغدا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم. كويۈنىشىڭىزنى قىزىققانلىق ۋە ياشلىقتىن بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارىدىم. ئالىمباي، كىملەرگىدۇر ياخشى كۆرۈنۈپ تۈزۈكرەك ئەمەلگە ئېرىشىشتىن باشقا قايغۇسى بولمىغان بۇ ئادەمدىن باشقا نېمە كۈتۈش مۇمكىن؟ ئەسلىدە پەن دوكتۇرى، ئاكادېمىك بولغان ئادەم خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. ئاكادېمىك ساخاروۋنىڭ، ۋىگاسوۋنىڭ يادرو فىزىكىسى ساھەسىدىكى كەشپىياتلىرىنى ھەممە بىلىدۇ. پروفېسسور نازىمە دېھقان خوجايىۋانىڭ ئىلمىي ئىزلىنىشلىرى خەلق سالامەتلىكىنى ساقلاش يولىدىكى ئىشلىرى ماختاشقا سازاۋەر، ئاكادېمىك ئاتابېك ئىشانوۋنىڭ تارىخىمىزنىڭ قارا چاپلانغان سەھىپىلىرىنى ئېچىش يولىدىكى ئورۇنۇشلىرى كىشىنى خوشال قىلىدۇ، لېكىن سىز ئېيىتقان ھېلىقى ئالىم پەنگە، خەلققە نېمە بەردى؟ ئۇنىڭ قايسى بىر ئەسىرى قولدىن - قولغان ئۆتۈپ ئوقۇلدى؟ تارىخ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ ئالىم ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ روسىيىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوشۇلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى ھۈججەتلەر ئاساسىدا يىرىك ئەسەر يېزىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟ بۇ ئىشقا ئۇ ئادەمنىڭ ئىلمىمۇ، قابىلىيىتىمۇ يېتىدۇ. لېكىن يازمايدۇ، يازالمايدۇ! قايسىدۇر بىر نائەھلى تارىخىمىزنى يۈز قېتىم ساختىلاشتۇرسۇن، نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئىنسانىيەتكە نى- نى ئەللامىلارنى بەرگەن ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مەدەنىيەتلىك، ئەڭ ساۋاتلىق تۈركىي خەلقىنى يالغۇز رۇس ئالپاۋىتىنى بىلمىگىنى ئۈچۈن ساۋاتسىزغا چىقارسۇن، ئىنقىلاب ھارپىسىدىكى مەدەنىي ھاياتىمىزدا ئىلغار ئىشلارنى قىلغان، يېڭىلىق تەرەپدارلىرى بولغان جەدىتلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىنى ئۆگىنىش تەقىپلەنسۇن، ئەدەبىيات تارىخىمىزدا ھەمزە بىلەن بىللە ئونلاپ تالانتلىق شائىرلارنىڭ بولغانلىقىنى سىر تۇتسۇن، بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ خەلق كېۋەزگە سېپىلگەن ئونلاپ زەھەرلىك دورىلاردىن قىرىلىپ كەتسۇن، ئۇ ئادەمگە بەرىبىر. مۆھتەرەم ئاكادېمىك ھەممە نېمىگە كۆزىنى يۇمۇپ تىلىنى چىشلەپ يۈرىۋېرىدۇ. ئىشقىلىپ ئورنىدىن، ھۆرمەت ئېتىبارىدىن ئايرىلىپ قالمىسىلا بولىۋېرىدۇ. قاچانىكى ئادەمنىڭ ۋىجدانى ئۆلسە، ئىمان- ئېتىقادتىن ئايرىلسا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى پەرۋاسىزلىق مەستخۇشلىقى ئېگىلەيدۇ. ھازىرقى ئەدەبىي ھاياتىمىزدا ئاشۇنداق مەستخۇشلۇق ھۆكۈم سۈرىۋاتمامدۇ؟ بىز ماختاپ، كلاسسىكقا چىقىرىپ قويغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ھېچقانداق مەنىۋىي پەزىلەتلەرگە ئېگە ئەمەسلىكىنى ھېچكىم يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتمامدۇ؟ نى- نى پەن دوكتۇرلىرى، پەن كاندىداتلىرى ئالىممەن، دەپ مەيدىسىنى كېرىپ يۈرۈشۈپتۇ. ئۇلار ئەسلىدە ئەدەبىي تەنقىدچى ئەمەس، بەلكى ئەدەبىي مەدداھلاردۇر. ئۆتكەن يىلقى يىللىق پروزا مۇھاكىمە يىغىلىشىدا سىزنىڭ ئېيىتقان پىكىرلىرىڭىزدىن بەكمۇ خوشاللاندىم. ۋەھالەنكى، يىغىن رەئىسى سىزگە بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ تۈگىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئالدى بىلەن نوبىل مۇكاپاتى ئېلىڭدە، ئاندىن باشقىلارغا ئەقىل ئۆگىتىڭ، دەپ لوقما سېلىپ گېپىڭىزنى داۋاملاشلاشتۇرۇشقا ئىمكان بەرمىدى. شۇ چاغدا سىز تەنقىدچى ئومورزاق ئولجابايىۋقا:"سىز مېنىڭ ئەسىرىمنى ھېكايە ئەمەس دېگەندىن كۆرە، بۇ نەرسە ئوغرىلانغان دېسىڭىز خۇشال بولاتتىم. سەۋەبى بۇ ھېكايەمنى كورتاسارنىڭ "ۋەسۋەسە" ناملىق ھېكايىسىگە تەقلىد قىلىپ يازغانمەن" دېدىڭىز. "ۋەسۋەسە" جاھان خەلقلىرىنىڭ ئونلاپ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ سۆيۈلۈپ ئوقۇلسۇنۇ، ئۆزبېك ئەدەبىياتى مۇتەخەسىسىسى بولغان ئادەم ئاشۇ روھتا يېزىلغان ئەسەرنى ھېكايە ئەمەس دەپ ھېسابلىسۇن. بۇ نېمە؟ پىكرى مەجرۇھلۇقىمۇ ياكى ساۋاتسىزلىقىمۇ؟ بىز تا ھازىرغىچە بىر چاغلاردا يېزىلغان ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى سەۋىيىسىدە پىكىر قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ ئۆز ئىشىمىزغا ۋىجدانەن يانداشمىغانلىقىمىزنىڭ، زىممىمىزگە ئادەملەرنى مەرىپەتلىك قىلىش مەسۇلىيىتىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى ھېس قىلماسلىقىمىزنىڭ نەتىجىسىدۇر. نېمىشقا بىزدە ئەدەبىي تەنقىد سەۋىيىسى بۇنچىلىك تۆۋەن؟ ئېھتىمال ئەدەبىياتىمىز تەنقىدتىن تۆۋەن تۇرىدىغاندۇ؟ ئېھتىمال نېمىشقا بىز ھەر قانداق ئېھتىماللىقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بار مەھسۇلاتىمىزنىڭ ئۆزىنى ئادىل باھالىمايمىز؟ ياكى ۋ. ئاستاپىيىۋنىڭ "مېنىڭ قارىشىمچە تەنقىدچى قاراۋۇل ۋە سۈ پۈرگىچى بولۇشى، ئەدەبىي مەيدانىمىزدىكى ھەرخىل ئەخلەت- چاۋالارنى تازىلىشى كېرەك. لېكىن مەن ئونلاپ دوكتۇر ۋە ئاكادېمىكلار ئىچىدىن مۇنداق ئىشقا لايىق بىرمۇ تەنقىدچى تاپالمىدىم" دېگىنىدەك، بىزدە ھەقىقىي تەنقىدچى يوقمۇ؟ ئالىمباي! ئاندەرسىننىڭ يالىڭاچ پادىشاھ ھەققىدىكى چۆچىكى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇنىڭدا قىپيالىڭاچ پادىشاھ "كىيىمىڭىز نېمانچە چىرايلىق، ئۆزىڭىزگە نېمىدېگەن ياراشقان" دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ماختىلىدۇ. ھېچكىم ئۇنىڭ يالىڭاچلىقىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلمايدۇ. ئاخىرىدا ئاشۇنداق بىر مەرت تېپىلىدۇ-دە، پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىدۇ. ۋاقتى كېلىپ بىزمۇ شۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسمىزمۇ؟ كېيىنكى چاغلاردا مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئۆزبېكىستان يازغۇچىلىرى مىرموھسىن، ئىبراھىم رەھىم، پروفېسسور ھاپىز ئابدىسەمەتوۋلارنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئۇلار ئاشكارىلىقنى، شەخسىي تەلەپ - دەۋالىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نۇمۇسسىزلىق قىلىشنىڭ بىر پۇرسىتى بىلسە كېرەك. يېشى يەتمىشكە بېرىپ، بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياسى يېقىنلىشىپ قالغان بۇ كىشىلەرنىڭ خەلققە ئېيتىدىغان زۆرۈر گەپلىرى، كۆڭۈل ئارزۇلىرى، يۈرىكىنى ئازابلايدىغان ئۆكۈنۈشلىرى، ئەدەبىياتىمىزنىڭ چوڭ ئومۇمىي دەردلىرى، خەلققە يەتكۈزىدىغان ئارمانلىرى يوقمىدۇ؟ بۇلارنى ئويلىسىڭىز مېڭىڭىزگە سانجىق تۇرۇپ، يۈرىكىڭىز ئېزىلىپ كېتىدۇ. ئەپسۇسكى، ئويلىماي ئىلاجىڭىز يوق. چۈنكى بۇگۈنكى ئاشكارىلىق شۇنىڭغا ئۈندەيدۇ. بىزنىڭ ئارزۇيىمىز بىزدىن كېيىنكىلەر ھېلىقى يالىڭاچ پادىشاھنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالمىسۇن، شەخسىي دەۋا ۋە ئاغرىنىشلار بىلەن ئەمەس، بەلكى مەنىۋىيەتنى يۈكسەلدۈرىدىغان مەسىلىلەر بىلەن شۇغۇللانسۇن. ئادەملەرگە تېخىمۇ كۆپ پايدا يەتكۈزسۇن. ئادەم ۋىجدانىنى قىينايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى تەمەخورلۇقتىن تارتىشى، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئادەمدىن بىرەر نەرسە كۈتمەسلىكى كېرەك. تەمەخور خۇددى سۆڭەك تۇتقان ئېگىسى ئالدىدا قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ تۇرغان ئىتقا ئوخشايدۇ. ئېتىقادلىق ئادەم ھېچقاچان، ھېچكىمدىن بىرەر نەرسە كۈتمەيدۇ. ئۇ پەقەت ئۆزىگە ئىشىنىپ ۋىجدانى بىلەن ياشايدۇ. يەر يۈزىدە بىر ئىمانلىق ئادەم بار ئىكەن قىيامەت قايىم بولمايدۇ، دېگەن گەپ بار. مەن بۇ گەپكە ئىشىنىمەن. تېخى قىيامەت بولمىغانىكەن، ئەتراپىمىزغا خالىس كۆز تاشلىشىمىز، ئېتىقادلىق كىشىلەرنى كۆرسەك بېشىمىزغا كوتۈرۈشىمىز كېرەك. ئېتىقاد- ئىنساننى پەسلىكتىن، ھەرقانداق تەمەدىن، رەزىللىكتىن ساقلايدىغان ھىدايەت نۇرى! لېكىن بۇ نەرسە ھەممە كىشىگە نېسىب بولىۋەرمەيدۇ. ئېتىقادلىق ئادەم ئۆزىگە راۋا كۆرگەن نەرسىدىن باشقىلارنىمۇ تېزرەك بەھرىمەن قىلىشقا ئالدىرايدۇ. ئالىمباي! يەتمىش يىلدىن بېرى يالغان- ياۋىداقلار بىلەن ئۆزىمىزنى ئالداپ ياشىدۇق. ياسالغان خۇدالارغا چوقۇنۇپ، رەزىل، گۇناھلىق قىلمىشلارغا پاتتۇق. كېلىڭ، ئەمدى ئاشكارىلىق، تەڭلىك شامىلى كۆتۈرۈلگەن بۈگۈنكى كۈندە "ھەقىقەتنى، غاپىل، ناھەق نەرسىلەرگە ئوراپ يوشۇرماڭلار، ئۇنى خەلقتىن پىنھان تۇتماڭلار" دېگەن دانا ھېكمەتكە ئەمەل قىلىپ، كىشىلەر قەلبىگە ئېتىقاد نۇرىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشايلى. يەر يۈزىدە ئار- نۇمۇسنى بىلىدىغان، ئىمانلىق ئادەملەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى تىلەيلى. [/color][/color][/size][size=6][color=#FF0000]مەنبەسى :ئۆزھال تورى ئەسلى مەنبەسى: «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى» ژۇرنىلى 1999-يىل- 5 -4- قوش ساندىن[/color][/size]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شائىر مۇھەممەد رەھ...
●  پىچىرلاش(كۆكلەمى)
●  پادىشاھنىڭ كىيىمى ...
●  تولۇقچى قوڭغۇزنىڭ ...
●  ئۆمەر مەتنۇرى قۇتي...
●  ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ ...
●  شائىر رەخىم ياسىن ق...
●  شائىرە رىسالەت مەر...
●  باشقۇرغۇچىلارغا تە...
●  شائىر قۇربان ئابلى...
●  شائىرە، ئاتىكەم سى...
●  شائىر  غوجىمۇھەمم...
●  شائىرە چىمەنگۈل ئا...
●  قاراتېكىن يېڭى ھۆس...
●  ئەدەبىيات تەتقىقات...
●  تونۇلىۋاتقان  ياش ...
●  مەرھۇم ھۈسەيىن تاش...
●  يېزىش- كىتاپ ئوقۇشت...
●  مونولوگ...ئەخمەتجان...
●  شائىر، نەسىرچى ۋە ژ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شائىر مۇھەممەد رەھىم
●  پىچىرلاش(كۆكلەمى)
●  پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ...
●  تولۇقچى قوڭغۇزنىڭ ساياھ...
●  ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ...
●  ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ قىسقى...
●  شائىر رەخىم ياسىن قاينا...
●  شائىرە رىسالەت مەرداننى...
●  باشقۇرغۇچىلارغا تەۋسىي...
●  شائىر قۇربان ئابلىمىتنى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى