بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> ئەدىپلەر ئارخىپى >> يېزىش- كىتاپ ئوقۇشتىن باشلىنىدۇ

يېزىش- كىتاپ ئوقۇشتىن باشلىنىدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-03 19:22:33    كۆرۈلۈش سانى : 53  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
[كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىشلىگەن « يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىنىڭ ئالاھىدە سان ئەسەرلىرىدىن] يېزىش ـ كىتاب ئوقۇشتىن باشلىنىدۇ (يازغۇچى مەتتۇرسۇن سۇلايمان بىلەن سۆھبەت) ئابدۇخالىق مەتتۇرسۇن ( ئۆزىنىڭ يۇمۇرىستىك تىلغا، كۈچلۈك ساتېرىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ھېكايىلىرى بىلەن كىتاپخانلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان يازغۇچى مەتتۇرسۇن سۇلايمان كېرىيە ناھىيىسىنىڭ سىيەك يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1973- يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، كېرىيە ناھىيە ئاتچان يېزىسىنىڭ پۇلۇ كەنتىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1981- يىلدىن ئېتىۋارەن، « سەمەندەر»، « ئۇ كىم؟»،« زەم-زەم بۇلاق خاتىرىسى» قاتارلىق ھېكايىلىرى بىلەن يېزىقچىلىق كوچىسىغا كىرىپ، ھازىرغىچە « ئالاھىدە ئەترەتنىڭ تارمار قىلىنىشى»، « ساقى»، « مىنوس باقى»، « ئاخشاملىقنىڭ چالمىسى يامان»، « بۇ يەردە جىن بار» قاتارلىق 90 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېستلىرى ئېلان قىلىندى. « ئىككى تەقۋادار»، « يامغۇرلۇق گۇگۇم» قاتارلىق توپلاملىرى نەشر قىلىندى. ھازىر « ئېقىپ كەلگەن جەسەت»، « قۇتۇپ كېچىسى» قاتارلىق رومانلىرى ئۈستىدە ئىزلىنىۋاتىدۇ.( ئابدۇخالىق مەتتۇرسۇن: (تۈۋەندە ئا مەتتۇرسۇن دەپ ئېلىنىدۇ) ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مەتتۇرسۇن سۇلايمان ئەپەندى، مەن ئالدى بىلەن مۇشۇ ياخشى سائەتلەردە سىلى بىلەن ئىزگۈ سۆھبەتلەرنى قۇرغانلىغىمغا بولغان ئالاھىدە سۈيۈنىشىمنى بىلدۈرۈپ ئۆتىمەن. ھەر قانداق بىر ئەدىپ ياكى قەلپ ئالىمىنى بۈيۈك مەخسەت، يۈكسەك ئارمانلار بىلەن تولدۇرغان كىشىنىڭ بالىلىق دۇنياسى ناھايىتى ئۆزگىچە ئۆتكەن بولىدۇ ۋە شۇ بالىلىق كەچمىشلەر ئۇنىڭ كىيىنكى ئىجادىيىتى، دۇنيا قارشى ۋە تۈرلۈك ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ تىكلىنىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا شۇنى سوراپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ، سىزنىڭ بالىلىق ھاياتىڭىز قانداق ئۆتكەن؟ بالىلىق كەچمىشلىرىڭىزنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەت ۋە ھايات يۇلىڭىزغا كۆرسەتكەن تەسىرى قانداق؟ سىز قانداق بولۇپ يازغۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى باياۋانلارنىڭ سىرلىق تىلسىماتلىرىغا يۈرۈش قىلىپ يېزىقچىلىق كوچىسىغا كىرىپ قالغان ئىدىڭىز؟ مەتتۇرسۇن سۇلايمان (تۈۋەندە م سۇلايمان دەپ ئېلىنىدۇ): رەھمەت، مەنمۇ سىز بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلىقىمغا ناھايىتى خۇشالمەن. سىز ئېيتقاندەك نۇرغۇن يازغۇچى شائىرلارنىڭ بالىلىق ھاياتى ۋە ئۇنىڭ تۈرلۈك كەچمىشى كېيىنكى ئىجادىيەت قارشىنىڭ تىكلىنىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. دۇنيا قاراش كونكىرىتنى مۇھىت شارائىتىدا مەسىلىلەرگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەدۇر. تەبىئەت، جەمئىيەت، ئېتىقاد توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەر بۇنىڭ مەھسۇلى. سىز بۇ تەرىپىنى چۈشەنمەي قالمايسىز.  مەسىلەن، سىزنىڭ بالىلىق دەۋرىڭىز قانداق ئۆتكەنىدى دەپ سورىسام قانداق جاۋاپ بېرىسىز. ناھايىتى ئايدىڭ، ئادەمدە ئىنسانلىق تەبىئىتى بار. ئىنسان تەبىئىتىگە تۇغما قابىلىيەت سىڭىپ كەتكەن. بەلكى بۇنى تالانتنىڭ شەرتسىز تۇغمىچىلىقى دەپ ئېيتىشقىمۇ بولار. مەيلى ئېتراپ قىلىنسۇن، قىلىنمىسۇن بۇ خىل قابىلىيەت دەسلىپىدىن تارتىپ ئادەم ۋۇجۇدىدا يۇشۇرۇن يىلتىز تارتىدۇ. بىرەر نەرسىگە ئىشتىياق باغلىغان، بولۇپمۇ ئىجادىيەت، كەشپىياتقا ئىرادە باغلىغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ شۇ ساھىيەدە ئۇتۇق قازىنالىشى، بەزىلىرىنىڭ شۇنچە تىرىشىپ-تىرمىشىپمۇ نەتىجە يارىتالماسلىقى شۇنىڭدىن ۋە بەزىلىرىنىڭ باشقا ئىش، باشقا مەۋقەگە قىزىقىشىمۇ يەنە شۇنىڭدىن، تەن، ۋۇجۇد، مېڭە، ئاڭنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن بارلىققا كەلگەن روھىي پارتىلاش بولمىسا، پارتىلاشقا ھېسياتلىق ئىلھام قۇشۇلمىسا ھەم ئۇنىڭغا يەنە بىر ئۆلۈش ئەقلىي جاپا، مەنىۋى خوراشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېھنى بەدەل قۇشۇلمىسا ئەسلى بار قابىلىيەت، ئىقتىدار ئۆزلىگىدىن جارى بولالماي شۇ كىشى قەلبىدە پەقەت ئارزۇ-ئارمان سۈپىتىدىلا ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇنى پىشىپ يىتىلدۈرۈلگەن قابىلىيەت دېگىلى بولمايدۇ. مېنىڭ بالىلىق ھاياتىممۇ  يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمدىن تاشقىرى ئەمەس. ئويلاپ باقسام مېنىڭ ئېڭىمدىمۇ شۇ خىل ھالەت، ئەسلىدىن مەۋجۇت ئىكەن. بالىلىق مەزگىلىم خەلق كوپراتىپى، خەلق كوممۇنىسى دەۋرىدە ئۆتتى. مەن بەك كچىك بولغاچقا ھەم خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇش دەۋرى بولغاچقا دادام «سۈرە فاتىھە»، «سۈرە ئىخلاس» نى ئۆگەتكەندىن باشقا خەلق ئەپسانە-رىۋايەتلىرى، خەلق قوشاق، چۆچەكلەردىن ھېچنىمە سۆزلەپ بەرگەن ئەمەس. قىشلىقى ئانامنىڭ ئوچاق بېشىدا ئۈچ-تۆتچە مەسەل، نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى ئېيتىپ بەرگەنلىكى يادىمدا. ئەمما مەن كىتاپ ئوقۇش ھەۋىسىدە باشلانغۇچقا كىرمەي تۇرۇپ ساۋادىمنى چىقىرىپ بولغان ئىدىم. