مەرھۇم ھۈسەيىن تاشنىڭ ئەلبۇمى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-03 19:40:40 كۆرۈلۈش سانى : 55
مەرھۇم ھۈسەيىن تاشنىڭ ئەلبۇمى
تالانتلىق ياش يازغۇچىمىز ھۈسەيىن تاش ۋاپات بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ روھىدا بىر سىلكىنىش پەيدا قىلدى.
مەن مەرھۇم ھۈسەيىن تاشنىڭ بىر مەكتەپدىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەلبىمدىكى مۇسىبەتلىك تۇيغۇلىرىمنى ئۇنىڭ ئەلبۇمىنى ئىشلەش ئارقىلىق ئىپادىلەش نىيىتىگە كەلدىم.
تۆۋەندە مەن قولۇمدا 20 يىلدىن بېرى ساقلىنىۋاتقان بىر پارچە قىممەتلىك رەسىمنى يوللىدىم.
ئەمدى مەرھۇم ھۈسەيىن تاشنىڭ تور دۇنياسىنى ئاۋات قىلىۋاتقان دوستلىرى، مەكتەپداشلىرى، خىزمەتداشلىرى ۋە قەلەمداشلىرى ئۇنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملىرىنى بۇ تىمىنىڭ ئىنكاس قەۋەتلىرىگە يوللاپ قويسا، شۇنىڭ بىلەن بىزدىن ياشلا ئايرىلغان بۇ تالانتلىق يازغۇچىمىزنىڭ
ئەلبۇمى روياپقا چىقسا.
شۇنداق بولغاندا بۇ ئەلبۇم مەرھۇم ھۈسەيىن تاشنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئېسىل بىر مەنبە بولۇپ قالاتتى.
[img]https://img2.pict.com/a9/66/d2/352ac12119cd0834e3f4252877/VI9dz/sadaqetjanhaji1.jpg[/img]
بۇ ئىشنى تورداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. |
|