شائىر، نەسىرچى ۋە ژۇرنالىست ئەركىن نۇر
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-28 02:22:27 كۆرۈلۈش سانى : 31
[align=center][img]https://p6.images22.51img1.com/6000/raxit1973/6f0c67646c96e8b8bd2415a18446f7cd.gif[/img][/align]
[align=center]شائىر، نەسىرچى، ژۇرنالىست ئەركىن نۇر[/align]
شائىر، نەسرچى ۋە ژۇرنالىست ئەركىن نۇر 1965 - يىل 5 - ئايدا كۇچا (ناھىيسىنىڭ خانىقاتام يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ، 1981 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1986 - يىل 7 - ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن <تەڭرىتاغ> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان. ھازىر بۇ ژۇرنالنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى
ئەركىن نۇر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1984 - يىلى <ئىلى دەرياسى> ناملىق ئەدەبىي ئوبزۇرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، ئەدەبىياتنىڭ كۆپ ساھەلىرىدە قەلەم تەۋرىتىپ <>ئىزدىنىش< رومانىنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا> قاتارلىق ئوبزۇرلارنى، <يىراق ۋە يېقىن>، <ھۇۋلاپ تۇرار مەندە بىر دېڭىز>، <يىلان> قاتارلىق شېئىرلارنى؛ <يىلتىز>، <سەمەندەر>، <شەكىلسىز ئايال> قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەدەبىي ئاخبارات - ھېكايىلارنى؛ <كۆلەڭگە>، <كۆيگەن ياشلىق> قا ئوخشاش نەسرلەرنى يازغان.
ئەركىن نۇر يەنە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى داڭلىق يازغۇچى - شائىرلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بەزى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.
ئەركىن نۇر ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى." |
|