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئاتىسى موللا، ئالىم، بىلىمدار بولسا بالىسمۇ شۇنداق چىقىدۇ دېيىلگىنى ھەر كىمگە باپ-باراۋەر كېلىدىغان تازا لايىقىدىكى گەپمۇ ئەمەسكەن. مەن كىتاپلا ئوقۇيتتىم. سېتىۋېلىپمۇ، ئارىيەت ئېلىپمۇ ئوقۇيتتىم. سوراپمۇ، ئەپقېچىپمۇ ئوقۇيتتىم. ئۇ ۋاقىتتا سابىق سوۋىت ئىتتپاقىدىن كەلتۈرۈلگەن ۋە ئۆزىمىزدە نەشىر قىلىنغان كىتاپلارمۇ نۇرغۇن ئىدى. قايەردە بولمىسۇن مەن بار يەردە زادى كىتاپ تۇرمايتتى. شەنبەبازار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، مەكتەپ قىرائەتخانىسى ئاساسەن دېگۈدەكلا مېنىڭ بولغان. ماكسىم گوركى: «يېزىش كىتاپ ئوقۇشتىن باشلىنىدۇ» دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن. مەندىكى تۇغما ھېرىسمەنلىك مانا مۇشۇ بولسا كېرەك. تەدرىجى مەندە قوزغالغان يېزىقچىلىققا ھەۋەسمۇ، بۇنىڭ تەسىرىدە ئانچە-مۇنچە بىر نەرسە يېزىپ باققىنىممۇ ۋە ياكى شۇنىڭدىن تارتىپ ماقال-تەمسىل، قوشاق توپلاپ ماڭغىنىممۇ ئۈشبۇ سەۋەپنىڭ تۈرتكىسىدۇر. بەلكى، ئۆز ۋاقتىدا ئۆزۈمچە ئۆز-ئۆزۈمنى يازغۇچى ھېساپلاپ باقاتتىم. دەرۋەقە، شۇنداق بوراق-چاپقۇنلۇق مەزگىللەرنى باشتىن ئۆتكۈزدۈم. ۋەزىيەت، جەمئىيەت شەرت-شارائىتلرىنىڭ تۈرلۈك بالىلىق تاماشىلىرى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى، ئۆرۈپ-ئادەتلىرى، كىيىنىشى، تۇرق-قياپەتلىرى، سورۇن-پائالىيەت، روھى ھالەتلىرى، تىلەك ئارمانلىرىدا ئۈزۈپ لەيلەپ ياشلىق دەرۋازىسىنى چەكتىم. ھازىرقى ئەسەرلىرىمنىڭ يېزا تۇرمۇشىغا بىر قەدەر يېقىن بولۇشى، ئەشۇ كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنىڭ يېڭىسىغا سىڭدۈرۈلۈپ ئۆزگىچىراق رەڭ ئالدۇرۇشىمدىن ئايرىلالمايدۇ. ئا مەتتۇرسۇن: سىز ھازىر ئەدەبىي ئىجادىيەت سىپىدىكى پىشقەدەم ئەدىپلەردىن بولۇپ قالدىڭىز، ئۆزىڭىز ئىجادىيەت ھاياتىنى بىر قور ئەسلەپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟ م سۇلايمان: يېشىم 60 قا يېقىنلاپ قالدى. مەن مەھسۇلاتلىك يازغۇچى ئەمەس، ئىجادىيەت سېپىدىكى پېشقەدەم ھېساپلىنامدىمەن-يوق، بىلمەيمەن. راست، پېشقەدەم بولسام كىتاپخانلىرىم باھا بەرسە مۇۋاپىق. مەن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ 1973-يىلدىن 1976-يىلغىچە ئۈچ يىل كېريە ناھىيە مەركىزىگە يۈز نەچچە كىلومىتىر يىراق، ئۆزى تەۋە ئاتچان گوڭشېيغىمۇ يەنە مۇشۇنچىلىك يىراق پۇلۇ كەنتىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. مۇھىت تىپ-تىنىچ، تۆت ئەتراپى تىك تاغ، باشقا كەنىتلەر بىلەنكى ئارلىقى بەك ئۇزاق ناھايىتى زىرىكەرلىك، باشقا بوستانلىقلارغا تۇتاشسىز جاي ئىدى. مەكتەپتە ئاساسەن بىرلا ئوقۇتقۇچى-40 نەچچە بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرىجىلىك بىر قانچە سىنىپنى قوشما تەلىمدە بىرلا سىنىپ قىلىنىپ ئوقۇتىدىغان مەنلا بار ئىدىم. چۈش، پېشىندىن كېيىن بالىلار قايتىپ كەتسە كونا تاملىق مەكتەپ ئىچىدە يالغۇزلا قالاتتىم. يەنە كېلىپ، مەكتەپ يېڭىسىغا كۆچكىچە، بىرسىنىڭ تېمى پۇچۇق، ئۆگزىسى ساڭگىلاپلا تۇرىدىغان تاشلاندۇق ئايۋىنى ئىدى. مانا مۇشۇنداق نىسپى تۇرغۇنلۇقتىكى جىمجىتلىق تەبىئىيىتىمنىڭ ئەسپ مەۋجۇد تۆرەلمىسىنى قوزغاپ، يېزىقچىلىقىم باشلانمىسىنىڭ بوسوغىسىغا ئىتتىرىپ كەلدى. «قاچانكى ھېكايە يازماقچى بولساڭ، ئىشنى ئاۋاال شېئىر يېزىشتىن باشلايسەن» دىگەندەك ھەقىقەتەن شۇنداق بولدى. مەسنىۋىنىڭ نېمىلىگىنى تازا چوڭقۇر چۈشەنمىسەممۇ شەكىل دوراپ، ئەشۇ مەن تۇرغان كەنىتنىڭ دەريا قاسىڭىنى بويلاپ يېڭى قېزىلغان كارىزى ھەققىدە 250 مىسرالىق داستان يېزىپ، كەنىتتە تۇرۇشلۇق گوڭشى كادىرى سىدىق بەردىگە بەرسەم، ئۇ شەنجاڭ ئابدۇقادىر تۇردىگە يەتكۈزۈپتۇ. بۇ ئىشتىن خېلى ئوبدان ئېتىبار ئالدىم. ئىككىنچى يىلى ئۈزۈمچە رومان ھېساپلاپ بىر پارچە يىرىك ئەسەر يازدىم. يەنى 1965-يىلى كۈز كونا ئۆتمۈشتىن دەرت تۆكۈش يىغىنىدا قۇربان تۇلۇمنىڭ كېرىيە بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلى خاتىرلەپ قۇيۇپتىكەنمەن. ئون يىل ئۆتكەندە ئۇنى مەركىزى ماتىريال نۇقتىسى قىلىپ، باشقا ئىش قوشقان ئاساستا ھېلىقى رومان دېگىنىمنىمۇ پۈتتۈرۈپ تاماملىغان بولدۇم. ئارلىقتا خېلى كۆپ شىر قوشاقلارنىمۇ يازدىم. ژورنالغا ئىبەرتىپ يوقاپ كەتكەن ئالتە پەردىلىك كومىدىيەلىك دىراممام «ئالدار كۇسا» 1980-يىل ئوتتۇرلىرىدىكى گەپ. مەن بۇ چاغدا ئاللىقاچان ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ بولغان ئىدىم. (ھەممىسىنىڭ تولۇقسىز كوپىيەسى ھازىرغىچە ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ) قانداقلا بولمىسۇن داستان دېگىنىم داستانچىلىك بولمىسۇن، رومان دېگىنىم رومانچىلىك بولمىسۇن ۋە ئالدىنقى بارلىق يازمىلىرىم ئادەتتىكى ئەقەللى چۈشەنچەممۇ ھېچنىمىگە ئەرزىمىسۇن يېزىقچىلىق پىراكتىكامغا مەشىق مەيدانى سۈپىتىدە ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى ھەقىقەت. 