بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> دېرىزىنىڭ سىرتىدا... >> <<ئوقۇغۇچۇمغا نەسىھەت>>(تەرجىمە ئەسەر)

<<ئوقۇغۇچۇمغا نەسىھەت>>(تەرجىمە ئەسەر)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-22 19:07:21    كۆرۈلۈش سانى : 243  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
دوستلار، مەن 1ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ بولدۇم. ئەمما، قايتا قايتا ئويلانساممۇ بىراق، بۇ تەرجىمە ئەسىرىمنىڭ زادى قايسى ژورنالغا ماس كېلىدىغانلىقىنى ھېچ بىلەلمىدىم.  بۇ ئەسەرنى 2-ئايدىلا تەرجىمە قىلىپ بولغان ئىدىم. تا ھازىرغىچە ئېلانقىلدۇرالمىدىم. مەن ئويلايمەن، بۇ توربەتكە نوپۇزلۇق ژورناللارنىڭ مۇھەررىرلىرى، تەھرىرلىرى، ھېچ بولمىسا تەرجىمە يولىدا ئىزدىنىۋاتقان دوستلار كىرىشى مۈمكىن دىگەن ئۈمىددە مۇنبەرگە يوللىدىم.  شۇڭا، دوستلارنىڭ ماڭا ياردەم بېرىشىنى چن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.  (ژورنالدا ئېلان قىلدۇرلىدىغانلىقىم ئۈچۈن، مەزمۇنلىرىنى قىسقارتىپ يوللىدىم) تەرجىماندىن ئوقۇغۇچۇمغا نەسىھەت ۋېي جىيەن مېي بىرىنچىدىن: «ئەۋلاد ئارىسىدىكى ھاڭ» دەيدىغان سۆزنى تاشلىۋەت. ھازىر نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇستازى تەلىم بەرگەن ۋاقىتتا، ھە دېسىلا « ئەۋلاد ئارىسىدىكى ھاڭ» دىگەن سۆز بىلەن ئۆزىنى ئاقلايدۇ، ھەتتا، 18ياشلىق ئاچىسى 16ياشلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ياخشى ئۈگىنىشكە ئېلھاملاندۇرغان چاغدا، ئۇ:« ئاچا، سەن قېرپ قالدىڭ» دەيدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار كۆپىنچە « 80-يىللىرى تۇغۇلغانلار»، «90-يىللىرى تۇغۇلغانلار»، «يېڭى ئەۋلاد» قاتارلىق سۆزلەرنى كۆپ ئىشىلتىلىشىدا ئىپادىلىنىدىغان بولوپ، سالاھىيەتتە ئۈستۈن تۇرغۇچىلار بىلەن قارشىلىشتا ئىشلىتىدىغان بىرخىل سۆز تاكتىكىسى. ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەت تارىخى ۋە ئىددىيە مەنبەسىنىڭ پايدىسىز ئورنىدا تۇغانلىقىنى ھېسقىلغاندا، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرمەي ئەكىسىنچە، «ئەۋلاد ئارىسىدىكى ھاڭ» دەيدىغان چەك-چېگرىنى قارشىلىق كۆرسىتىدىغان يول قىلىپ تاللىۋىلىپ، «سىلەرنىڭ ئەشۇ بىلىمىڭلار، كەچۈرمىشىڭلار، شەكىللەنگەن كۆز قارشىڭلار ئەۋزەللىك بولماي، ئەكسىنچە سىلەرنىڭ كونا نەرسىلەرنى تونىۋېلىشىڭلارغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ دېيىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدا كوللىكتىپ ھالدىكى«مەنىۋى ئەۋزەللىك» ئىگەللەيدۇ. مېنىڭ قارىشىم بولسا، «ئەۋلاد ئارىسىدىكى ھاڭ» گەرچە ئوبىكتىپ ھالدا ساقلىنىپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇ، پىداگوكلار ۋە جەمئىيەتشۇناسلار تەتقىق قىلىدىغان تېما، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇستازلىرىغا قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ۋە ئۆز-ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىدىغان باھانە ئەمەس. بۇرۇنقىلارنىڭ ئىددىيە كۆزقارشى ۋە ھەركەت ئۇسۇلى ئېھتىمال ساڭا ياقماسلىقى مۈمكىن، بىراق ئۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسى بىلىملىرى ۋە ئەقىل پاراسىتىنىڭ خۇلاسىسى، يەكۈنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق داۋلىلىرى ۋە لوگىكىسى بولۇشى چوقۇم. سەن قۇبۇل قىلمىساڭمۇ بولىدۇ، ئەمما ھۆرمەتسىزلىك قىلىش سالاھىيىتىڭ يوق.     