شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-10 23:50:07 كۆرۈلۈش سانى : 52
[align=center][img]https://p4.images22.51img1.com/6000/raxit1973/4ff1764402ac407f76abbd2fc30e7c41.jpg[/img]
شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد[/align]
[align=center][size=7][color=#FF0066]شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى [/color][/size][/align]
[size=5][color=#0000FF]غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى گۇما ناھىيسىنىڭ قۇشتاغ يىزىسىدا تۇغۇلغان .قۇشتاغدا تولوق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كىيىن 1990-يىلدىن 2002-يىلغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك پاختا توقومچىلىق فابرىكىسىدا ئىشچى بولوپ ئىشلىگەن .2005-يىلدىن بۇيان خوتەن ۋىلايەتلىك يولوچى توشوش بىكىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
شائىرنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى <<يىڭى قاشتىشى>>ژورنىلىنىڭ 1990-يىلى 3-سانىدا ئىلان قىلىنغان <<مىنىڭ جەننىتىم>>نامىلىق شىئېرى بىلەن باشلانغان بولوپ ،شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر يىزىقىدا نەشىر قىلىنىدىغان ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 1500پارچىدىن ئارتۇق شىئېرى ۋە بىر بۆلەك نەسىرلىرى ئىلان قىلىنغان .<<قۇياش يالغان ياكى قار يالغان>>،<<ئەرنىڭ ئىپپىتى>>،<<مەشرەپ چۆلى>>،<<رەزىل ئاپتاپ>>،<<دۇتتارچى ئايال>>قاتارلىق بىر تۈركۈم شىئېرلىرى <<كۆكنۇر شىئىرىيەت مۇكاپاتى>>،<<ئاقيول شىئېرىيەت مۇكاپاتى>>،<<خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى>>قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن .
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ،خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى [/size][/color] |
|