1981-يىلى «سەمەندەر»، «ئۇ كىم»، «زەم-زەم بۇلاق خاتىرىسى»، «بارا چوققىسىدىكى داغسىز قاشتېشى» ناملىق تۆت پارچە ھېكايە، ئوچرېكىم ھەر قايسى ژورناللاردا بىراقلا ئېلان قىلىندى. بەزىسى مۇكاپاتلارغىمۇ ئېرىشتى. ئىجادىيىتىم مانا شۇنىڭدىن باشلاندى دېسەم بولىدۇ. ھازىرغىچە ھېكايە، ئوچىرىك، تېلىۋىزىيە سىنارىيەسى، ئىتوت، يۇرت تەزكىرىسى بولۇپ، يۈزگە يەتمەسمىكىن، 90-95 كە يېقىن ئەسەر ئېلان قىلدۇرۇپتىمەن. بەزىلىرى شىنجاڭ خەلق رادىئو سىتانسىسى تەرىپىدىن تاللاپ ئاڭلىتىلدى. بەزىسى سەھنىلەردە ئۆزلەشتۈرۈپ ئوينالدى. «ئىككى تەقۋادار»،، «يامغۇرلۇق گۇگۇم» توپلاملىرىم نەشىر قىلىندى. شۇنىڭدىن قارىغاندا ئىجادىيەت سېپىدە ئاز-تولا ئىش قىلغان ئوخشايمەن. ئا مەتتۇرسۇن: مەتتۇرسۇن سۇلايمان ئەپەندى، سىز ئاز ھەم ساز ئەسەرلىرىڭىز بىلەن 80-يىلاردىن باشلاپلا ئۇيغۇر كىتابخانلارنىڭ نەزىرىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە قەلەم ساھىبىغا ئايلاندىڭىز، سىزنىڭ «ئالاھىدە ئەترەتنىڭ تارمار قىلىنىشى»، «ساقى»، «مىنوس باقى»، «ئاخشاملىقنىڭ چالمىسى يامان»، «بۇ يەردە جىن بار» ... قاتارلىق ھېكايىلىرىڭىز ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، تىلىنىڭ قىزىقارلىقلىرىغى، جەلپ قىلارلىغى بىلەن ئۇيغۇر ھىكايىچىلىغىغا يېڭى تۈس بەخىش ئەتتى ۋە ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىغا ئىرىشتى، «ئالاھىدە ئەترەتنىڭ تارمار قىلىنىشى»، «ساقى» ناملىق ھېكايىلىرىڭىز ھەتتا ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى. سىز مۇشۇ ھەقتىكى تەسىراتىڭىزنى ھېكايىچىقتا تۇتقان ئۆزگىچە يولىڭىز ۋە بۇ ھېكايىلىرىڭىزنىڭ مەيدانغا كىلىش جەريانى بىلەن قۇشۇپ سۆزلەپ بىرىپ باقسىڭىز؟ م سۇلايمان: ئاز يېزىشنى ئويلىدىم ئەمەس، ۋاقتىم بەك زىچ ئۆتتى. مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنى يىتەكلەشكە، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشقا، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتىھان رىقابىتىدىكى تەكرارىغا ئويۇشتۇرۇش، تەكرار ماتىرياللىرىنى ئىشلىشىمگە توغرا كەلدى. يىللىقلار بويىچە ھەر قايسى پاراللىللارنىڭ باسقۇچلۇق، ماۋسۇملۇق ئىمتىھان سۇئاللىرىنىڭ كىتاپ بولالايدىغان ئون نەچچە بەتتىن ئارتۇق نۇسخىلىرىمۇ ماڭا قاراپ تۇرغاندىن سىرىت بىر قانچە سىنىپقا بىرىدىغان دەرىسىممۇ بېشىمدا چۆگىلەپ يۈردى. تېخنىكۇم پۈتتۈرۈپتىكەنمەن، ئۈچ يىل شىنجاڭ رادىئو سىفەن داشۆسىدە ئوقۇماي بولمىدى. ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ داۋاملىق شۇ خىل مەكتەپلەرگە (ماتىرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇلىدىغان) دەرس ئۆتۈشكە بەلگىلەپ قويغىنى تېخى. خېلى بىر مەزگىل ناھىيىنىڭ جەمئىيەت تەكشۈرۈش، خىزمەت ئىستىلىنى تەكشۈرۈش، نامۇۋاپىقلىقلارنى تۈگىتىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ يۈرۈپتىمەن. تۇرمۇش غېمى، بالىلارنى ئوقۇتۇش يەنە مەكتەپتە يېزىقچىلىق كۇرژىكى تەشكىللەش، ھەۋەسكارلارنىڭ ئىجادىيىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش، يازغىنىنى تۈزىتىپ ئۆزگەرتىش، گېزىت-ژورناللارغا تونۇشتۇرۇشمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، ھازىر بۇنداقلىرىنىڭ نەچچە ئونى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خېلى پىشقان قەلەم ئىگىلىرىدىن بولۇپ قالدى. ناھىيىمىزدىنمۇ مەتسېلىم مەتقاسىم، ئەنۋەر تاشتۈمۈرلەرنى دېمەي تۇرايلى، مەتسەيدى مەتقاسىم، گۇلباھار مۇساغا ئوخشاش ۋىلايەت، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا تۇنۇلغان ياكى تۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرغان يازغۇچى شائىر، تەتقىقاتچىلار يىتىشىپ چىقتى. سۆزلەپ كەلسەم بولارنىڭدىنمۇ تولا، ئازغىنىمۇ پۇرسەت يوق، سابىق مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا ئالتە ئايلىق مۆھلەت ئېلىپ بېرىشنى ئۆتۈنسەم، ھۆكۈمەتكە تىلى قىسقىلىق قىلدى. ئىجادى مېھنىتىمنىڭ ئاز بولۇپ قېلىشى شۇنىڭدىن. نەزىرىمدە ساز بولۇش بىرىنچى، مىقدار ئىككىنچى. سان بولمىسا سۈپەتنىڭمۇ بولمايدىغانلىقى ئېنىق. قەرەلىدە سۈپەت ئىچىدە سان، سان ئىچىدە سۈپەتنىڭمۇ بولىدىغانلىقى ئېنىق. سانمۇ سۈپەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇمۇ باركى سان ئىچىدىن سۈپەت چىقمايدىغان ئىشمۇ بار. ماكسىم گوركى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىلا «ئەدەبى، تەنقىدى ماقالىلار» توپلىمىدا ئەدەبى ئەسەرلەرنىڭ قىممىتى سان بىلەن ئەمەس، سۈپەت بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ «سۈپەت بىرىنچى» دېگەننى ئوتتۇرغا قويغان ئىكەن. بۇنى بەك ياقتۇرىمەن. مېنىڭچە بولغاندىمۇ سۈپەت بىلەن سان تەڭمۇ ئەمەس، يەنىلا سۈپەت بىرىنچى. مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى «ئاز ھەم ساز» دەپ ئېيتسىڭىز، دېگۈدەك ئۇنداقمۇ ئەمەس، ئازراق بىر قىسمى شۇنداقراقمۇ چىقىپ قالدى. مەن ئاسانلا يېزىشقا تۇتۇش قىلمايمەن. ئېلان قىلدۇرۇشقىمۇ ئالدىرمايمەن. چىقسا چىقتى، چىقمىسا قالدى. ئەۋەتسەم ئەسەرگە ئەگىشىپمۇ يۈرمەيمەن. ئاۋۋال يازماقچى بولغانلىرىمنىڭ ئىپادە، بەلگە، سۆز، قۇرۇلمىلىرىنى ئابزاس، بۆلەكلەرگە قەدەر پىلانلايمەن. ھەتتا كېتىپ بارغان، كېچىسى ئۇيقۇ ئارلىقىدىكى ئېسىمگە