بەزى سىتۇدېنتلار مەن يازغان ماقالىلەردىكى باشقىچە «پۇراق»نىڭ بارلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن، مېنى خاتا ھالدا ياشلارغا ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قوللىغۇچىسى دەپ قاراپ، مېنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان خاسلىقىنى نامايەن قىلدى. مەن خاسلىققا ئىگە ياشلارنى ياقتۇرىمەن، ئەمما، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى بولسا، نادانلىقنى ئۆزلىرىنىڭ خاسلىقى قىلىۋاپتۇ. مەسىلەن، بىرەيلەن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا پېشقەدەملەرگە ھاقارەت خاراكتىرلىق چاقچاق قىلدى، مەن ئۇنى تەنقىد قىلغاندا ئۇ گۆلىيىپ: «ھەممىڭلار ئابرۇيكەش»، « مەن پەقەت كۆپچىلىككە يېقىن بولاي دېدىم، ‹ئەۋاد ئارىسىدىكى ھاڭ› بىلەن مېنى توسىما» دىگەن ئىدى. يەنە، بەزى ئوقۇغۇچىلار قىلچە تەپتارتماستىن مېنى «لۇشۈننى كۆپتۈرۋەتتى»، « ئەسەبىي» دەپ ئەيىپلەشتى. ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق قاپ يۈرەك بولۇشىدىكى ئاساسى بولسا، ھەممە كىشى « باراۋەر» بولۇشتىن ئىبارەت. بىراق، ھەقىقىي باراۋەرلىك بولسا، ئادىمىيلىك ۋە ھەقىقەتنى قوغلىشىشتا ھەم كەسپىي بىلىمدە بولىدۇ، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» نى تولۇق ئوقۇپمۇ باقمىغان بىرئادەم «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تەتقىقاتچىسى بىلەن سۆزقىلىش ھوقوقىدا قانداقمۇ تەڭ بولالىسۇن؟      مېنىڭ نەچچە يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا كۈزەتكەنلىرىمگە ئاساسلانغاندا، ھازىر بەزى ئوقۇغۇچىلاردا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بىر تەرىپى بولسا، ئۇلاردا غەربنىڭ قىممەت قارشىدىكى مۇستەقىللىق روھى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنىڭ ئىپادىلەنمەسلىكى بولوپلا قالماي يەنە، ئەنئەنىۋى بولغان « سەمىيمىيلىك، سادىقلىق» ۋە «رەھىمدىل بولۇش، ۋىجدانلىق بولۇش، ئاددىي-ساددا بولۇش، كەمتەرلىك، يول قويۇش» قاتارلىق قىممەت قاراشلىرىنىڭ تاشلىۋىتىلىشى، ئۆزىنى كۆپتۈرۋېتىشى ۋە يەنە مەسئۇلىيەت روھىنىڭ كەمچىك بولۇشىدۇر. بۇنىڭدىكى ئىنتايىن بىر مۇھىم سەۋەب بولسا، ئاخبارات ۋاستىللىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ بىلىپ بىلمەي ئۇلارغا  «ئەۋلاد ئارىسىدىكى ھاڭ» نى پۇرىتىۋاتقانلىقىدۇر. بولوپمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «تاماششا مەنىۋىيىتى»نىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن، ھەتتا جوڭگۇلۇقلارنىڭ نۇرغۇن ئەن-ئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى چىرىك، قالاق نەرسىلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئالماشتۇرلۇپ قارىلىپ، بىردەم « خاسلىق»نى جارىي قىلدۇرۇپ، بىردەم «80-يىللىرى تۇغۇلغانلار»، «90-يىللىرى تۇغۇلغانلار»نىڭ خاراكتېرىنى داۋراڭ سېلىپ، بۇ ياشتىكى ياشلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىپ، بىر تۈركۈم تېشى پال-پال، ئىچى غالغال«ياشلار مەبۇدىلىرى»نى ياساپ چىقتى، نەتىجىدە بولسا، قورقۇنۇچلۇق بولغان پىسخىك«ھاڭ» ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى «ھاڭ» نى كولاپ چىقتى. مېنىڭ سىتودېنتلارغا دەيدىغان بىرىنچى تەكلىۋىم: كۆڭۈل ئېچىش دەۋرى ۋە ئاۋات سودا دەۋرىنىڭ ساڭا تاڭغان ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، «ئەۋلاد ئارىسىدىكى ھاڭ» دەيدىغان، ساڭا قىلچە پايدىسى يوق سۆزنى ئۇنتۇپ كەت. ئۆزۈڭ ياقتۇرمايدىغان ئادەم ۋە ئىشلارغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگەن، بولوپمۇ، ئۇستازلىرىڭنى. چۈنكى بۇ بىر، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى زۆرۈر بىر ھالقا، شۇنداقلا سېنىڭ ئۆز-ئۆزۈڭنى بېيىتىشىڭدىكى زۆرۈر جەريان. ئىككىنچى: «مۇۋەپپىقىيەت ئىلمى» دىن يىراقلاش. ھازىر ھەرقانداق ھادېسە ياكى شەخىسكە باھا بەرگەندە، «مۇۋەپپىقىيەت ئىلمى»نىڭ تەبىرى بويىچە ئانالىز قىلىش مودا بولىۋاتقان بولوپ، مۇشۇ ھادېسە ياكى مۇشۇ شەخسنىڭ «مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى»دىكى «زۆرۈر ئېلمېنت»لىرىنى قېزىپ توپلاپ، ھەربىر ياشقا زورلاپ تېڭىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مەتبۇئاتلاردا كۆپتۈرۈپ سۆزلىنىۋاتقىنىمۇ بۇخىلدىكى «مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلار»، كىتاب خانىلاردا تىزىپ قويۇلىۋاتقىنىمۇ مۇشۇ خىلدىكى «مۇۋەپپىقىيەت ئىلمى»، تۈرلۈك تەربىيلەش ئورگانلىرىدا ئەۋج ئېلىۋاتقىنىمۇ«مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش بويىچە تەربىيلەش بولىۋاتىدۇ، ھەتتاكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئوقۇغۇچىلارنى دەرسىگە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ئېسيادى بىلەن شۇ دەرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدە «مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش»تىكى مۇھىملىقىنى كۆپتۈرۈشكە مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. مۇشۇخىلدىكى سۆزلەر ئاستىدىكى ئاتالمىش« مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش»لارنىڭ ھەممىسى ماددىيلاشتۇرۋېتىلگەن، مىقدارلاشتۇرۋېتىلگەن كۆرسەتكۈچلەردۇر. ئاددىيسىنى ئېيتقاندا، نام-مەنپەئەتنىڭ ئىشىلتىلىش دەرىجىسىدىن ئىبارەت. ھەقىقەت ئىزلەش، كىشىلىك قەدىر-قىممەتنىڭ تاكامۇللىشىشى، مۇھەببەت ۋە گۈزەللىككە بولغان چۈشەنچە قاتارلىق مۇھىم نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى «مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئىلمى»نىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى. گەرچە «مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئىلمى» بەزىدە ئادەمنىڭ پەزىلىتىگە چېتىلسىمۇ، ئالايلۇق، بىركىشى باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان بولغانلىقتىن، كۈتۈلمىگەن ئىنئام ۋە ياخشىلىققا ئېرىشكىنىدەك، لېكىن بۇخىل تەبىرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا كۆزلەيدىغىنى يەنىلا مەنپەئەتلىك بولۇش، ئۆرپ ئادەتلىك بولۇش، شۇنداقلا مەبلەغ سېلىپ، ئىشلەپ چىقىرىشتەك سودا تەپەككۇرىدۇر. يەنەبىر چۇڭقۇر قاتلىمى بولسا، ھاياتقا قارىتا، ئىچكى قەلب تۇرمۇشىنى سىرتقىي ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. بىز ھەممىمىز مۇنداق بىر ھەقىقىي مىسالنى بىلىمىز: ترومىن ئامىرىكا پرېزدېنتى بولوپ سايلانغان ۋاقتىدا،  بەزىلەر ئۇنىڭ ئانىسىنى مۇبارەكلەپ:«سىزنىڭ مۇشۇنداق بالىڭىزنىڭ بولغانلىقىدىن چوقۇم پەخىرلىنىسىزغۇ دەيمەن» دېگەندە، ئۇنىڭ ئانىسى:«شۇنداق. بىراق مېنىڭ يەنە بىر ئوغلۇم بار، ئۇمۇ ئوخشاشلا مېنى پەخىرلەندۈرىدۇ، ئۇ ھازىر ئېتىزدا ياڭيۇ قېزىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. ھېلىقى «ياڭيۇ قېزىۋاتقان» ئوغۇل «مۇۋەپپىقىيەت شۇناس»لارنىڭ نەزىرىدە تەبىئىيلا بىر مەغلۇبىيەتچى ھېسابلىنىدۇ، بىراق، خاتىرجەم ھالدىكى ئانا-بالىنىڭ ھاياتىنى كىممۇ پىرىزدنتقا قارىغاندا مەغلۇببولغان دېيەلىسۇن؟ ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇدۇڭ، بىلىم ۋە ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان ئىزدېنىشىڭ بارا-بارا ئايدىڭلىشىشى كېرەك. مېنىڭ تەكلىۋىم بولسا، ئەنە شۇنداق ئادىمنىڭ روھىنى زەھەرلەيدىغان، مەنپئەتكە كۈشكۈرتىدىغان«مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئىلمى» دىن ئۈزۈنكېسىل يىراقلاشقىن، قانچە يىراقلاشساڭ شۇنچە ياخشى، بولمىسا ئەشۇ شاخلىتىپ سېتىشقا قىزىقتۇرغۇچىلار بىلەن ماھىيەت جەھەتتە پەرقىڭ قالمايدۇ. ئۈچىنچىسى، دەرىسلىك كىتابنى ئازراق ئوقۇپ، دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى كۆپ كۆرگىن.    مەن دەرىس سۆزلىگەندە دەرسلىك كىتابنى ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىمەن. چۈنكى، مېنىڭچە ئۇنداق قىلىش-ئەڭ ھورۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇسۇلى، ھەم ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويىغان ۋاستە. لېكىن، مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمغا قويىدىغان تەلىپىم بولسا، دەرستىن سرتقى كىتاپنى كۆپرەك كۆرۈش. مەسىلەن: مېنىڭ ئۆتىدىغان بىر دەرسىم«ئاخبارات ئوبزورچىلىقى». بۇبىر ئەمەلىيەتچىل دەرس، شۇنداقلا كۆپ كىتاب كۆرۈش، كۆپ يېزىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە، دەرىسلىك كىتاپنىڭ ئاپتۇرلىرى گېزىت-ژورناللارغا ياققۇدەك بىرەر پارچە ئوبزورمۇ يېزىپ چىقالمايدۇ، ئەكىسنچە، ئۇلارنىڭ كۆپلىرى «كونا مۇقام»لارنى توقۇپ چىققۇچىلار. ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى كونا، قوللانغان سۆز-ئىبارىلىرى مۇتەئەسسىپ، لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس، ھەقىقىي ئوبزورچىلارمۇ ئوقۇشقا ئامالسىز. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەنئەنىۋى «ياخشى ئوقۇغۇچى»لار بۇنىڭ زىيىنىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۆلۈك يادلىسىلا، ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى يۇقىرى نۇمۇر بىلەن «تارتۇقلايدۇ»، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇغۇچى بۇ دەرستىن ماڭغانسېرى يىراقلىشىدۇ.=   دەرستىن سىرتقى ماتىرياللارنى تاللاش توغرا كەلگەندە چوقۇم ئدىىيىۋىي تۈردىكى كىتابلار بولۇشى كىرەك، بۇ مېنىڭ كۆز قارشىم. بىز پەقەت ئەشۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇتەپەككۇرلار بىلەن قەلىبلەرنى تۇتىشىدىغان ئورتاقلىق، بىردەكلىك ئىزلىسەكلا، ئاندىن زۆرۈر بولغان يۇقىرى دەرىجىدىكى پىسخك نىشانغا يېتەلەيمىز. چوقۇم چۈشۈنىۋىلىشقا تىگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئالىي مەكتەپ، ئۇ يەسلى ئەمەس، ئەشۇ نۇقسانلىرى كۆپ «ئەخلاق دەرىسلىكلىرى»نى ھەرگىزمۇ قاندۇرالمايدۇ. نۇرغۇن سىتۇدېنتلار ماقالە يازسا ماتىريال ئىشلەتمەيدۇ، ئىشلەتتى دىيىلگەندىمۇ،  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۈگىنىۋالغان كونا مۇقاملاردىنلا ئىبارەت. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە رۇسسۇ(فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇر، 18-ئەسىردىكى مەرىپەتچىلەرنىڭ ئۈچ چوڭ يولباشلىغۇچىلىرىنىڭ بىرى)، توماس فان، مۇنتىسكىيۋ، جىففىرسون، ھايىكلار يوق تۇرۇپ، يۇقىرى پەللىگە قانداقمۇ يىتەلىسۇن؟   تۆتىنچى: «چوقۇنغۇچى» بولوپ قالما ھازىرقى سودا ئاپپاراتلىرى ۋە تارقاتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ستۇدېنتلارنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ماقالە يېزىشقا ئامراق، «چوقۇنۇش» مەدەنيىتىنىڭ «باش قەھرىمانى» غا دائېم ساددا ستۇدېنتلارنى رول ئالغۇزىدۇ. نۇرغۇن تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى تەھرىر، رىژىسورلار مېنى ئۇلارغا سىتۇدېنتلارنى تېپىك كېلىپ، « گۇپپاڭچىلىق» قىلىدىغان نەقمەيدان تاماششىبىنلىرى ۋە «ئاممىۋىي ئارتىس» بولوپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. مەن رەت قىلدىم، قائىدىسى ئاددى: مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ياش سىتۇدېنتلارنى ئارتىس چولپانلارغا قانداقتۇر «سىزنى سۆيىمەن»، «ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەنەي» دەپ توۋلىغۇزۇش، مېنىڭ نەزىرىمدە ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىش.    جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدە، ئاڭلىق-ئاڭسىز ھالدا «سىتۇدېنت» دىگەن بۇ ئىسىم بىلەن «ئەقىلسىز»، «گۆدەك» دىگەن ئىسىملارنى بىرلەشتۈرۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمەن.    شۇڭا، مېنىڭ سىتۇدېنتلارغا بېرىدىغان تەكلىۋىم بولسا، قانداق چولپانلار توپو بولسۇن، ھەممىسى بىزنىڭ بەھىر ئېلىش ئوبىكتىمىزدىنلا ئىبارەت. سىلەر ياقتۇرساقلار بولىدۇ، كۆڭۈل بۆلسەڭلار بولىدۇ، ماختىساڭلار بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا، ئۆز ئىززەت ئابرويىڭلارنى ساقلىغان ھالدا قىلساڭلار بولىدۇ. ھەرقانداق شەخسلەرنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۆزۈڭلارنى چاكىنىلىقلارنىڭ « چاڭ-توزانلىرى»غا كۆمۈۋېتىشىڭلارغا سەۋەب بولوپ قالمىسۇن. بولمىسا سىلەر«قەدىرقىممەتكە ئىگە»، «باراۋەر»، «كىشىلىك قەدىر قىممىتى تولۇق يېتىلگەنلەر دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپ كەلمەي قالىسىلەر، «يېڭى دەۋىنىڭ سىتۇدېنتلىرى» دەپ ئاتىلىشقا تېخىمۇ ماس كەلمەي قالىسىلەر.    سەن ئىخلاسمەن ئاڭلىغۇچى، قىزغىن تاماششىبىن، سادىق ئوقۇرمەن بولساڭ بولىدۇ، بىراق سەن نادانلارچە ئەگەشكۈچى، ئۆز-ئۆزۈڭگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ئاتالمىش «چوقۇنغۇچى» بولوپ قالما. (قىسقارتىلمىسى) ئەلىجان تۇرسۇن تەرجىمىسى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  <<ئوقۇغۇچۇمغا نەسىھ...
●  يىراقتىكى يارغا تە...
●  مەنمۇ تەرجىمەمنى <<...
●  بامبۇك نەي)تۇنجى تە...
●  ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﺘﻰ
●  ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻳﻠﯘﻕ ﻣﯘﯬﻟﻠﯩﻢ...
●  بالا چولپان ئېرفان ...
●  (قىيا) بابلو.نرۇدا ش...
●  شېئىرغا ئايلىنىش خ...
●  ﻳﯧﯖﻰ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ ( ﻓﯩﻠﻴﻪﺗﻮﻥ )...
●  ﻗﺎﺭﺍﭼﻪ ﯮﻏﻼﻥ ﺷﯧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  ﻳﯘﻧﯘﺱ ﯬﻣﺮﻩ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﺗﯩﻞ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﻪﺭ -2...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  <<ئوقۇغۇچۇمغا نەسىھەت>>(ت...
●  يىراقتىكى يارغا تەرجىم...
●  مەنمۇ تەرجىمەمنى <<بازار...
●  بامبۇك نەي)تۇنجى تەرجىم...
●  ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﺘﻰ
●  ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻳﻠﯘﻕ ﻣﯘﯬﻟﻠﯩﻢ...
●  بالا چولپان ئېرفان ۋە ئى...
●  (قىيا) بابلو.نرۇدا شېئىر...
●  شېئىرغا ئايلىنىش خاتىرى...
●  ﻳﯧﯖﻰ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ ( ﻓﯩﻠﻴﻪﺗﻮﻥ )...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى