يارنىڭ خېتى
گىيوتى
كۆزۈڭدىن كۆزۈمگە كىردى بىرقاراش،
لېۋىڭدىنلېۋىمگە ئىزسالدى سۆيۈش.
كىم مەندەك ئېرىشتى بۇكاپالەتكە ،
قايسى ئىش قوزغايدۇ مۇنداق سۆيۈنۈش .
مەن ساڭا خوش دېدىم ،ئايرىلدىم سەندىن ،
خىيالىم ئۈزۈلمەس ئۇ ئۇچار ھامان .
ئۇ قاراپ ئۇچىدۇ ئاشۇ چاغلارغا ،
ئۇياخشى چاغ ئىدى مەن ئۈچۈن بىرلا .
يىغلاشقاباشلايمەن ئارقىدىن شۇئان
سەزمەيمەن كۆزيېشىم توختار تۇيۇقسىز ،
ئويلايمەن ،ئۇئىدى مول ھېس-تۇيغۇلۇق .
جىمجىتلىق ئىچىدە ئويلايمەن شۇنداق ،
يازمىساڭ بولامدۇ سەن ماڭا مەكتۇپ .
قۇلاق سال ئاڭلانسا پىچىرلاشلىرىم ،
ئۇندا بار سېغىنىش دەردى زىيادە .
بىردىنبىر بەختىمدۇر سېنىڭ نىيىتىڭ
شۇ ئەزگۈ نىيەتنى قىلغىن ئىپادە