كېلىپ قالغان، چۈشۈمگە كىرىپ قالغان ھالقىلىق جۈملە، ئىبارە، باغلىغۇچىلارنىمۇ دەرھال تۇرۇپ خاتىرلەيمەن. بۇنداق چاغدا ئۇيقۇم ئۇيقۇ بولمايدۇ. پەيتنى چىڭ تۇتۇپ يېزىشقا باشلايمەن. شۇنىسى يېزىش سۈرئىتىم ئاستا. قانداق قىلسام ئورنىغا چۈشىدۇ. تىلغا باش قاتۇرۇپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن. ھەر نەرسىنىڭ ماتىريالى باشقا. بىنا خىش-كېسەك ئارقىلىق قۇپۇرۇلغانغا ئوخشاش ئەدەبى ئەسەرنىڭمۇ بىرىنچى ئېلمنىتى تىل ئىكەن. ئۇنداقتا ئەسەر ئېھتىياجلىق تىلنى مۇمكىنغا قەدەر ئۆز مەنىسىدە قوللانماسلىق، ئىشارە، ئوخشىتىش، دارتما، كۆچۈم مەنىسىدە ئىشلىتىش، لېكىن بوشلۇق قالدۇرۇش، ھەممىنى تەڭ تويۇندۇرماسلىق، سۆزنىڭ كۆمۈلۈپ قالغان، نۇرلىنالمىغانلىرىنى مۇۋاپىق ئورنىدا چاقنىتىش، ھەر قانداق سۆزنى ئاۋايلاپ ئىشلىتىش، تەكرار ئىشلەتمەسلىك ھەم بۇنىڭغا قۇشۇلغان يات تېما، يات مۇھىت ۋە يۇمۇرلۇق خۇسۇسىيەت، كومىدىيەلىك تۈس، ئاچچىق لېكىن يېقىشلىق ئۇسلۇپنىڭ يىتەرلىك ئالاھىدىلىگىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئاساس بولغان ئۆزگىچىلىكنىڭ مەنىدىكى ئىپادىسى بولسا كېرەك. كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ خېلى بىر مەزگىللىرىمگىچە ئاۋام ئارىسىدىن توپلاپ ئۇيغۇر ئېلىپبەسى تەرتىپى بويىچە رەتلەنگەن سۆزلۈك خاتىرەم، تەپسىلات، دېتال، ۋاقە، ماقال-تەمسىللىك توپلىمىم بار. يېزىقچىلىقىمدا شۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىمەن. ئەگەر مۇشۇ جەھەتلەر بولمىغان بولسا، ئەسەرلىرىم مەندەك شۇنچە ئاز يازغان ئادەمنى ھەرگىز ئىزدەپ كەلمەيتتى. مۇكاپاتقا كەلسەك كارايىتى چاغلىق. مۇكاپاتلانغانلىرىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەقىقەتەن ياخشى بولسىمۇ بازار ئىگىلىكى يولغا قۇيۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە چىگىت چاقىدىغانلىرىمۇ خېلى بار. مېنىڭمۇ خېلى ئوبدان ئەسەرلىرىم مۇكاپاتسىز قىلىپ، ئانچىلىكى مۇكاپاتلانمىدى ئەمەس. ئا مەتتۇرسۇن: سىزنىڭ ھېكايىلىرىڭىزنى ئۇقۇغاندا پىرسۇناژلار كىشىگە تۇلىمۇ يېقىشلىق تۇيىلىدۇ، ئەشۇ مىنوس باقى، ساقى ... قاتارلىقلار خۇددى ئەتراپىمىزدا باردەكلا، يېنىمىزدا بىز بىلەن بىرگە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك تۇيىلىدۇ، شۇنداق سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ، ھېكايىلىرىڭىزدىكى تۇرمۇش دىتاللىرى ۋە پىرسۇناژلارنىڭ پىروتوتىپلىرى ھەققىدە ئۆز كەچمىشلىرىڭىز، كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىڭىزغا بىرلەشتۈرۈپ ئازراق بىر نەرسە دەپ بىرىپ باقسىڭىز؟ م سۇلايمان: مەن يېزىشقا كىرىشتىن بۇرۇن تېما ئەمەس، پىروتوتىپ تاللايمەن. ئاندىن شۇ پىرودوتىيە ئاساسىدا باش تېما شەكىللەندۈرۈپ، ھەر قايسى پېرسۇناژلارغا ھەركەت، قىياپەت، دىئالوگ تەقسىملەيمەن. باشلاش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ماسلاشتۇرۇلىشىغا دىققەت قىلىپ، ئۇششاق تەپسلاتلاردىن سىيۇژىت بارلىققا كەلتۈرۈپ، بۆلەكلەرنىڭ بۆلەكلەرگە بولغان تەقەززاسىنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. جۈملىنىمۇ بەك مۇرەككەپ، بەك ئۇزاق تۈزمەيمەن. ئەكىس ئەتتۈرمەكچى بولغىنىمنىڭ چوقۇم بىر-ئىككىسى راست بولغان بولىدۇ. مەسىلەن: «ساقى» ناملىق ھېكايەمنىڭ پىرودوتىپى كېرىيە سىيەك يېزىسى قىتىچى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق نىياسخان قارىقاش دېگەن تۇل خوتۇن. مەن 1968-يىلى يېزىغا قايتا تەربىيىگە چۈشۈپ ئككىنچى يىلى شۇ دادۇيگە چارۋا دادۇيجاڭى بولغىنىمدا بۇ خوتۇننى دائىم ئۇچرىتىپ تۇراتتىم. ئۇ قىزى، ھەر ئىككىلىسى تۇل ھەم نامرات ئىدى. ئەينى چاغدا دادۇينىڭ قوي-ئەچكۈلىرى ئۇرۇقلۇقتىن، كېسەللىكتىن دائىم ئۆلۈپ تۇراتتى. بۇنداق ماللارنىڭ گۆشى بەزلىك، شىلشىملىق، بەد-پۇراقلىق بولغاچقا تولا كىشىلەر ئاسانلىقچە يىگىلى ئۇنىمايتتى. تېرىسىنى ساناققا ئۆتكۈزمەي بولمىغانلىقتىن سۇيۇۋېلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇنداقلارنى ھەمىشە شۇ خوتۇننىڭكىگە ئاپىرىپ بېرەتتىم. ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ، 1980-يىلنىڭ ئوتتۇرلىرى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت كاتىپى ئەھەت ئوبۇلقاسىم كۆكياردىن «بەشتە كېپىللىك» بىر ھورۇن ئادەمگە «قوي بەرسەك ئۆلتۈرۈپ يەۋالدىڭ، باشقا نەرسە بەرسەك سېتىپ خەجلىۋالدىڭ، ئەمدىغۇ ئۇنداق قىلالماسسەن، تۇتقىنا ماۋۇ ئېشەكلەرنى»،-دەپ تۆت دانە قېرى ئېشەك ئەكىلىپ بېرىپتۇ. دېگەن گەپنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنى يازامەنمىكىن دېسەم يازمىدى، ئۇمۇ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا، يەنە مەن قايتا تەربىيەگە چۈشۈشتىن ئون يىل ئىلگىرى تۇردى سۇفى دېگەن ئادەم بازارغا كېتىۋېتىپ: «يوتقان بەرگەندى، سېتىپ گۈلە-قاق ئالدىم، ئەمدى ماۋۇ كىگىزنى سېتىپ ئۆپكە-زاسۈي يەپ چىقايمىكىن» دېگەن گەپنى بىز يېنىدىكىلەرگە دەپ بەرگەن ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئالدىنقى 25 يىلدا لىپ قىلىپ ئۆچكەن ئۈچ كىچىك كۆرۈنۈشتىن بىر ھېكايە پۈتۈپ قالدى. «ئىككى تەقۋادار» ھېكايەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسلامنىڭ سۆزىدىن ئېيتىلىدىغان بىر مۇھىم دىئالوگ بار. بۇنىمۇ ئەھەت ئۇبۇلقاسىم بىر ھاجى موللامنىڭ شاللىقتا ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە ئېلىپ چىققان ئىكەن. «مىنوسباقى» نىڭ مودىلى يېزىسىدىكى قوشنىمىز ئەكرەم يوغا. ئۇ 1960-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغىچە 50 يېشىدىمۇ ئۆيلىنەلمىگەن ئادەم بولۇپ، خوتۇن سىكىلەكلەر ئۇنى «ئەكرەم چىشى» دەپ ئاتايتتى. كېيىن ناھايىتى تەسلىكتە بىر نەچچە ۋاقىت سۆرىشىپ، يەنە بىر قوشنىمىز ئايشەمخاننى ئالدى. پەرزەنتى ياسىن ئەكرەم ھازىر ئۆي-ئوچاقلىقلاردىن بولۇپ قالدى. 1990-يىلنىڭ ئوتتۇرلىرى يېزىدىكى يىراقراق تۇققانلىرىمىزدىن نىساخان كۆتەك:   «قايسىبىرى بىر كالا ئالغان ئىدى، كولا يەيدىغان كالا ئىكەن، ئاغامچا ئۈزۇپ، تاغار، توقۇم يەپ ئارامىدا قويمىدى» دېگەن گەپنى ئېيتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پىرودوتىپە ئۆزىگە تازىمۇ ماس كېلىدىغان كالىنى تېپىۋېلىپ «مىنوسباقى» نامىدا ئىپادىلىنىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا «كۆڭۈلدىن يىراق ئادەم» پوۋىستىدىكى غوجى بودەك كېرىيە پۇلۇ كەنتىدىكى ھاۋاز، «ئالاھىدە ئەترەتنىڭ تارمار قىلىنىشى» بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ دائىم ئوينايدىغان چالما چېڭى، «بۇ يەردە جىن بار» ئىلگىرى يېزىدا ئۆي سالار ۋاقتىمدا ئۆزۈم بىۋاستە يۇلۇقان ئەھۋال، كۆپىنچىلىرى ئوخشاش چىنلا كەچمىشلىرىم ۋە كەچمىشلىرىمنىڭ بىر قىسمى. ئەسەرلەرنىڭ تۇرمۇشقا بىر قەدەر يېقىن بولۇشى، ئوقۇشقا يېقشلىق تۇيۇلۇشى تۇرمۇشنى ئىنچىكە كۆزەتكەنلىكىم، ئىجادىيەت تەييارلىقى بىلەن خەلق-ئاۋام ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغانلىقىم، بەس تالاشماي، زورمۇ-زو قۇراشتۇرۇشقا ئورۇنماي، كۆپتۈرمىچىلىك، ياسالمىلىق قىلماي، ئەينى چىنلىقنى ئەينى رەڭ بىلەن سىزىشقا تىرىشقانلىقىدىن بولسا كېرەك. ئا مەتتۇرسۇن: مەتتۇرسۇن سۇلايمان ئەپەندى، بىز ئالى مەكتەپتە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان 90 –يىللارنىڭ ئاىىرىدىكى قايناق دەملەردە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىدا سىزنى ئالاھىدە تۇنۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە سىزنىڭ «سۇدا ئېقىپ كەلگەن ئالما» ناملىق رۇمانىڭىزنىڭ يېزىپ تۈگەتكەنلىڭىزنى ۋە پات ئارىدا نەشىردىن چىقىدىغانلىغى ھەققىدە ئۇچۇر بىرىپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇيغۇر رۇمانچىلىغى بىخ ھالەتتىن مايسا ھالەتكە ئۆتىۋاتقان ئاشۇ يىللاردا بارلىق ئەدەبىيات ھادىسىلىرىغا دىققەت قىلىۋاتقان بىز ياشلار رۇمانىڭىزنىڭ تىزراق نەشىردىن چىقىشىنى زارىقىپ كۈتكەن ئىدۇق. بىراق رومان نەشىردىن چىقماي قالدى، كىيىن ئاڭلىساق قول يازمىڭىزنىڭ ئازراق تۈزىتىدىغان يىرى چىقىپ قېلىپ قايتۇرۇلغاندا سىزنىڭ ئۆي كۈچۈش ۋە شۇنىڭغا ئۇلۇشۇپلا ئائىلىڭىزغا كەلگەن ئېغىر مۇسىبەت دىشۋارچىلىغى جەريانىدا بۇ قول يازما يۇقاپ كىتىپتۇ، سىزنىڭ يۈرەك يارىڭىزنى تاتىلاشنى خوپ كۆرمىسەممۇ ئەمما «نېمە كۈنلەر كەلمەيدۇ ئۇغۇل باشىنىڭ باشىغا، سايدا تۆگمەن چۆگىلەيدۇ كۆزىدىن ئاققان ياشىغا» دېگەندەك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جۈملىدىن ئۇيغۇر رۇمانچىلىغى ئۈچۈن بىر يۇقۇتۇش بولغان ئەشۇ ئەسىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى، ئاساسىي تىمىسى، كىيىن باشقىدىن قۇلىڭىزغا قەلەم ئېلىپ تەكرار يېزىشنى ئۇيلىغان ئۇيلىمىغانلىغىڭىز ھەققىدە  بىر نەچچە ئېغىز سۆزلەپ بەرسىڭىز؟ م سۇلايمان: 1984-يىلى «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىرىنىڭ 4-سانىدىمىكىن ئاپتورلاردىن، ئەسەر پىلانى بېرىش تەلەپ قىلىنغاندا «سۇدا ئېقىپ كەلگەن ئالما» ناملىق يىرىك ئەسەر پىلانى بەرگەن ئىدىم. باشقىلار قاتارىدا شۇ بويىچە ئېلان قىلىنىپ كەتتى. ئۇ چاغدا بۇ ئەسەر پوۋېىست بولامدۇ، رومانمۇ بىلمەيتتىم. ئەمىلىيەتتە رومانغا ئايلىنىپ كېتىپ ئالتە يىل يازدىم. 1989-يىكى پۈتتۈرۈپ نەشىرياتلارنىڭ بىرىگە ئەۋەتسەم، تۈزۈتۈپ تولۇقلاش توغرىسىدىكى خەت بىلەن يېنىپ كەپتۇ. قايتا ئىشلەپ پۈتتۈرۈشىمگە قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدىن مەرھۇم ئابلىمىت ھاجى كېلىپ ئۆزىگە ئەۋەتىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. مەن ئەسىرىمنى ئۇ يەرگىمۇ ئەۋەتمەي، ئەسلى تۈزۈتىشىمگە بۇيرۇلغان نەشىرياتقىمۇ ئەۋەتمەي، ياشلار توغرىسىدا يېزىلغاندىكىن «ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى»غا ئەۋەتەيچۇ دەپ شۇ نەشىرياتقا ئەۋەتتىم. بۇ يەردىمۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ ساقلاپ 1999-يىلغا كەلگەندە «ئېقىپ كەلگەن جەسەت» نامى بىلەن تىراژ كاپىيەنى يېتىپ كەلدى. بىراق كاپىيەن «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرياتى» نىڭ ئىدى. بۇ «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى مېنى تۇنۇشتۇرۇپ شۇ رومان توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن مەزگىل، ئارلىق يەنە ئاتلىدى، نېمىلا بولمىسىۇن ئەمدى چىقىدىغان بولدى دېگەن ئۈمىدتە تۇرسام، ياشلار نەشىرياتى مۇھەررىرى يولداش ياسىن ئىمىن ئازراق قىسقارتىپ، تېز ئىبەرتىشىم توغرۇلۇق خەت يېزىپ، ئۇنى يازغۇچى مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىمدىن ئەۋەتىپتۇ. بۇ چاغدا ئىشىم زادىلا ئوڭغا باسمىدى. مەكتەپ قوراسىدىن يېڭى سالغان ئۆيۈمگە كۆچۈشكە توغرا كەلدى. كۆچۈپ  بېلىمنى ئەمدى رۇسلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئىككىنچى ئوغلۇم ئەرزىمەس ئىش بىلەنلا قاتىللىققا ئۇچراپ ۋاقىتسىز قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى بىر يىلغىچە زادىلا ئېسىمىزگە كەلتۈرۈلمەپتىمىز. كېيىن ئىزدىسەك –ئۇچۇندا پۇچۇندىلىرى ئوچاق يېنىدىن چىقتى. باشقا ماتىرىيال دۆۋىلىرى، يازما كوپىيىلىرى بىلەن قۇشۇپ يېڭى ئۆيگە يۆتكىگەندە تىكىشى سۆكۈلۈپ كەتكەن ئىكەن. قازانغا ئوت ياققۇچىلار باشقا قەغەز پارچىلىرى، ماتىريال چېچىندىلىرىگە قۇشۇپ ئوتۇنغا تۇترۇق قىلىۋېتىپتۇ. ھەقىقەتەن، رەھمىتىنىڭ پارىسى، يەتتىسى، قىرقى دېگەندەكلەرگە بىر قانچە قېتىم چوڭ داش ئېسىشقا توغرا كەلگەن ئىدى. رومان كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ناچار ئىللەت، نامۇۋاپىق ئادەتلەرنى سۆكۈشكە قارىتىلغان. كاپىيەن ئۇلارنىڭ مەنىسىنى مېھرىبانلىق، ۋاپادارلىق، ھەققانىلىق، ئاقىلانىلىقنىڭ ساختىلىق، رەزىللىك، بەد قىلىقلىق، مۇتىھەملىك ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ئىناق، ئىتتىپاق، روھلۇق بولۇشتەك تۇرمۇش مەنزىرىسى ئارقىلىق يېڭى زامان كىشىلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يولىنى يورۇتۇپ بەرگەن» دەپ يىغىنچاقلىغان. ئەمدى ئۇنى تىرىلدۈرەلمەيتتىم. شۇنچە ئۆتكەن تۇرسا قايسىبىرىنى ئەسكە ئېلىپ بولالايمەن. شۇڭا قايتا يېزىشنى ئويلىدىم. ئۇنىڭسىزمۇ ئىككىنچى رومانىمنىڭ تەييارلىقىنى ئىشلەپ باشلانمىسىنى خېلى بىر يەرگە ئاپىرىپ قويغان ئىدىم. ئا مەتتۇرسۇن: سىز پىروزا ئىجادىيىتىدە ئۆزگىچە يول تۇتقان بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا (ماۋزېدۇڭنىڭ سۈزى بۇيىچە) يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك بەس بەستە «كۆكلەپ» چىقىۋاتقان رۇمانچىلىق ئىجادىيىتىگە قانداق قارايسىز؟ قانداق ئۆزگىچە پىكىر تەكلىپلىرىڭىز بار؟ م سۇلايمان: ئۇيغۇر رومانچىلىقىمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئاخىرى ئالدى بىلەن بىر ئىككىدىن، ئاندىن بەش-ئالتىدىن باش كۆتىرىپ چىقتى. باش كۆتەرگەندىمۇ بوش باش كۆتەرمىدى. بىراقلا باراقسانلاپ ئۆز بويىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. بۇنداق نەتىجە بارلىققا كېلەر دەپ كىم ئويلايتتى. ئارلىق قىسقا تۇرسا، بۇ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئەلبەتتە شۇنڭ ئۈچۈن كۆپ قاتلاملىق، كۆپ قىرلىق تۇرمۇش ھادىسىلىرى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى ھەر جەھەتتە ئەتراپلىق، ئدىتلىق قېزىپ، چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرۈپ كىشىلەرگە مەنىۋى ئىلھام بېرىشنىڭ ئاساسى تۇغۇلدى. بۇ بوشلۇقتا يۇلتۇز چاقنىغان ئاندىن ئەتراپقا چېچىلغاندەك بىر ئىش. ئاممىنىڭ، ئوقۇرمەننىڭ كىتاپ ئېھتىياجى، ئىشتىياق-زوقى پەقەت ھېكايە يېزىش بىلەن قانائەتلەنمەيدۇ-دە، ئاڭلىساق ھازىرغىچە 200 دىن ئارتۇق رومان نەشىر قىلىنىپتۇ. سۈرئىتى قانداق، مەنغۇ بۇ رومانلارنىڭ كۆپىنى ئوقيالمىدىم. ئوقۇغانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە خېلى بىرلىرىنىڭ پىيىزى گىچ-گىچ، تىلى خاممىش. ئۆزۈم ئوقۇغانلىرىمنىڭمۇ ئايرىمى تەسىر بوش، ئىپادىسى چولتا، تەسۋىرى يۈزە بىلىندى. ياخشىلىرىغۇ ياخشى، بۇنىڭدا گەپ يوق. لېكىن ھېلىقىدەكلىرىچۇ، يا ئۇنىڭدا تارىخى چوڭقۇرلۇق، مۇھىت چوڭقۇرلۇقى، تۇرمۇش چوڭقۇرلىقى بولمىسا، يا چىنلىق تۇيغۇسى. دىت، ئىپادە چوڭقۇرلۇقى، ئىندوۋناللىق-خاسلىققا ئىگە تىل-ھەركەت بولمىسا قىسقىسى، بىر كىمنى زوقلاندۇرالمىسا، كۈلدۈرەلمىسە، ئاچچىقلىتالمىسا، يىغلىتالمىسا، كىشىنى بىر ياققا باشلاپ ماڭالمىسا بۇنى قانداقمۇ رومان شەكلى ئالغان يىرىك ئەسەر دېگىلى بولسۇن، بۇنداق دېسەك بولماسمىكى يا، بىزمۇ رومان يېزىپ قالدۇق. ئۆزىمىزچىمۇ ياخشى، بۇمۇ قانداق چىقاركىن-تاڭ، مەيلى چىقمىسا كۆرەرمىز، ھېلىقى گەپكە كەلسەك، بەزى ئاپتورلار رومان چىقىرىشقا بەك ئالدىراپ كەتتىمىكىن دەيمەن. بۈگۈنكى كۈندە كىتاپ سۈپىتى سېتىلىش-سېتىلماسلىق بىلەن ئۆلچىنىدىغان بولدى. قاراپ باقسام يىلدىن-يىلغا ئاتلاپ سېتىلماي تۇرغان رومانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن. گەپ نەدە، مېنىڭچە يەنە بىر تەرىپى، ئەسەردە ئىپادە ئەگەر ئۆزگىچىلىك، خاسلىقنىڭ ماغدۇرسىزلىقىدا، بىلىشىمچە ئېلان قىلدۇرۇلسۇن، قىلدۇرۇلمىسۇن خېلى كۆپ رومان يازغانلار بار. ئۆز-ئۆزۈمگە بولار-بولماس ئىككىنى يازغۇچە بىرنى يازساق، ئۈچ-تۆتىنى يازغۇچە، ئىككى-ئۈچنى يازساق كۆپ رومانغا كەتكەن زېھنى كۈچ بىرگە مەركەزلىشىپ تېخىمۇ ياخشى بولارمىكىن دەپ قويىمەن. چۈنكى مەن ناچار رومان يېزىپ قالسام ئۇنى ياخشى يېزىلغان بىر پارچە ھېكايەمگە تەڭ قىلمايمەن. بىر مىسقال ئالتۇن بلەن نەچچە ئۆلۈش كۈمۈش تەڭ ئەمەس. رومان ئىشىدا پوزىتسيىمىزدىكى يىتەرسىزلىكنىمۇ كۆرسەك بولىدۇ. بىر كۈنى مەن رومان يازغان بىر يازغۇچىنىڭ ھېكايە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ رومان يازماي ھېكايە يېزىشى توغرىلىق مەسلىھەت بەرسەم: «ياق، يازغىنىمنىڭ ۋەقەلىكىدە ھېكايە بولمايدۇ، ۋەقەلىكى بەك ئاددى»،،- دېدى رومان نەچچىلەپ ھېكايىنىڭ تۇتاشما بىرىكمىسى تۇرسا، ھېكايە بولالمىغان ۋەقەلىكتە قانداقمۇ رومان پۈتسۈن، بۇ بىر، ئىككىنچى، مەلۇم بىر يىغىلىشتا بىرسى يېنىمدىكىدىن «ئەدەبى ئەسەر چۈشىنىشلىك بولسا ياخشىمۇ، ياكى چۈشنكىسىز بولسىمۇ بولىۋېرەمدۇ» دەپ سورىغان ئدى. ئۇ «ئەسەر دېگەننى چۈشەنسۇن دەپ يازمايدۇ. ئەسەر ئوقۇغۇچىنى چۈشەنسە بولىۋېرىدۇ.سىلەر پەلسەپە ئۆگەنمەپسىلەر، پەلسەپە ئۆگىنىڭلار» دەپ شۇنچىلكلا كوتا جاۋاپ بەردى. پەلسەپەنىڭ مەنىسى. مەنبەمۇ، روھمۇ، تەبىئەت دۇنياسىمۇ، روھ بىلەن ماددىنىڭ قايسىنىڭ برلەمچى، قايسىنىڭ ئككىلەمچىلىكىدە يىشىلىدىغان تۇرسا، ئەدەبىياتنىڭ مەنىسى كونا كوتىلىقتا يېشىلىدىغان تۇرسا، ئالدىنقىسىدىكى ئابىستىراكىتلىقنى كېيىنكى كونكىرىتلىققا سۆرەپ كىرىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى. دېيىلگەندەك، بىر قانچە نۇقسان، كەمچىلىكلىرىمىز رومان قىممىتىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئېلىپ بارغان. ئاپتۇر قەدرىنىڭمۇ بارغانسىرى تۆۋەنلەپ بېرىۋاتقانلىقى ئېنىق. بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا بالنىستا يېتىپ قالدىم. ئوڭ يېنىمدا باداۋانلىق دەمدۇر ئابدۇكىرىم ئسىملىك بىر ئادەم، سول يېنىمدا ئۈرۈمچىلىك يەنە بىر ئادەم يېتىپ داۋالاندۇق. ئۆز-ئارا بوپ كەتتۇق. ھەق ھېساپلاشتا ئەسكە ئېلىشقا لازىم بولار دەپ يېڭى كىتابىمنى ئېلىپ چىققانكەنمەن. ھۆججەت ئىزدەپ تارتمىدىن ئېلىپ ساپتىمەن. بۇنى كۆرۈپلا ئابدۇكىرىم دېگەن ئادەم ئۆرۈپ-چۆرۈپ «بۇ ئادەم يازغۈچى ئىكەن، كۆرۈپ بېقىڭلار، ئۇنداقكەن، مۇنداقكەن» دەپ سول يېنىمدىكى ھېلىقى ئادەمگە پۇلاڭلاتقىلى تۇردى. ئۇ بىر نەچچە كۈن ئالدىدا ئۆزىنىڭ يازغۇچىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ يىل 52 ياشتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭسىزمۇ مەن ئۇلارنىڭ دادىسىنى شائىر، سنارىست سۈپىتىدە 1980-يىللىرىدىلا تۇنۇيتتىم. بالىسى ھېلىقى ئادەم (ئىسمىنى ئاتىمىدۇق) كارۋاتتىن سەكرەپلا پولغا چۈشۈپ: «ھازىر ھەممە ئادەم كىتاپ يازىدۇ، پالانى مەسچىتنىڭ ئىمامى قوشاق يېزىپ كىتاپ چىقاردى، پۇكۇنىنىڭ زەنجىڭى كىتاپ چىقاردى، قايسى بىرىنىڭ بالىسى چىقاردى، ئۇ چىقاردى، بۇ چىقاردى، نەشىرياتتىكىلەرنى كۈنبويى مېھمان قىلىدۇ، ئاخشىمى قولتىقىغا بىر نېمە قىسىپ يوقلايدۇ، پۇل بولسا چىقىرىۋەرگىلى بولىدۇ. كىتاپ دېگەننى ئۆزى يازمايدۇ، ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ يازىدۇ. يازغۇچى دېگەن ئوغرى، مېنىڭ داداممۇ ئوغرى» دېدى. بۇرۇتسىز دوق، ساقال تارتىپ قالدۇق. ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، زىممىمىزدىكى مەجبۇرىيەت-مەسئۇلىيەتكە نىسبەتەن بىر قۇر ئويلىنىش ئېلىپ بارساق بولىدۇ. ئا مەتتۇرسۇن: سىزنىڭ «ئىككى تەقۋادار»، «يامغۇرلۇق گۈگۈم» قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرىڭىز كىتابخانىلار ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغاپ، ھېكايىرىڭىزغا قىزىقىدىغان نۇرغۇن ئۇقۇرمەنلەرنىڭ قەدىرلەپ ساقلايدىغان ئىسىل كىتاپلىرىغا ئايلاندى، ھەتتا «ئىككى تەقۋادار» قايتا قايتا بېسىلدى، ئوبزورلارمۇ ئىلان قىلىندى، بۇنىڭدىن كىيىن ئۇقۇرمەنلىرىڭىزگە يەنە قانداق ياخشى توپلام ياكى چوڭراق ھەجىمدىكى ئەسەرلەردىن سۇنماقچى بولىۋاتىسىز؟ ئاڭلىسام ئانا دەريا ۋادىسىدا بوز يەر ئېچىپ قورۇق ياسىۋېتىپسىز؟ يۇقىرى قاتلام ئاقسۈڭەكلىرىدىن چىققان مەشھۇر روس يازغۇچىسى تولىستوينىڭ ئۆز قۇرۇقىنىڭ جىمجىتلىغى ۋە ماددى پاراغىتى ئاستىدا بۈيۈك ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىغىغا ھەۋەس قىلىپ مەنمۇ شۇنداق بىر مۇھىت يارىتايچۇ دەپ ئويلىدىڭىزمۇ ياكى «قەلەمدە پايدا قالمىدى» دەپ كەتمەن تەرەپكە ئېغىپ كەتتىڭىزمۇ؟ (چاقچاق) م سۇلايمان: ئەمدى كېلەي، مەن ھالىمغا يارىشا بىر قىسىم ئەسەرلەرنى كىتاپخانىلارغا سۇندۇم. شۇنچىلىك بولسىمۇ ئىككى توپلام بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئورتاقلاشتىم. ئېغىزغا ئالغۇچىلىك نەتىجىمۇ ئەمەس ئەمىلىيەتتە ھازىر ياشىنىش دەرىجىسىگە بېرىپ قالدىم. شۇنداقتىمۇ قان بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقىدۇ دېگەندەكلا يەنە بىر ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى تۈزۈشكە ئىشتىراك بولۇپ قالدىم. بۇنىڭدا باشقىلارنىڭ دالالىتى، رېغىبىتى، ئۆزۈمنىڭمۇ ئىنتىلىشى بار. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنى، بىۋاستە قاتناشقان، يولۇققانلىرىمنى ئاساس قىلىپ، 25 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسلىمە خارەكتىرلىك بىر پارچە ئەسىرىمنىڭ كەمتۈكلىرىنى تولۇقلاپ پىششىقلاۋاتىمەن. ئەسەر كىچىك-كىچىك ماۋزۇلۇق 20 باپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 50 ياشنىڭ مابەينىدىكىلەرگە ئاساسەن ناتۇنۇش نەرسىلەر. ئۇنىڭدىن كىتاپخانلار ئەينى دەۋىر، ئەينى زاماندىكى ۋەزىيەت، ۋەزىپە، شارائىت، جەمئىيەت، قىياپەت، روھى ھالەت، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىكى ئالاقىلەر توغرىسىدا خېلى مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ. ئۇندىن باشقا «قۇتۇپ كىچىسى» نامى بىلەن بىر رۇماننى يېزىپ پۈتتۈردۈم. تولىستوي روسىيەنىڭ 19-ئەسىرىدىكى مەشھۇر يازغۇچىسى بولۇپ، بەدىئى ماھارىتى شۇنچىلىك ئۈستۈنكى، لېنىنمۇ گورگى بىلەنكى سۆھبىتىدە روسىيىدە ئۇنىڭغا ھېچكىم يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنچىلىك يەر- سۇ، ئۈچ مىڭدەك قولغا ئىگە ماددى پاراغەتتىكى بۇ ئادەم راھەت كۆرۈپ تىنىچ ياتماي، قانداق قىلىپ مۇشەققەتلىك ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ روسىيىنىڭ بەدىئى ئەينىكىگە ئايلىنىپ قالدىكىنە دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.  ئەسلىدىن تىگىگە يۇشۇرۇنغان دىت، ئەگىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ئىشتىياقى ھەۋەس ۋە ئۇنىڭغا قۇشۇلغان جاپا، ئەجىر-مېھنەتتىن قاچماسلىق دىمەيمۇ بولماس. تولىستوي كىم، بىزلەر كىم، بكارغا مېنى چاقچاققا ئېلىپ ئۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ قويدىڭىز. بىلدىم. نېمىشقا بوز يەر ئاچتىڭ-دېمەكچىسىز. بوز يەرگە يۈرۈش قىلىپ سالدۇق. راست، مەقسەت-قېرىغاندىكى جىمجىتلىقنى قوغلاش، ھەركەت ئارقىلىق تەننىڭ خوراپ بېرىشىنى ئاستىلىتىش، نۆۋىتىدە ئاز-تولا ئىقتىسادى قىممەت يارىتىپ، ئۆز ئەھۋالىمىزنى ياخشىلاش، ئالدىن بېيىغانلارنىڭ كەينىگە ئەگىشىپ يىتىش، بىزنىڭمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ماشىنا ئېلىپ مىنگىمىز، ئايرىپىلاندا ئولتۇرغىمىز، ئاز-تولا سەيلى-ساياھەتتە ھاۋا يەپ كۆرمىگەننى كۆرۈپ كەلگىمىز يوقمۇ، بىز قېرىلىققا يۈزلەنگەنلەر تېز يازالماسلىق، يازساق ئېلان قىلدۇرالماسلىق يۈز بېرىۋاتقان، ياش مۇھەررىر بۇرادەرلەرگە بارغانسىرى ناتۇنۇش تۇيىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇمۇ بىر ئەدەبى مەشغۇلاتتىن تاشقىرقى گەدەندە نىسى قېپقالغان، لېكىن ئىجادىيەتكە يانداشقان جىسمانى ئېغىش-كەتمەن چېپىشتۇر، ئېھتىمال. شۇنىسى قەلەم بىلەن كەتمەندىكى پايدا ئوخشاشكەن. قەلەمدە نەپ ئاز بولغىنىدەك كەتمەندىمۇ شۇنداقكەن. ئىككى يىلچە بوپتۇ، تاپقان-تەرگىنىمنى يەر يۇتۇپ كەتتى. پايدا يەنى ئون يىلدىن كېيىن كۆرۈلەرمىش. نەچچىلەپ پۇل، ئەمگەك كۈچى زىيىنىغا كەتمەن چاپتىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزمۇ ھاللىنىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس. ھا، ھا، ھا ئا مەتتۇرسۇن: ئۇنداقتا ھېلى تىلغا ئالغان ئاشۇ «قۇتوپ كىچىسى» ناملىق رۇمانىڭىز ھەققىدە ئازراق بىر نەرسە دەپ بىرىپ باققان بولسىڭىز؟ «قۇتۇپ كېچىسى» بىرىنچىسىدەك ئۆزلىكىدىن يوقالماي تېخىچە مەۋجۇت تۇرغان رومانىم ھېساپلىنىدۇ. 2004-يىلى «شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى» تىراژ توپلانمىسىنىڭ بىرىنچى بېتىدە شۇ يىلى چىقىدىغانلىقى توغرىلىق كاپىيەن ئېلانى بەرگەندىن كومپىيوتېردا ئۇرۇلۇپ كوررىكتورلىقى ئانچە-مۇنچە ئىشلەنگەن بولسىمۇ باش تەھرىر بۆلۈمى كۆرىۋاتىدۇ، ئۇ كۆرىۋاتىدۇ، بۇ كۆرىۋاتىدۇ بىلەن خېلىغىچە ئۈن-تىۋىش چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن تىرىكىپ ئۇنىڭ ئالاقىسىدىن چىقىپ كەتتىم. ۋاقتى بۇ يىلغا يەتكەندە تەھرىر يولداش مۇھەممەتتۇردى مىرزا ئەخمەت ئۇ توغرىسىدا تېلىفۇندا ئىزدەپ مېنى تاپالماپتۇ. بۇ يىل 7-ئايدا داۋالىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۇچراشقىنىمدا روماننى چىقىرىدىغانلىقىنى، قىسمەن ئورۇن يۆتكەش قىلغان ئاساستا سەل قىسقارتىپ، ئايرىم باغلانما بۆلەكلىرىنى تولۇقلاپ تېزراق ئىبەرتىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. رومان ھازىر قولۇمدا. ۋاقىت چىقىرىپ شۇنىڭغا ئىشلەيمىكىن دەپ تۇرىمەن. سېنىڭ توخۇڭ زادى تۇغامدۇ، تۇغمامدۇ-دەپ سوراپ كەتكەنلەرمۇ جىق بولدى. مۇشۇ توغرىلىق گېزىت-ژورنالدا ئانچە-مۇنچە گەپ چىققان ئىدى. بۇ ھەقتە ھېچكىمگە ھېچنىمە تىنمايدىغان ئىشكەن بايا. ئۆزۈممۇ خېلى بەك خىجىللىقتا. راست چىقامدۇ-يوق، ھازىرچە يەنىلا بىر نېمە دېمەك تەس. چىقسا چىققاندا كۆرىمىز، چىقسا ماۋزۇسى ئۆزگىرىپ قالارمىكىن، ياكى ئەسلى ماۋزۇسى بويىچە بولىۋېرەرمىكىن. مۇشۇنچىلىك سۆزلەي، سىزگە رەھمەت! ئا مەتتۇرسۇن: قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئېلىپ بىمەھەل مالال قىلدىم، سىلىگىمۇ كۆپتىن كۆپ رەھمەت! ئاخىردا تەنلىرىگە سالامەتلىك، ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق، ئائىلىلىرىگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن!


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شائىر مۇھەممەد رەھ...
●  پىچىرلاش(كۆكلەمى)
●  پادىشاھنىڭ كىيىمى ...
●  تولۇقچى قوڭغۇزنىڭ ...
●  ئۆمەر مەتنۇرى قۇتي...
●  ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ ...
●  شائىر رەخىم ياسىن ق...
●  شائىرە رىسالەت مەر...
●  باشقۇرغۇچىلارغا تە...
●  شائىر قۇربان ئابلى...
●  شائىرە، ئاتىكەم سى...
●  شائىر  غوجىمۇھەمم...
●  شائىرە چىمەنگۈل ئا...
●  قاراتېكىن يېڭى ھۆس...
●  ئەدەبىيات تەتقىقات...
●  تونۇلىۋاتقان  ياش ...
●  مەرھۇم ھۈسەيىن تاش...
●  يېزىش- كىتاپ ئوقۇشت...
●  مونولوگ...ئەخمەتجان...
●  شائىر، نەسىرچى ۋە ژ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شائىر مۇھەممەد رەھىم
●  پىچىرلاش(كۆكلەمى)
●  پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ...
●  تولۇقچى قوڭغۇزنىڭ ساياھ...
●  ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ...
●  ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ قىسقى...
●  شائىر رەخىم ياسىن قاينا...
●  شائىرە رىسالەت مەرداننى...
●  باشقۇرغۇچىلارغا تەۋسىي...
●  شائىر قۇربان ئابلىمىتنى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى